دولقۇن ئەيسا: «ئارگېنتىنا پارلامېنتى بىلەن ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردۇق»

0:00 / 0:00

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئارگېنتىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل خادىملىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارشى خەلقئارالىق بىرلىكسەپتىن ئورۇن ئېلىشقا چاقىرغان. دولقۇن ئەيسا بۇ سۆزلەرنى 29-ماي كۈنى ئېيتقان.

بۇ ھەقتە دولقۇن ئەيسا بىلەن بىرگە ئارگېنتىناغا كەلگەن د ئۇ ق باياناتچىسى زۇمرەتئاي ئەركىن خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «قۇرۇلتاي ھەيئىتى ئارگېنتىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى زىيارەت قىلىپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل خادىملىرى بىلەن كۆرۈشۈپ سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۇچرىشىشتا قىلغان سۆزىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچار بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى يەھۇدىيلار دۇچار بولغان ئېچىنىشلىق تراگېدىيە بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىنى، ئۆز ۋاقتىدا ‹ئەمدى ئەسلا تەكرارلانمايدۇ› دېيىلگەن ناتسىستلار لاگېرلىرىنىڭ ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قايتا تەكرارلىنىشىنىڭ ئىنسانىيەت دۇنياسى ئۈچۈن ئېغىر بىر ئار-نومۇس ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توسۇپ قېلىشنىڭ خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ ئىنسانىي بۇرچى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ، ئارگېنتىنا ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ئۆزىنىڭ خەلقئارالىق مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ۋەھشىيلىكلىرىگە قارشى ئۆزىنىڭ مەيدانىنى ئوچۇق بىلدۈرۈشىنى ھەم ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى شەكىللەنگەن خەلقئارالىق بىرلىك سەپتىن ئورۇن ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى».

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا، قۇرۇلتاي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات، قۇرۇلتاينىڭ باياناتچىسى ۋە قۇرۇلتاي ئاياللار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەتئاي ئەركىنلەردىن تەركىب تاپقان قۇرۇلتاي ھەيئىتى 23-ماي كۈنى باشلىغان بىرازىلىيە زىيارىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇرۇپ، 27-ماي كۈنى ئارگېنتىناغا يېتىپ كەلگەنىدى. ئۇلار 29-ماي كۈنى ئارگېنتىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئۇچرىشىش ۋە سۆھبەتلەردە بولغان.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنى ئارگېنتىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئۇيغۇرلارنى قوللىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەيئىتى ئارگېنتىنادىكى جۇمھۇرىيەتلىك ئىسلام مەركىزىنى زىيارەت قىلىپ، مەزكۇر مەركەزنىڭ رەئىسى فابىئان ئانكاھ (Fabian Ankah) ۋە باش كاتىپى ھاسان ئەل باچا (Hasan El Bacha) بىلەن سۆھبەتتە. 2023-يىلى 29-ماي، بۇئېنوس ئەيرېس، ئارگېنتىنا
دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەيئىتى ئارگېنتىنادىكى جۇمھۇرىيەتلىك ئىسلام مەركىزىنى زىيارەت قىلىپ، مەزكۇر مەركەزنىڭ رەئىسى فابىئان ئانكاھ (Fabian Ankah) ۋە باش كاتىپى ھاسان ئەل باچا (Hasan El Bacha) بىلەن سۆھبەتتە. 2023-يىلى 29-ماي، بۇئېنوس ئەيرېس، ئارگېنتىنا (twitter/@UyghurCongress)

مەزكۇر ئۆمەك ئارقىدىن ئارگېنتىنا پايتەختى بۇئېنوس ئەيرېستا ئارگېنتىنادىكى بىر مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلمانغا ۋەكىللىك قىلىۋاتقان جۇمھۇرىيەتلىك ئىسلام مەركىزىنى زىيارەت قىلىپ، مەزكۇر مەركەزنىڭ رەئىسى فابىئان ئانكاھ (Fabian Ankah) ۋە باش كاتىپى ھاسان ئەل باچا (Hasan El Bacha) قاتارلىقلار بىلەن ئۇچراشقان. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ئۇچرىشىشتا ئۇلارغا مۇستەبىت خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان مۇسۇلمان تۈركىي خەلقلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىش بىلەن بىرگە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن ئارگېنتىنا جۇمھۇرىيەتلىك ئىسلام مەركىزى ئوتتۇرىسىدا بۇنىڭدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەمكارلىقلار ھەققىدە تەپسىلىي مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئارگېنتىنا جۇمھۇرىيەتلىك ئىسلام مەركىزىنىڭ مەسئۇللىرىنىڭ ئىنكاسى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «ئارگېنتىنا جۇمھۇرىيەتلىك ئىسلام مەركىزىنىڭ رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىمىزدا قىلغان سۆزلىرىدە ئۆزلىرىنىڭ ھەر ۋاقىت ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچار بولۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلىرى بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىنى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى نامىدا 2022-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى ئارگېنتىنا جازا مەھكىمىسىگە سۇنۇلغان ئەرزنامىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى».

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى: «مەزكۇر ئۇچرىشىشتا سىز نېمىلەرنى دېدىڭىز؟ » دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ، مۇنداق جاۋاب بەردى: «مەن سۆزۈمدە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچار بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ «نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى يەھۇدىيلار دۇچار بولغان ئېچىنىشلىق تراگېدىيە بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىنى، 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە يەنى بۇندىن 77 يىل بۇرۇن ‹ئەمدى ئەسلا تەكرارلانمايدۇ› دېيىلگەن ناتسىستلار لاگېرلىرىنىڭ ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قايتا تەكرارلىنىشىنىڭ ئىنسانىيەت دۇنياسى ئۈچۈن ئېغىر ئار-نومۇس ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توسۇپ قېلىشنىڭ خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ ئىنسانىي بۇرچى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتۈم» .

دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەيئىتى ئارگېنتىنادا تەسىرى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان سابىق پارلامېنت ئەزاسى نورما موراندىنى (Norma Morandini) خانىمنى ئۆيىدە زىيارەت قىلدى. 2023-يىلى 29-ماي، بۇئېنوس ئەيرېس، ئارگېنتىنا
دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەيئىتى ئارگېنتىنادا تەسىرى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان سابىق پارلامېنت ئەزاسى نورما موراندىنى (Norma Morandini) خانىمنى ئۆيىدە زىيارەت قىلدى. 2023-يىلى 29-ماي، بۇئېنوس ئەيرېس، ئارگېنتىنا (twitter/@UyghurCongress)

دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى قۇرۇلتاي ھەيئىتى ئارقىدىن ئارگېنتىنادا تەسىرى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان سابىق پارلامېنت ئەزاسى نورما موراندىنى (Norma Morandini) خانىمنى ئۆيىدە زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭغا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ۋە چۈشەنچە بېرىش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭدىن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈش ھەققىدە ئارگېنتىنا پارلامېنتى ۋە ھۆكۈمىتىگە خىزمەت ئىشلىشىنى تەلەپ قىلغان.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە قۇرۇلتاي ھەيئىتى يەنە بۇئېنوس ئەيرېس شەھىرىدە ئارگېنتىنادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، شۇنداقلا مۇسۇلمان، خرىستىئان، يەھۇدىي جامائەتلىرىگە مەنسۇپ دىنىي گۇرۇپپىلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەنمۇ كەڭ كۆلەملىك ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارغا مۇستەبىت خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك خەلقلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەن.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئارگېنتىنادىكى ئادۋوكاتلىرى گابرىئەل كاۋاللو (Gabriel Cavallo) ۋە جۇئان نىئەتولار بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ سوت توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانلىققا قارشى جىنايەت يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاي ھاكىمىيىتى ۋە بۇ خىل قىرغىنچىلىققا بىۋاسىتە قوماندانلىق قىلىۋاتقان شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي ئەمەلدارلىرى ئۈستىدىن 2022-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى ئارگېنتىنا سوتىغا سۇنغان ئەرزىنىڭ ھازىرقى يۈزلىنىشى ۋە بۇندىن كېيىنكى باسقۇچلاردا بېسىلىدىغان قەدەملەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق. بىز ئادۋوكاتلارغا خىتاينىڭ جىنايى قىلمىشلىرى ھەققىدە قوشۇمچە مەلۇماتلار سۇندۇق. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن ئۆتكەن يىلى 8-ئايدا ئارگېنتىنا فېدېراتسىيە سوتچىلار ھەيئىتىگە سۇنغان ئەرزى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ جىنايەت ئىسپاتلىرىنى دۆلەت سوتلىرىغا رەسمىي سۇنۇشى، شۇنداقلا تۇنجى قېتىم خىتاي زوراۋانلىرىنىڭ قەبىھ جىنايەتلىرىدىن ھېساب سوراش يولىدىكى مۇھىم قەدەم ھېسابلىنىدۇ» .

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەيئىتىنىڭ 23-ماي كۈنىدىن ئېتىبارەن لاتىن ئامېرىكاسى دۆلەتلىرىگە قارىتا باشلىغان زىيارىتىگە ئامېرىكا ۋە گېرمانىيەنىڭ لاتىن ئامېرىكاسى دۆلەتلىرىدىكى ئەلچىخانىلىرى يېقىندىن ماسلىشىپ، قۇرۇلتاي ھەيئىتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانىكەن. 26-ماي كۈنى، قۇرۇلتاي ھەيئىتى بىرازىلىيەنىڭ سان پاۋلو شەھىرىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقاندا، ئامېرىكانىڭ سائو پائۇلو باش كونسۇلى جون ئائۇستىن (Jon Austin) ۋە گېرمانىيەنىڭ كونسۇلخانا مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا قۇرۇلتاي ھەيئىتىنىڭ بۇ قېتىمقى لاتىن ئامېرىكاسى دۆلەتلىرىگە ئېلىپ بېرىۋاتقان زىيارىتىنىڭ مەقسىتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەنىدى.