د ئۇ ق رەھبەرلىرى بريۇسسېلدا جەم بولۇپ 2014 - يىللىق خىزمەت پىلانى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى

0:00 / 0:00


دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى ۋە ياۋروپادا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بەزى ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىرى بېلگىيىنىڭ پايتەختى بريۇسسېلدا يىغىن ئۆتكۈزۈپ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھازىرقى جىددىي ۋەزىيىتى توغرىسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىپ د ئۇ ق نىڭ 2014 - يىللىق پىلانى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم رىياسەتچىلىك قىلغان بۇ يىغىن 18 - دېكابىر كۈنى بريۇسسېلدىكى بىر مېھمانخانىدا ئۆتكۈزۈلگەن.

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ رادىئومىزغا بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، بېلگىيىنىڭ بريۇسسېل شەھىرىدە چاقىرىلغان بۇ يىغىندا نۇقتىلىق ھالدا قەشقەر كوناشەھەرنىڭ سايباغ يېزىسىدا مەيدانغا كەلگەن ۋەقەدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان جىددىي ۋەزىيەت توغرىسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ بارغاندىن كېيىن 2014 - يىلى ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەتلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئۇيۇشتۇرۇلدى. بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا تەپسىلى مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى ھەيئەت 14 - 15 دېكابىر كۈنلىرى فرانسىيە، گوللاندىيە ۋە بېلگىيە ئۇيغۇر ئۇيۇشمىلىرىنىڭ سايلاملىرىغا كۆزەتكۈچى بولۇپ قاتناشقاندىن كېيىن، 17 - دېكابىر كۈنى ياۋرۇپا پارلامېنتىدا چاقىرىلغان «خىتاي رەھبەرلىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا ھازىرمۇ ؟» دېگەن تېمىدىكى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغان ئىدى.