دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەيئەتلەر ئۆمىكىنىڭ دانىيەگە ئېلىپ بارغان زىيارىتى 16-مارت كۈنى رەسمىي باشلانغان بولۇپ، د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى ھەيئەتلەر ئۆمىكى دانىيە ھۆكۈمەت خادىملىرى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خادىملىرى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچراشقان.
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 3 كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ قېتىمقى دانىيە زىيارىتىنىڭ مەقسىتى ۋە بۈگۈن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلار توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 2022-يىللىق ھەر قايسى دۆلەتلەرنى، ھۆكۈمەتلەرنى ۋە پارلامېنتلارنى زىيارەت قىلىش پىلانىمىزنىڭ دائىرىسى بويىچە15-مارت كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ھەيئىتى كوپېنھاگېنغا يېتىپ كەلدۇق. مەن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى رىشات ئابباس، رەھبەرلىرىمىزدىن زۇمرەتئاي ئەركىن خانىم، ياۋروپا بىرلىكى پارلامېنتىدىكى ۋەكىلىمىز ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دانىيەدىكى ۋەكىلى ئابدۇخېلىل ئەپەندى قاتارلىق 5 كىشىدىن تەركىب تاپقان ھەيئەت بۈگۈن دانىيەگە ئېلىپ بارغان زىيارىتىمىزنى باشلىدۇق».
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۈگۈن يەنى 16-مارت كۈنى دانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇلارغا ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ قارارىنى ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە تەييارلانغان دوكلاتلارنى بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۈگۈن دانىيەدىكى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا مەخسۇس يىغىن چاقىرىلغان. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالدى.
د ئۇ ق باش مەسلىھەتچىسى رىشات ئابباس ئەپەندى ھەيئەتنىڭ دانىيەگە ئېلىپ بارغان زىيارىتىنىڭ مەقسىتىنىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» توغرىسىدا ئۇيغۇر كوللېگىيەسى چىقارغان قارارنى چۈشەندۈرۈش ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پروگرامما دىرېكتورى زۇمرەتئاي ئەركىن خانىم دانىيەدە ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئاڭلىتىشنىڭ زور ئەھمىيىتى بارلىقىنى، چۈنكى مەزكۇر دۆلەتنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى رولىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىگە دانىيە ئاخباراتىنىڭ ناھايىتى قىزىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
د ئۇ ق ھەيئىتى17-مارت كۈنىمۇ مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارىدىكەن.