«دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 2020-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى» نى ئېلان قىلىش تور يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

د ئۇ ق نىڭ 2020-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلىش تور يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى مۇھاكىمە قىلىندى.

7-ماي كۈنى د ئۇ ق ئۆزلىرى ھازىرلىغان 2020-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق ئومۇمىي دوكلاتىنى ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن تور يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەسى توغرىسىدا مۇھاكىمىلەر ئېلىپ باردى. يىغىنغا ئامېرىكا، ئاسىيا، ئاۋىسترالىيە ۋە ياۋروپا قىتئەلىرىدىكى 20 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن 50 دىن ئارتۇق ھەر ساھە سىياسىي ئاكتىپلار، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، تەتقىقاتچىلار، مۇخبىرلار ھەم بىر بۆلۈك ئۇيغۇرلار قاتناشتى. يىغىنغا د ئۇ ق نىڭ پروگرامما يېتەكچىسى زۇمرەتئاي ئۇيغۇر رىياسەتچىلىك قىلدى.

بىر يېرىم سائەت داۋام قىلغان بۇ يىغىندا ئالدى بىلەن ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسارى نۇرىي تۈركەل ئەپەندى سۆز ئېلىپ، ئۇيغۇرلار ۋە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادا پەيدا قىلغان تەسىرلىرى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى. ئارقىدىن سۆز ئالغان ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ دىتېكتورى سوفى رىچاردسون خانىم د ئۇ ق ھازىرلىغان 2020-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنىڭ ئەھمىيىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، بۇ دوكلاتنى بارلىق دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتلىرىغا ۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا يەتكۈزۈشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇلار سۆزىدە خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ خىتاي زۇلۇمىنى توسۇپ قېلىش ئۈچۈن خىتايغا قاراتقان تۈرلۈك جازا ۋە ئىمبارگو تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئارقىلىق خىتايغا جىددىي بېسىم شەكىللەندۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىشتى.

بۇ يىغىڭا يەنە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدا ماقالە يازغانلىقى ئۈچۈن 2015-يىلى دېكابېردا خىتايدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان فرانسىيەلىك مۇخبىر ئۇرسۇلا گۆيتېرس خانىممۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلدۇرىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتى يېڭى ئاشكارىلانغان مەزگىللەردە لاگېر توغرىسىدا ئېلان قىلغان ماقالىلىرى بىلەن خەلقئارادا كۈچلۈك دىققەت قوزغىغان ئامېرىكادىكى روسې-ھۇلمان تېخنىك ئىنىستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتۇر تىموسى گروسمۇ يىغىندا قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. يىغىندا گوللاندىيەلىك سابىق دېپلومات، تەتقىقاتچى ۋە مۇھەررىر گېررىت ۋانمۇ سۆز ئېلىپ، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى دۇنيا جامائىتىگە ئاڭلىتىش خىزمىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشنى تەكىتلىدى.

يىغىن ئاخىرىدا سۆز ئالغان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن ھازىرلانغان «د ئۇ ق 2020-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى» دا 2017-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە بولغان 4 يىل جەريانىدا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك خەلقلەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، مەجبۇرىي ئەمگەك تۈزۈمى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنسىزلاشتۇرۇش ۋە نەسلىنى قۇرۇتۇش ھەرىكەتلىرى، مەدىنىيەت مىراسلىرىنى يوق قىلىش سىياسىتى، ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش ئەھۋالى، خىتاينىڭ ئۆز جىنايى قىلمىشلىرىنى ئاقلاش مەقسىتىدە ئىچكىي-تاشقىي جەھەتلەردە جىددىي ئېلىپ بېرىۋاتقان ساختا تەشۋىقاتلىرى قاتارلىق كەڭ مەزمۇنلارنىڭ دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن يورۇتۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئىزاھلاپ ئۆتتى.

بۈگۈن بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ خۇسۇستا توختالغاندا، مەزكۇر دوكلاتنى ئېلان قىلىشتىن ئىلگىرى پىكىر ئېلىش ۋە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈش مەقسىتىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ قېتىمقى تور يىغىنىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئۆتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

يىغىندا دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يەنە يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خەلقئارا سىياسىي سەھنىلەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرى ھەققىدە سورىغان تۈرلۈك سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

د ئۇ ق نىڭ پروگرامما يېتەكچىسى، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ رىياسەتچىسى زۇمرەتئاي ئۇيغۇر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، «د ئۇ ق 2020-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى» نى ئېلان قىلىش تور مۇھاكىمە يىغىنىغا دۇنيانىڭ ھەرقايسىي ئەللىرىدىكى تەسىرى كۈچلۈك بولغان كۆپلىگەن قىممەتلىك مېھمانلارنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقىنى ۋە د ئۇ ق نى مۇھىم تەكلىپ-پىكىرلەر بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.