بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 42-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلىشقا ساناقلىق كۈنلەر قالغان بىر پەيتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى مەركىزىدە تۇرۇشلۇق دائىمىي ئەلچىلىكى ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەم شۇنداقلا خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىلىكلىرىگە مەخسۇس دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەققىدە بىر رەسمىي مەكتۇپ يوللىغان.
خىتاي دائىرىلىرى، مەزكۇر مەكتۇپتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى خىتايغا قارشى نامى چىققان بىر «بۆلگۈنچى» شۇنداقلا «بىر قانچە جىنايى ۋەقەلەرگە ۋە زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە چېتىلغان بىر تېررورچى» دەپ ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرگە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭمۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى خىتايدىن ئايرىپ چىقىشنى مەقسەت قىلغان بۆلگۈنچى تەشكىلات ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. مەكتۇپتا ھەتتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەرىپىدىن تېررورچى ئورگان دەپ تىزىملانغان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ «سىياسىي تارمىقى» ئىكەنلىكى تەرغىب قىلىنغان.
27-ئاۋغۇست كۈنى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى جىددىي بايانات بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىلىكى تەرىپىدىن قۇرۇلتايغا ۋە ئۇنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىگە قىلىنغان يۇقىرىدىكى ئەيىبلەشلەرنى قاتتىق تەنقىد قىلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتىدا «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بايانلىرى پۈتۈنلەي ئاساسسىز، دەپ رەت قىلىش بىلەن بىرگە، 2018-يىلى خەلقئارالىق ساقچى ئورگىنى ئىنتېرپولنىڭ دولقۇن ئەيساغا قويۇلغان قىزىل بەلگىسىنىڭ بىكار قىلىنىشىنىڭ بۇنىڭ ئەڭ ياخشى مىسالى بولۇش بىلەن بىرگە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق ئورگانلارنى ئۆكتىچى پىكىرلەرنى جىمىقتۇرۇش ئۈچۈن سۇيىئىستېمال قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۈگۈن رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۆزىگە قارىتىلغان بۇنداق ھۇجۇملىرىنىڭ بىر يېڭىلىق بولماسلىق بىلەن بىرگە، بۇنىڭ خىتاينىڭ جەنۋەدىكى يىغىن ئالدىدا قاتتىق ساراسىمىگە چۈشكەنلىكىنى ئىپادىلەپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي ھۆكۈمىتى جەنۋەدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئەلچىلىكلىرىگە يازغان يۇقىرىدىكى بۇ مەكتۇپىدا يەنە، ب د ت' غا ئەزا دۆلەتلەرنى، ھەرقانداق بىر سورۇندا دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باشقا ھەرقانداق ئەزالىرى بىلەن ئالاقە قىلماسلىققا، ئۇلارنىڭ ئۇچرىشىش تەلەپلىرىنى رەت قىلىشقا چاقىرغان.
ھالبۇكى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ كانادا شۆبىسى باشلىقى فەرىدە دىف خانىم بۈگۈن جەنۋەدىن بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيساغا قىلغان پاكىتسىز ئەيىبلەشلىرىنى ۋە باشقا دۆلەتلەرگە بۇنداق بىر چەكلىمە قويغانلىقىنى تەنقىد قىلدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۋەدىكى ۋەكىللەرگە ئەۋەتكەن خېتى بىزنى ناھايىتى بىئارام قىلدى. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرىنى ‹تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش› ھەرىكىتى دەپ ئاتاۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. بۇنىڭ ئەمەلىيەت بىلەن قىلچىمۇ ئالاقىسى يوق. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھېچقانداق پاكىت بولماي تۇرۇپ، دولقۇن ئەيساغا تۆھمەت قىلىشى ۋە باشقا دۆلەتلەرنى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمەسلىك ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ قورقۇتۇشى كىشىنى ئويغا سالىدۇ»
فەرىدە دىف خانىم سۆزىدە يەنە، خىتايغا ئوخشاش دىكتاتور ھاكىمىيەتلەرنىڭ ھەر دائىم تېررورلۇقنى باھانە قىلىپ ئۆكتىچى ئاۋازلارنى باستۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان قانۇنلۇق بىر ئورگانلىقىنى تەكىتلىدى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 9-سېنتەبىر كۈنى باشلىنىدىغان 42-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ئۈچۈن جەنۋەگە يېتىپ كەلگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ جەنۋەدىكى ۋەكىللىرى خىتاينىڭ بۇ خېتىنى كۆرگەنلىكىنى، ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن تەسىرىگە ئۇچرىمايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغان بولسىمۇ، ئەمما پەلەستىن قاتارلىق يەنە بىر قىسىم ئەللەر ۋەكىللىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈشتىن يالتىيىۋالغانىكەن.
فەرىدە دىف خانىم بولسا رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ جەنۋەدىكى ۋەكىللىرىنى خىتاينىڭ بۇنداق تەھدىتلىرىگە بويۇن ئەگمەسلىككە چاقىردى. ئۇ سۆزىدە: «بۇ دۆلەتلەر كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى كوللېكتىپ ھالدا ئاۋاز چىقىرىشقا تىرىشىشى كېرەك. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئەزالىرى ۋە دولقۇن ئەيسا بىلەن كۆرۈشمەسلىك ھەققىدىكى تەھدىتى ۋە قورقۇتۇشىغا ئۇچرىماسلىقى كېرەك ئەكسىچە ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقانلار ھەققىدە يەنىمۇ كۆپ ئۇچۇر ئېلىشى كېرەك»
فەرىدە خانىم سۆزىدە يەنە، ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئالىي كومىسسارىنىڭ ب د ت تەكشۈرگۈچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ھەققىدىكى چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇشقا چاقىرىش بىلەن بىرگە، بۇنى ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتى، دەپ كۆرسەتتى.
0:00 / 0:00