د ئۇ ق رەھبەرلىرى فىنلاندىيە ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنتىدىن «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلىشنى تەلەپ قىلغان

0:00 / 0:00

د ئۇ ق رەھبەرلىرى فىنلاندىيە پارلامېنتى ۋە ھۆكۈمىتىدىن «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلىش ۋە بۇ ھەقتە قارار ماقۇللاشنى تەلەپ قىلغان.

28-ئاپرىلدىن ئېتىبارەن فىنلاندىيە زىيارىتىنى باشلىغان د ئۇ ق رەھبەرلىرى پايتەخت خېلسىنكىدا فىنلاندىيە پارلامېنتى ۋە ھۆكۈمىتىگە «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلدۇرۇش ئۈچۈن بىريۈرۈش پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان. بۇ زىيارەتكە د ئۇ ق رەھبەرلىرىدىن دولقۇن ئەيسا، تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ۋە زۇمرەتئايلار قاتناشقان.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۈگۈن بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى فىنلاندىيە دۆلەت ئەربابلىرىغا ئاڭلىتىش ۋە «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ ئۆتكەن يىلى بۇ خۇسۇستا چىقارغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قارارىنى تونۇشتۇرۇپ، بىر قىسىم دېموكراتىك غەرب دۆلەتلىرىگە ئوخشاش فىنلاندىيەنىڭمۇ بۇ ھەقتە قارار قوبۇل قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ ئاساسلىق مەقسىيى بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى ھەمدە بۇ زىيارەتنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى.

د ئۇ ق رەھبەرلىرى فىنلاندىيە پارلامېنتى ۋە ھۆكۈمىتىدىن «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلىش ۋە بۇ ھەقتە قارار ماقۇللاشنى تەلەپ قىلىش پائالىيىتىنى باشلىۋەتتى. 2022-يىلى 28-ئاپرېل.
د ئۇ ق رەھبەرلىرى فىنلاندىيە پارلامېنتى ۋە ھۆكۈمىتىدىن «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلىش ۋە بۇ ھەقتە قارار ماقۇللاشنى تەلەپ قىلىش پائالىيىتىنى باشلىۋەتتى. 2022-يىلى 28-ئاپرېل. (RFA/Ekrem)

د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، د ئۇ ق ۋەكىللىرى بۇ ئىككى كۈندىن بۇيان فىنلاندىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىكى ۋە فىنلاندىيە پارلامېنتىنىڭ خادىملىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، مۇھىم سۆھبەتلەرنى ئېلىپ بارغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ خېلسىنكىدىكى تارماق ئورگىنىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلار بىلەن ئىش بىرلىكى قۇرۇشنى مۇھاكىمە قىلغان. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ قېتىمقى زىيارەتتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» غا دائىر پىكىرلەر فىنلاندىيە ھۆكۈمەت خادىملىرىنى خېلىلا تەسىرلەندۈرگەن، زىيارەت ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولغان.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالىي كومىسارى مىشېل باچېلېتنىڭ 5-ئايدا ئېلىپ بارىدىغان خىتاي زىيارىتىدىن ئىلگىرى، 2021-يىلى ب د ت تەرىپىدىن ھازىرلانغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلىۋېتىشنى قولغا كەلتۈرۈش د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدىكى مۇھىم مەزمۇنلارنىڭ بىرى بولغان. د ئۇ ق نىڭ پروگرامما يېتەكچىسى زۇترەتئاي بۇ ھەقتە توختالغاندا، ئۆزلىرىنىڭ فىنلاندىيە ھۆكۈمىتىدىن ب د ت دا مىشېل باچېلېتقا مۇشۇ مەسىلە توغرىسىدا بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە، د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ خېلسىنكىدا ئېلىپ بارغان زىيارەتلىرى داۋامىدا، فىنلاندىيەدە ھۆكۈمەت خادىملىرى بىلەن ئۇيغۇرلارغا دائىر قايسىي مەسىلىلەرنى كونكىرېت سۆزلەشكەنلىكىنى ۋە ئۇلاردىن ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق تەلەپلەرنى كۈتىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغانلىقىنىمۇ بايان قىلدى.

د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ قارىشىچە، شىمالىي ياۋروپادىكى دۆلەتلەر ئىچىدە نورۋېگىيە ۋە شىۋېتسىيەدە ئۇيغۇرلار بىرقەدەر كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ يەردىكى پائالىيەتلەر يولىدا داۋام قىلىپ كەلمەكتە ئىكەن. بىراق فىنلاندىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار كۆپ بولمىغاچقا، فىنلاندىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» توغرىسىدىكى چۈشەنچىسىمۇ يۇقىرى ئەمەسكەن. بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى فىنلاندىيە سەپىرىنىڭ ئاساسلىق مەقسەتلىرىدىن بىرى بولغان.