د ئۇ ق ھەيئىتى فىنلاندىيە پارلامېنتىدا ئۇچرىشىشلاردا بولدى

0:00 / 0:00

فىنلاندىيەدە ئۈچ كۈنلۈك پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى د ئۇ ق ھەيئىتى 22-ماي كۈنى فىنلاندىيە پارلامېنتىدا بىر قاتار مۇھىم ئۇچرىشىشلاردا بولغان. شۇنداقلا فىنلاندىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە خىتاينىڭ داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىش بىرگە فىنلاندىيەنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تونۇشى ھەققىدە تەكلىپلەر سۇنغان.

دولقۇن ئەيسا 22-ماي فىنلاندىيە پارلامېنتىدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىش بىلەن بىرگە فىنلاندىيەنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تونۇشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى ھەيئەت فىنلاندىيەدە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنىڭ بىر بولغان گۇۋاھلىق سۆھبىتىدە د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆز قىلماقتا. 2024-يىلى 22-ماي، خېلسىنكى، فىنلاندىيە.
د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى ھەيئەت فىنلاندىيەدە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنىڭ بىر بولغان گۇۋاھلىق سۆھبىتىدە د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆز قىلماقتا. 2024-يىلى 22-ماي، خېلسىنكى، فىنلاندىيە. (RFA/Hebibulla Izchi)

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن يەنە خەلقئارا ھەمكارلىق تەشكىلاتى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، فىنلاندىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋە فىنلاندىيە پارلامېنتىنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ قاتنىشىشىدا گۇۋاھلىق سۆھبىتى ئېلىپ بېرىلغان. بۇ سۆھبەتكە فىنلاندىيە يېشىللار پارتىيەسىدىن ئىنكا خوپسۇ، فىنلاندىيە پارتىيەسى، خىرىستىيان دېموكراتلار پارتىيەسى قاتارلىق پارتىيەلەرنىڭ بەزى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ۋەكىللىرى كېلىپ قاتناشقان. سۆھبەت جەريانىدا فىنلاندىيەدىكى خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشلىرى، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى فىنلاندىيەدە تونۇتۇش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەك؟ دېگەن تېمىدا، سوئال-جاۋاب ئېلىپ بېرىلغان.

د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى ھەيئەت فىنلاندىيەدە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنىڭ بىر بولغان گۇۋاھلىق سۆھبىتىدە فىنلاندىيە ياۋروپا پارلامېنتى ۋەكىلى پارلامېنت ئەزاسى ھېيدى ھاۇتالا(Heidi Hautala) خانىم سۆز قىلماقتا سۆز قىلماقتا. 2024-يىلى 22-ماي، خېلسىنكى، فىنلاندىيە.
د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى ھەيئەت فىنلاندىيەدە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنىڭ بىر بولغان گۇۋاھلىق سۆھبىتىدە فىنلاندىيە ياۋروپا پارلامېنتى ۋەكىلى پارلامېنت ئەزاسى ھېيدى ھاۇتالا(Heidi Hautala) خانىم سۆز قىلماقتا سۆز قىلماقتا. 2024-يىلى 22-ماي، خېلسىنكى، فىنلاندىيە. (RFA/Hebibulla Izchi)

بۇ سۆھبەتكە رىياسەتچىلىك قىلغان خەلقئارا ھەمكارلىق تەشكىلاتى مەسئۇللىرىدىن پەزىلەت خانىم، بۇ سۆھبەت ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى تونۇشتۇردى.

دولقۇن ئەيسامۇ، يېقىندا ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ سايلىمى بولىدىغانلىقى، بۇ سەۋەب بىلەن بۇ سايلامدىن بۇرۇن فىنلاندىيە خەلقىگە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشتا فىنلاندىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرىنى خاتىرىلىتىش ئۈچۈن بۇ پائالىيەتنى ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.

د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى ھەيئەت فىنلاندىيەدە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنىڭ بىر بولغان گۇۋاھلىق سۆھبىتىدە لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىم گۇۋاھلىق بەرمەكتە. 2024-يىلى 22-ماي، خېلسىنكى، فىنلاندىيە.
د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى ھەيئەت فىنلاندىيەدە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنىڭ بىر بولغان گۇۋاھلىق سۆھبىتىدە لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىم گۇۋاھلىق بەرمەكتە. 2024-يىلى 22-ماي، خېلسىنكى، فىنلاندىيە. (RFA/Hebibulla Izchi)

بۇ گۇۋاھلىق سۆھبىتى جەريانىدا يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر دىرېكتورى زۇمرەتئاي ئەركىن بىلەن لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىم ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلىك قىسمەتلىرى ۋە خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدىكى زىيانكەشلىكلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن بولۇپ، زۇمرەتئاي ئەركىنمۇ بۇ ھەقتە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتى.

د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى ھەيئەت فىنلاندىيەدە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنىڭ بىر بولغان گۇۋاھلىق سۆھبىتىدە خەلقئارا ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىن ياش ئۇيغۇر قىزى پەزىلەت سۆز قىلماقتا. 2024-يىلى 22-ماي، خېلسىنكى، فىنلاندىيە.
د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى ھەيئەت فىنلاندىيەدە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنىڭ بىر بولغان گۇۋاھلىق سۆھبىتىدە خەلقئارا ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىن ياش ئۇيغۇر قىزى پەزىلەت سۆز قىلماقتا. 2024-يىلى 22-ماي، خېلسىنكى، فىنلاندىيە. (RFA/Hebibulla Izchi)

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ قېتىمقى فىنلاندىيەدىكى پائالىيىتىنى، خەلقئارا ھەمكارلىق تەشكىلاتى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، فىنلاندىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى، فىنلاندىيە ئىشچىلار ھوقۇقى تەشكىلاتى قاتارلىق تەشكىلات ۋە خەلقئارالىق ئورگانلار بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇ پائالىيەتلەر فىنلاندىيەدىكى ھەر قايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىمۇ خەۋەر قىلىنغان.