دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى د ئۇ ق ۋەكىللىرى گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپلىرىنى يەتكۈزگەن.
2-ماي كۈنى د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا، د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ۋە د ئۇ ق پروگرامما يېتەكچىسى زۇمرەتئاي ئۇيغۇر قاتارلىقلار گېرمانىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىدا كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن لۇيىسە ئامتسبېرگ خانىم ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىسى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بارغان.
بۇ خۇسۇستا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گېرمانىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىدىن بىرى، بۇ يىل 6-ئايدا چاقىرىلىدىغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 53-نۆۋەتلىك يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىدىن تېخىمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىشىنى تەلەپ قىلىش ئىكەن.
ئۇ سۆزىدە، ئۆتكەن يىلى ب د ت دا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش ھەققىدىكى قارار بېرىش يىغىنىنىڭ 17 گە قارشى 19 ئاۋاز بىلەن ئەمەلگە ئاشمىغانلىقىنى، ئالدىمىزدىكى يىغىنلاردا بۇ مەسىلىسىنى قايتىدىن ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقىش لازىملىقىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلارنى قوللاپ ئاۋاز بەرگۈچى دۆلەتلەرنىڭ نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، گېرمانىيە ئۆز رولىنى جارىي قىلدۇرۇپلا قالماي، باشقا دۆلەتلەرنىمۇ ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشكە سەپەرۋەرلىك قوزغىشى زۆرۈر ئىكەن.

گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان غەيۇر قۇربان ئەپەندىنىڭ تىلغا ئېلىشىچە، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى مەيلى ب د ت دا بولسۇن ياكى باشقا خەلقئارا سەھنىلەردە بولسۇن، ياۋروپادىكى دۆلەتلەر ئارىسىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئەڭ جىددىي مۇئامىلە قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ كۈنتەرتىپتە تۇرۇشى ئۈچۈن داۋاملىق كۈچ چىقارماقتا ئىكەن.
فرانسىيە پرېزدېنتى ماكروننىڭ ئەكسىچە، خىتاي زىيارىتى مەزگىلىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى دادىل تىلغا ئالغان گېرمانىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى ئاننالىنا بايېربوكغا ئۇيغۇرلار نامىدىن رەھمەت ئېيتىشمۇ بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىدىن بىرى بولغان. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، «ماكرون بىزنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرگەن ئىدى، بايېربوك ئۈمىد ئاتا قىلدى» دېگەنلەرنى تىلغا ئالدى. غەيۇر قۇربان ئەپەندىمۇ بايېربوكنىڭ جاسارىتىنىڭ ئاپىرىن ئېيتىشقا ئەرزىيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش مەسىلىسىدىن باشقا يەنە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سەرسان بولۇپ يۈرۈۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىغا ياردەم قىلىش مەسىلىسىمۇ مۇزاكىرە تېمىسى بولغان. د ئۇ ق ۋەكىللىرى گېرمانىيە ھۆكۈمىتىدىن بۇ ساھەدىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
د ئۇ ق ۋەكىللىرى بايان قىلغاندەك، بۇ قېتىمقى سۆھبەت دوستانە ۋە سەمىمىي ئۆتكەن. سۆھبەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، گېرمانىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى لۇيىسە ئامتسبېرگ خانىم ئۆزىنىڭ تۋىتتېر ھېسابىدا مۇنداق يازغان: «د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىدا مېنى زىيارەت قىلغانلىقىڭىز ۋە قاراشلىرىڭىزنى ئورتاقلاشقانلىقىڭىز ئۈچۈن سىزگە رەھمەت. بىز سىياسىي ۋە دېپلوماتىك خىزمەتلىرىمىزدە ئۇيغۇر خەلقىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىمىز.»