د ئۇ ق گوللاندىيەدە خىتايغا قارشى نامايىش، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ۋە لاگېر شاھىدلىرىنى مۇكاپاتلاش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزدى.
«يەر شارى كىشىلىك ھوقۇق ھىمايىچىلىرى» ناملىق تەشكىلاتنىڭ تەكلىپى بىلەن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا، قۇرۇلتاينىڭ پروگرامما يېتەكچىسى زۇمرەت ئۇيغۇر 5-ئاپرىل گوللاندىيەگە بېرىپ، د ئۇ ق نىڭ گوللاندىيەدىكى ۋەكىللىرىدىن زەينىدىن تۇرسۇن قاتارلىقلار بىلەن بىرگە گوللاندىيەنىڭ ھاگا شەھرىدە خىتاينىڭ 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش يۈزسىدىن خىتايغا قارشى نامايىش ئۇيۇشتۇرۇش، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈش ۋە لاگېر شاھىدلىرىنى مۇكاپاتلاش قاتارلىق بىر يۈرۈش پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بۈگۈن ھاگا شەھرىدىن بەرگەن مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، «يەر شارى كىشىلىك ھوقۇق ھىمايىچىلىرى» ناملىق تەشكىلات ئالدىنقى ئايدا گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا «ئىرقىي قىرغىچىلىق» قارارىنى قوبۇل قىلىشىغا بەلگىلىك ھەسسە قاتقان تەسىرى زور خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ئىكەن.
د ئۇ ق نىڭ گوللاندىيەدىكى پائالىيەتلىرى 5-ئاپرىل سەھەردە خىتاينىڭ ھاگا شەھرىدىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈش بىلەن باشلانغان. د ئۇ ق مەدەنىيەت بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى زەينىدىن تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە، خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش ناھايىتى جۇشقۇن كەيپىيات ئىچىدە داۋام قىلغان.
5-ئاپرىل چۈشتىن كېيىن «يەر شارى كىشىلىك ھوقۇق ھىمايىچىلىرى» ناملىق تەشكىلات د ئۇ ق بىلەن بىرلىشىپ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن. يىغىنغا گوللاندىيەدە پاناھلىنىۋاتقان لاگېر شاھىدلىرىدىن قەلبىنۇر سىدىق خانىممۇ قاتنىشىپ ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن كەچمىشلەرنى سۆزلەپ بەرگەن. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ يىغىندا ئاخبارات ساھەسىنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئۇنىڭغا «قەھرىمان» لىق مۇكاپاتىنى تەقدىم قىلغان.

5-ئاپرىل كەچتە گوللاندىيەنىڭ ئۇترىخ شەھرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى ئىپتارلىق داستىرخانغا تەكلىپ قىلغان. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ يەردە قېرىنداشلىرى بىلەن ھال-مۇڭ بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. بۇ قېتىمقى پائالىيەتلەرگە قاتناشقان د ئۇ ق نىڭ پروگرامما يېتەكچىسى زۇمرەت ئۇيغۇر خانىممۇ گوللاندىيەدىكى پائالىيەتلەرنىڭ مول مەزمۇنلارغا تولغان ياخشى پائالىيەتلەر بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
د ئۇ ق رەھبەرلىرى بۈگۈن يەنە گوللاندىيەنىڭ بەزى پارلامېنت ئەزالىرى ۋە سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆھبەتلىشىش ئۈچۈن ئايرىم ئۇچرىشۇشلار ئۆتكۈزىدىكەن.