د ئۇ ق ۋەكىللىرى ئىسپانىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش پائالىيىتى باشلىغان

0:00 / 0:00

ئىسپانىيە پايتەختى مادرېدتىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە، 3 كىشىدىن تەركىب تاپقان د ئۇ ق نىڭ بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى 18-ئاپرىلدىن ئېتىبارەن ئىسپانىيەدىكى بىر ھەپتە داۋام قىلىدىغان پائالىيەتلىرىنى باشلىغان. ئۇنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۇلارنىڭ بۇ قېتىمقى ئىسپانىيە زىيارىتىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىسپانىيە پارلامېنتىدا ئېتىراپ قىلدۇرۇش ۋە خىتايدا تىجارەتلىرىنى داۋام قىلدۇرىۋاتقان «زارا» كەبى ئىسپانىيە شىركەتلىرىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلغانلىقى ئۈچۈن قانۇنىي جازاغا تارتىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەش ئىكەن.

د ئۇ ق ۋەكىللەر ئۆمىكى 18-ئاپرىل كۈنى رابېرت ناھار (Robert Nahar)، ۋىسېنچ ماتاس (Wisench Matas) قاتارلىق ئىسپانىيە پارلامېنتىنىڭ بەزى ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇزۇن سۆھبەتلەر ئېلىپ بارغان. ئۇلار سۆھبىتىدە نۆۋەتتە داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى قانداق قىلىپ ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنتىغا ئىتىراپ قىلدۇرۇش مەسىلىسىنى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلغان.

(سولدىن) ئىسپانىيە پارلامېنت ئەزاسى روبېرت ناھار(Robert Nahar)، دولقۇن ئەيسا، شىلا(Shila)، زۇمرەت´ئاي ئۇيغۇر، ئىسپانىيە پارلامېنت ئەزاسى ۋىسېنچ ماتاس (Wisench Matas). 2023-يىلى 18-ئاپرېل، ئىسپانىيە.
(سولدىن) ئىسپانىيە پارلامېنت ئەزاسى روبېرت ناھار(Robert Nahar)، دولقۇن ئەيسا، شىلا(Shila)، زۇمرەت´ئاي ئۇيغۇر، ئىسپانىيە پارلامېنت ئەزاسى ۋىسېنچ ماتاس (Wisench Matas). 2023-يىلى 18-ئاپرېل، ئىسپانىيە. (RFA/Ekrem)

د ئۇ ق ۋەكىللىلىرى بۈگۈن مادرېدتا يەنە خەلقئارالىق ئادۋوكاتلار تەشكىلاتى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىسپانىيەنىڭ قانۇنلىرىرىغا بىنائەن خىتاينى سوتقا تارتىش ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىقى بولغان ئىسپانىيە شىركەتلىرىگە چارە كۆرۈش مەسىلىسىنىمۇ سۆزلەشكەن.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى لاتىن ئامېرىكاسى ۋە ئافرىقا ئەللىرىدىمۇ ئېتىراپ قىلدۇرۇشنىڭ يوللىرىنى ئېچىش، د ئۇ ق نىڭ نۆۋەتتىكى مۇھىم پائالىيەت پروگراممىلىرىنىڭ بىرىكەن. لاتىن ئامېرىكاسىدىكى ئىسپان تىللىق خەلقلەرگە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى لايىقىدا ئاڭلىتىش نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا، ئالدى بىلەن ئىسپانىيەدە ئۈنۈملۈك بىر نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش زۈرۈر ئىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇلارنىڭ ئىسپانىيەدىكى زىيارىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ھېسابلىنىدىكەن. ئۇلار ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە يەنە ئىسپانىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىشلار ئېلىپ بارىدىكەن.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە د ئۇ ق نىڭ بېلگىيە پايتەختى بېريۇسسېلدىكى خادىمى شىلا خانىممۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇ بۈگۈنكى پائالىيەتلەر توغرىسىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، مادرېدتىكى پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشنىڭ ناھايىتى نەتىجىلىك ئۆتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ بۈگۈن كۆرۈشكەن پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن بولغان سۆھبىتىمىز ھەقىقەتەنمۇ نەتىجىلىك بولدى. بىز ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە خاتىمە بېرىش مەسىلىسىدە ئىسپانىيەنىڭ ئوينايدىغان رولى توغرىسىدا نۇقتىلىق سۆزلەشتۇق. مۇھىم بولغان يەنە بىر تېما، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان خىتاي تەھدىتى ۋە خىتاينىڭ ئىسپانىيەدىكى چىگرا ھالقىغان 9 ساقچى پونكىتى بولدى. ئىسپانىيەنىڭ بۇ مەسىلىسىگە جىددىي قارىشىنى، ئۇيغۇرلارنى ئىسپانىيەدە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى تېرىتورىيەسىدە قوغداشنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. پارلامېنت ئەزالىرى بولسا بۇ مەسىلىنى ئىسپانىيە پارلامېنتىغا ئېلىپ كىرىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىشتى. بىز كۆرۈشكەن ئىككى نەپەر پارلامېنت ئەزالىرى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىنى ئىسپانىيە پارلامېنتىدا ئوتتۇرىغا قويۇشنى كېلەر ئايلىق پىلانغا كىرگۈزىدىغانلىقىنى ئېيتىشتى. ئۇلار يەنە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئىسپان تىللىقلار رايونىدا كېڭەيتىشكە ھەسسە قاتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.»