دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خادىملىرى رامازان ئېيىدا گۇرۇپپىلار بويىچە ئىسلام تەشكىلاتلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ئاڭلاتماقتا.
د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ قارىشىچە، بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكا، گېرمانىيە قاتارلىق غەرب دېموكراتىك ئەللىرىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى جىددىي تېما سۈپىتىدە كۈنتەرتىپتە تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭغا نىسبەتەن ئىسلام ۋە تۈرك دۇنياسىدىن يەنىلا يېتەرلىك دەرىجىدە سادا يوق ئىكەن. تۈركىيە، كۇۋەيت ۋە مالايسىيانىڭ جازا لاگېرلىرىغا قارشى ئىپادىلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، مۇتلەق كۆپ قىسىم تۈرك ۋە ئىسلام ئەللىرى يەنىلا سۈكۈت قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتىكەن. ھەتتا ئىسلامنىڭ مەركىزى سانالغان سەئۇدى ئەرەبىستان، شۇنداقلا پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر 3 مىليون ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى جازا لاگېرلىرىدا قىيناۋاتقان خىتاينى ئاشكارا قوللاپ ئىپادە بىلدۈرگەن.
بۇ خىل سەلبىي ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتقان د ئۇ ق ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا ميۇنخېندا چاقىرىلغان «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى» دا جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى تۈرك ۋە ئىسلام ئەللىرىگە كەڭ تونۇتۇش توغرىسىدا قوبۇل قىلغان قارارىغا بىنائەن، بۇ يىل رامازان كىرىشى بىلەنلا بىرقانچە گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىنى زىيارەت قىلىشقا، ئىپتار ۋە تەراۋىھ نامازلىرى جەريانلىرىدا جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى مۇسۇلمانلارغا كەڭ ئاڭلىتىشقا باشلىغان.
18-ماي كۈنى د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا ۋەكىللەر مەركىزى گېرمانىيەنىڭ لۇدۋىگشافېن شەھىرىدە بولغان «ياۋروپا نىزامى ئالەم فېدىراتسىيونى» تەشكىلاتىنىڭ باش شتابىنى زىيارەت قىلىپ، ئىپتار سورۇنىدا ۋە تەراۋىھ نامىزى مەزگىلىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى، جۈملىدىن جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ئاڭلاتقان.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ لېكسىيەسى يۈزلىگەن مۇسۇلمان يىغىلغان بۇ سورۇندا كۈچلۈك دىققەت قوزغىغان. شەرقىي تۈركىستاندا 5 مىڭدىن ئارتۇق مەسچىتنىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكى، رامازاندا مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇشقا، ئىبادەت قىلىشقا، تەراۋىھ ئوقۇشقا قادىر بولالمايۋاتقانلىقى، جۈمە كۈنلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ چوشقا گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى، تىل، دىن، ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى، 3 مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلمانلارنىڭ جازا لاگېرلىرىدا دىنسىزلاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقى ۋە خىتايلاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقى قاتارلىق كەڭ مەزمۇنلار سورۇن ئەھلىنىڭ غەزەپلىك ھېس-تۇيغۇلىرىنى قوزغىغان.
ياۋروپادا 40 قا يېقىن تارماق تەشكىلاتى بولغان «ئالپئەرەنلەر» جامائىتىنىڭ بېشى ئەرول يازۇچىئوغلى ئىپتار سورۇنىدا قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ دائىملىق دەۋاسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ھەر يەردە ئېيتقىنىمىزدەك، تۈركنىڭ تۈركتىن باشقا دوستى يوقتۇر. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەر زامان بىزنىڭ ئەڭ ئالدىنقى مەسىلىمىز ئىدى. بۈگۈنمۇ شۇنداق ھەم ئەتىمۇ بىزنىڭ بىرىنچى مەسىلىمىزدۇر. شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىز قېرى-ياش، ئەر-ئايال دېمەي تۇتقۇن قىلىنىپ زىندانلاردا خارلانماقتا. ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە دۇنيانىڭ ھەر يەرلىرىدە يۈز بەرگەن ھەر خىل ۋەقەلەر تىلغا ئېلىنىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، دۇنيانىڭ ئەڭ بۈيۈك زۇلۇمىنى چېكىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ساداسىغا يېتەرلىك دەرىجىدە ئورۇن بېرىلمىدى. شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز ھەقىقەتەنمۇ ئىنتايىن قاتتىق ئازاب ئىچىدە ياشىماقتا. د ئۇ ق بۇ ئازابنى دۇنياغا ئاڭلىتىش، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى خەلقئارانىڭ جىددىي بىر مەسىلىسىگە ئايلاندۇرۇش يولىدا تىنىم تاپماي ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. بىز ئۇلارنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتىمىز. بىز ‹ئالپەرەنلەر› بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەر زامان شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىمىزنى، د ئۇ ق نىڭ تەۋرەنمەس ھىمايىچىسى بولغانلىقىمىزنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلايمىز ۋە بۇ دەۋانى ماددىي، مەنىۋى تەرەپلەردىن قوللاشنى داۋاملاشتۇرىمىز.»
بۇ پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان ميۇنخېندىكى جامائەت ئەربابى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەھبىرى بولغان مەرھۇم مۇھسىن يازۇچىئوغلۇنىڭ ۋارىسى ئەرول يازۇچىئوغلۇنىڭ ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنى قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقىدىن كۆپ مەمنۇن بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
د ئۇ ق تەشكىللىگەن يەنە بىر گۇرۇپپىدا قۇرۇلتاي دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ۋە قۇرۇلتاي فوندىنىڭ مۇدىرى ئابدۇجېلىل ئەمەت ئەپەندىلەر پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار رامازان باشلانغان 6-مايدىن بۇيان گېرمانىيە، ئاۋستىرىيە قاتارلىق ياۋروپا ئەللىرىدىكى بىر قىسىم دۆلەت ۋە شەھەرلەردە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارغا جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ئاڭلىتىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.
بۈگۈن 22-ماي بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى بۇ ئىككى ھەپتە جەريانىدا ئونلىغان مەسچىتلەردە ھەم تەشكىلات مەركەزلىرىدە زىيارەتلەردە بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئابدۇجېلىل ئەمەت ئەپەندىنىڭ ئىپادە قىلىشىچە، بۇ زىيارەتلەر ئەسناسىدا ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلانغان شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي زۇلۇمىنىڭ بارلىق تۈرلىرىنى ئىسلام جامائىتىگە تەپسىلىي بايان قىلىش پۇرسەتلىرى بولغان ۋە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۈمىد-ئىستەكلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ تۈرك ۋە ئىسلام جامائىتىگە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش پائالىيىتى رامازان ئاخىرلاشقۇچە داۋاملىشىدىكەن.
0:00 / 0:00