1-نويابىر شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدىكى خەلقئارا مۇھاكىمە مەركىزى زالىدا 4-نۆۋەتلىك «جەنۋە مۇنبىرى» يىغىنى باشلانغان. بۇ خەلقئارالىق يىغىننى سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇنىڭ جەنۋەدىكى ئىشخانىسى بىرلىكتە تەشكىللىگەن. «جەنۋە مۇنبىرى 2021» دەپ ئاتالغان بۇ يىغىنغا ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ بىرقىسىم پارلامېنت ئەزالىرى، غەرب ئەللىرىنىڭ ب د ت دىكى بەزى دېپلوماتلىرى ۋە سابىق دۆلەت رەھبەرلىرى، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، مۇستەقىل تەتقىقاتچىلار بولۇپ 100 گە يېقىن كىشى قاتناشقان. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى باشچىلىقىدىكى بىر بۆلۈك ئۇيغۇر ۋەكىللىرىمۇ تەكلىپكە بىنائەن يىغىنغا قاتنىشىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات تەقدىم قىلغان.
«خىتاينىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بۇ يىغىن سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى رەئىسى پېنپاسېرىڭ ئەپەندىنىڭ ئېچىلىش نۇتۇقى بىلەن باشلانغان. يىغىندا خىتاينىڭ ئۆز مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى تىبەت، شەرقىي تۈركىستان، جەنۇبىي موڭغۇلىيە خەلقلىرى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈپ كەلگەن ھەمدە داۋاملىق ئىجرا قىلىۋاتقان ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقلىرى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش ئاساسلىق تېما بولغان.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ جەنۋەدىن بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئىككى كۈن داۋام قىلىدىغان بۇ يىغىننىڭ دەسلەپكى كۈنى ئۇ تەكلىپكە بىنائەن سۆزگە چىقىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 1949-يىلى شەرقىي تۈركىستاننى ئىستىلا قىلغاندىن بۇيان ئىزچىل يۈرگۈزۈپ كەلگەن ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقلىرى ھەمدە نۆۋەتتە جازا لاگررلىرىدا داۋام قىلىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى سىياسەتلىرى توغرىسىدا ئەتراپلىق دوكلات تەقدىم قىلغان.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزىدە، خىتاينىڭ ھېلىھەم ئىجرا قىلدۇرىۋاتقان جازا لاگېرلىرى تۈزۈمى ۋە بۇ تۈزۈم پەيدا قىلغان ئىنسانىي كىرىزىس ھەم «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» مەسىلىلىرىنى نۇقتىلىق ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك، يۇقىرى بېسىملىق نازارەت، ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى قاتارلىقلار ھەققىدىمۇ توختالغان. ئۇ يەنە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى، ئىقتىسادىي جەھەتتىكى تالان-تاراج، پۇقرالارنىڭ ئۆي-مۈلۈكلىرىنى مۇسادىرە قىلىش، مەدەنىيەت ئىزنالىرىنى ھەم قىممەتلىك ئاسارە-ئەتىقىلەرنى بۇزۇپ تاشلاش قاتارلىق ياۋايىلىقلىرىنى تەكىتلەپ، كوممۇنىستىك ئىدېئولوگىيەنى زورلاپ تېڭىش ئارقىلىق كىشىلەردە پەيدا قىلىۋاتقان ئېغىر روھىي زەربىلەر توغرىسىدىمۇ پىكىر بايان قىلغان ھەمدە دۇنيا جامائىتىنى بۇ ۋەھشىيلىكلەرگە تېگىشلىك ئىنكاس قايتۇرۇشقا چاقىرغان.
«جەنۋە مۇنبىرى 2021» يىغىنىغا د ئۇ ق نىڭ جەنۋەدىكى ۋەكىلى كەرىم شەرىف ئەپەندىمۇ ئىشتىراك قىلغان. ئۇ بۇ يىغىن مۇناسىۋىتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا «2021-يىللىق جەنۋە مۇنبىرى يىغىنى بىزنى خەلقئارا جامائەتچىلىككە ھەم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ دېپلوماتلىرىغا شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى يەنە بىر قېتىم ئەسلىتىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى،» دېگەنلەرنى تىلغا ئالدى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە، يىغىندا خەلقئارالىق ئادۋوكات مايكېل ئەپەندى 2020-يىلى ھازىرلاپ چىققان تىبەتنىڭ «خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان زېمىن» بولغانلىقىغا دائىر دوكلاتىنى تەقدىم قىلغان. د ئۇ ق ھەم 2021-يىلى «شەرقىي تۈركىستاننىڭ بېسىۋېلىنغان زېمىن» بولغانلىقىغا دائىر مەخسۇس بىر تەتقىقات تۈرىگە مەبلەغ ئاجراتقان ۋە تەتقىقاتچىلارنى بۇ تۈرگە جەلب قىلىپ ئاشكارا ئېلان چىقارغان ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان «جەنۋە مۇنبىرى» يىغىنى سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، تۇنجى قېتىملىق يىغىن 2018-يىلى باشلانغان. بۇ يىغىنلاردا خىتاينىڭ تىبەتلەر، ئۇيغۇرلار، جەنۇبىي موڭغۇلىيەلىكلەرگە قارىتا ئىجرا قىلىۋاتقان دىنسىزلاشتۇرۇش، ئاسسىمىلاتسىيە قىلىپ خىتايلاشتۇرۇش، ئاخىرىدا مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى بۇ خەلقلەرنى مىللەت سۈپىتىدە ئېرىتىپ يوقىتىش سىياسەتلىرى ئاساسلىق مۇزاكىرە تېمىسى بولۇپ كەلگەن. جازا لاگېرى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش قىلمىشلىرى، تۈرلۈك قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرى يىللاردىن بۇيان مەزكۇر مۇنبەرنىڭ مۇھىم مۇزاكىرە كۈنتەرتىپىگە ئايلانغان. ھەر قېتىملىق «جەنۋە مۇنبىرى» يىغىنىغا د ئۇ ق ۋەكىللىرى تەكلىپ قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىلگەن.