دولقۇن ئەيسا: «ئىرقىي قىرغىنچىلىققا سۈكۈت قىلىش، ئۇنىڭغا شېرىك بولغانغا باراۋەر»

0:00 / 0:00

د ئۇ ق رەئىسى 100 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ دېپلوماتلىرى قاتناشقان جەنۋەدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ مۇراسىمىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاڭلاتقان.

6- ئىيۇل كۈنى د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئامېرىكانىڭ ب د ت دىكى ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا مۇستەقىللىقىنىڭ 246 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا تەكلىپكە بىنائەن قاتناشقان. ئۇ بۇ مۇراسىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغان 100 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ دېپلوماتلىرى ئارىسىدىكى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى تىلغا ئېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرىۋاتقان بەزى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ئەلچىلىرىگە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن.

جەنۋەدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2018 - 2019 - يىللىرى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى سەۋەبلىك خەلقئارادا كۈچلۈك بېسىمغا دۇچ كېلىشكە باشلىغان خىتاي ھاكىمىيىتى، بۇ بېسىمغا قارشى ئۆز تەشۋىقاتى ئۈچۈن پايدىلىنىش مەقسىتىدە بەزى مۇسۇلمان دۆلەتلەرىنىڭ دېپلوماتلىرىنى ۋە مۇخبىرلىرىنى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى زىيارەت قىلدۇرغان. خىتاي ئەنە شۇلارنىڭ تىلى ئارقىلىق خەلقئاراغا ئۆز جىنايەتلىرىنى پەردازلاپ كۆرسەتمەكچى ۋە ئۆزلىرىنى ئاقلىماقچى بولغان.

قىزىقارلىق بولغىنى شۇكى، خىتاينىڭ تەلىپىگە ئاساسەن شۇ قېتىمقى زىيارەتكە قاتناشقان بەزى دېپلوماتلار ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ جەنۋەدىكى بۇ سورۇنغىمۇ كەلگەن بولۇپ، ئۇلار دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن تونۇشقان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى ئاڭلىغان. سۆھبەت ئەسناسىدا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەينى چاغدا شەرقىي تۈركىستاندىن ياخشى تەسىرات بىلەن قايتمىغانلىقىنى، خىتاي ھەرقانچە يوشۇرسىمۇ، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان بېسىمنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرگەنلىكىنى، گەرچە دىپلومات بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇلارنى ئاشكارا سۆزلىيەلمىسىمۇ، بىر ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلىشقان.

جەنۋەدىكى بۇ مۇراسىمغا يەنە شۇ يىللىرى ئۇيغۇر دىيارىغا بارغان بەزى مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ مۇخبىرلىرىمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار دولقۇن ئەيسا بىلەن كۆرۈشكەندە، ئەينى چاغدا ئۆزلىرى شاھىد بولغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئېچىنىشلىق ھادىسىلەرنى ئۆز دۆلىتىنىڭ بېسىمى ۋە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى سەۋەبلىك ھازىرغا قەدەر ئاشكارىلىيالماي كەلگەنلىكىنى بايان قىلغان. دولقۇن ئەيسا ئۇلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىققا سۈكۈت قىلىش، ئۇنىڭغا شېرىك بولغانغا باراۋەر» دېگەن پكىرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ كىشىلەردىن ئۆزلىرى كۆرگەن رېئاللىقنى دادىل ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلغان.

جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا مۇستەقىللىقىنىڭ 246 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يەنە گېرمانىيە قاتارلىق غەرب ئەللىرىنىڭ ب د ت دىكى ۋەكىللىرى بىلەنمۇ ئۇچرىشىپ، سۆھبەتلەر ئېلىپ بارغان.