د ئۇ ق ھەيئىتى كانادانىڭ مۇئاۋىن كۆچمەنلەر مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

0:00 / 0:00

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ كاناداغا ئېلىپ بېرىۋاتقان 15 كۈنلۈك زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە، يەنى 2-ئاپرېل كۈنى كانادانىڭ كۆچمەنلەر مۇئاۋىن مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇر كۆچمەنلەر ۋە پاناھلانغۇچىلار مەسىلىسى توغرىسىدا سۆزلەشكەن.

3-ئاپرېل كۈنى دولقۇن ئەيسا كانادا پارلامېنت ئەزالىرىدىن يېڭى دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى شېرەل خانىم، كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى داۋىد ئاندېرسون، لېبىراللار پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى ئارۋېن ئەپەندىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، كانادا ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم قىلىشقا چاقىرغان.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى ھەيئەت كانادانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تۇرۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىش، كانادا ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنت ئەزالىرىغا رەھمەت ئېيتىش شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ بەزى تەلەپلىرىنى ئۇلارغا يەتكۈزۈش، كانادادىكى ئۇنىۋېرسىتېت، تەتقىقات مەركەزلىرى ھەم ئاممىۋى تەشكىلاتلاردا دوكلات بېرىش مەقسىتىدە 22-مارت كۈنى كاناداغا يېتىپ بارغان ئىدى.

مەزكۇر ھەيئەت كانادانىڭ تورونتو، مونترېئال، ۋانكوۋېر، ئەدمىنتون ۋە كانگارى قاتارلىق شەھەرلىرىدە ئېلىپ بارغان زىيارەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 4-ئاينىڭ 1-كۈنى كانادانىڭ پايتەختى ئوتتاۋاغا يېتىپ كەلگەن. 4-ئاينىڭ 2-كۈنى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ھەيئەت كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، كانادا پارلامېنتى ۋە كانادا كۆچمەنلەر مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشكەن. 3-ئاپرېل كۈنى بولسا كانادا پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپلىرىنى يەتكۈزۈش بىلەن بىرلىكتە خىتاينىڭ ھازىرقى بېسىم سىياسىتى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەن.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، 5 كىشىدىن تەركىب تاپقان ھەيئەتنىڭ كانادانىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا تەپسىلىي مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقىنى، كانادادىكى زىيارەتلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلدى.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ كاناداغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زىيارىتى 23-مارت كۈنى تورونتودىكى ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە نورۇز پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلىش بىلەن باشلانغان ئىدى. د ئۇ ق ھەيئىتى زىيارىتىنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدا نۇقتىلىق ھالدا كانادانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغان.

د ئۇ ق ھەيئىتى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى كانادانىڭ مۇئاۋىن كۆچمەنلەر مىنىستىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، نۇقتىلىق ھالدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سالاھىيەتسىز تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر كۆچمەنلەرنى كاناداغا قوبۇل قىلىش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.

مەلۇم بولغىنىدەك، «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن ھەر خىل يوللار بىلەن چەتئەلگە چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى كۈنسايىن كۆپەيگەن ئىدى. بولۇپمۇ 2014-2015-يىللىرى كۆپ ساندا ئۇيغۇرلار تۈركىيەگە كەلگەن ئىدى. بۇلارنىڭ بەزىلىرى ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە كېتىش مەجبۇرىيىتىدە تۇرماقتا. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى ھەيئەت كانادانىڭ مۇئاۋىن كۆچمەنلەر مىنىستىرى مات دەكورسەي ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇر كۆچمەنلەر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. د ئۇ ق مۇھاجىرلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى مەمەت توختى ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

كانادا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە كانادا پارلامېنتىدا ئىزچىل ھالدا ئوتتۇرىغا قويماقتا. ئۆتكەن يىلى 10-ئايدىن 12-ئايغىچە بولغان قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە كانادا پارلامېنتىدا 6 قېتىم گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن. كانادادىكى ئۇيغۇرلارمۇ د ئۇ ق نىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ «جازا لاگېرلىرى تاقالسۇن» تېمىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتلەرگىمۇ ئاكتىپ ئاۋاز قوشماقتا. كانادا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ رەئىسى تۇيغۇن ئابدۇۋېلى ئەپەندى تورونتودىكى ئۇيغۇرلار ئۇزۇندىن بۇيان توپلىغان جازا لاگېرلىرى توغرىسىدىكى ئەرزنامىلەرنى مۇئاۋىن كۆچمەنلەر مىنىستىرى مات دەكورسەي ئەپەندىگە تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

د ئۇ ق رەئىسىنىڭ كانادا زىيارىتى 4-ئاينىڭ 5-كۈنىگە قەدەر داۋاملىشىدىكەن. ئۇ 4-ئاينىڭ 3-4-كۈنلىرىمۇ كانادا پايتەختى ئوتتاۋادا كانادانىڭ بەزى مۇھىم سىياسىي ئەربابلىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم ئۇچرىشىشلار ئېلىپ بارىدىكەن ۋە مەركىزى ئوتتاۋادا بولغان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن سۆزلىشىپ، 2019-يىلىدا بىرلىكتە ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەتلىرىنىڭ كۈنتەرتىپى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپلىرى توغرىسىدا مۇزاكىرىلىشىدىكەن.