ئۈچ كۈن داۋاملاشقان ئىككىنچى نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشىدە نۆۋەتتىكى مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇھىم مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلىپ، خىتاپنامە ماقۇللاندى.
8ماددىدىن تەركىپ تاپقان مەزكۇر خىتاپنامىدە نۇقتىلىق ھالدا خەلقئارالىق چوڭ تەشكىلاتلار ۋە ھەر قايسىي دۆلەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۆرىشىدە ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا تۇرۇشى ۋە قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى تەلەپ قىلىنغان. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى مەزكۇر كېڭەشنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا قىلغان نۇتۇقىدا، بۇ قېتىمقى كېڭەشنى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدىكى زور بۇرۇلۇش دېيىشكە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
كېڭەشنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا مەزكۇر خىتاپنامىنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قانۇن كومىتېتىنىڭ رەئىسى مەمەت توختى ئەپەندى ئوقۇپ ئۆتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى مىللىي كېڭەش، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان كېچىكتۈرۈلگەن شەرقىي تۈركىستان زىيارىتى ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاشكارىلىغان ‹ساقچى ھۆججەتلىرى› دۇنياغا ئايان بولغان بىر پەيىتكە توغرا كەلدى. بۇ قېتىمقى مىللىي كېڭەش، شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىقىنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ تۈپ نىشانى ئىكەنلىكىدەك تەۋرەنمەس پىرىنسىپى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم جاكارلايدۇ؛ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قانۇنسىز ئىشغالىنىڭ قۇرۇلغۇسى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇلىنى ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي مەۋجۇتلىقىنى پۈتۈنلەي يوق قىلىشنى مەقسەت قىلغان سىستېمىلىق مۇستەملىكەلەشتۈرۈش سىياسىتى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىدۇ. نۆۋەتتە داۋاملىشىۋاتقان ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئەسلىي ئىگىلىرىگە قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ھەر تۈرلۈك قەبىھ قىلمىشلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىگىلىرىنى مۇنقەرزلەشتۈرۈش ۋە مۇستەملىكىلەشتۈرۈش باسقۇچىنى تاماملاش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ تامامەن خىتايلاشتۇرۇلىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ، شۇنداقلا دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرىنى ‹ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى› نى قوبۇل قىلغان قارارلارنى ماقۇللاشقا چاقىرىدۇ.»

خىتاپنامىدە يەنە مۇنۇلار تەكىتلەنگەن: «مىللىي كېڭەش، شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە باشقا ۋەھشىي جىنايەتلەر تېخىچە داۋام قىلىۋاتسا، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىيەلىك جەھەتلەردىن خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى دەپ ھەققانىيەتتىن ئۇزاق تۇرۇۋاتقان، ھەتتا مەۋجۇت رېياللىقنى كۆرمەسكە سېلىپ خىتاي بىلەن ھەمكارلىق قىلىۋاتقان تۈرك ئىسلام دۇنياسىنىڭ بۇ مەسىلىدە باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىدۇ؛ بۇ خىل بىپەرۋالىقنىڭ داۋاملىشىۋەرمەسلىكى كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ؛ شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللىي قىرغىنچىلىقنىڭ قانداقتۇر ئامېرىكا باشلىق غەرب ئەللىرىنىڭ ‹ئىستىراتېگىيەلىك ۋە سۈيىقەستلىك ئويۇنى› ئەمەسلىكىنى، يوق قىلىنىۋاتقانلارنىڭ، قىرىلىۋاتقانلارنىڭ ۋە جازا لاگېرلىرىدا يېتىۋاتقان مىليونلارچە كىشىنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىق مۇسۇلمان خەلقلەر ئىكەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستاندا ۋەيران بولۇۋاتقان ۋە چېقىۋېتىلگەن 16 مىڭدىن كۆپ مەسچىت بىلەن كۆيدۈرىۋېتىلگەن «قۇرئان كەرىم» ۋە باشقا ئىسلامىي ئەسەرلەرنىڭ پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئورتاق قىممەتلىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ؛ تۈرك ئىسلام دۇنياسىنى بۇ زۇلۇمغا قارشى سەزگۈر بولۇشقا چاقىرىدۇ.»
مەمەت توختى ئەپەندى «مىيۇنخېن خىتاپنامىسى» نى ئوقۇپ ئۆتكەندىن كېيىن، د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى خۇلاسە سۆزى سۆزلەپ، شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشىنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدىكى دەۋر بۆلگۈچ ھەم بۇرۇلۇش خاراكتېرلىق يىغىن بولغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مىللىي ئازاتلىق كۆرىشىنىڭ ئالدىمىزدىكى ئىستراتېگىيەلىرى ۋە كونكىرېت قەدەم باسقۇچلىرى مۇزاكىرە قىلىندى. ئەڭ ئاخىرىقى مەقسىتىمىزنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتىدىن قولغا ئېلىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكى كەسكىن ئىپادىلەر بىلەن قايتا تەكىتلەندى. بۇ غايىمىزگە يېتىش ئۈچۈن ۋە نۆۋەتتە قىلىشىمىز زۆرۈر بولغان قەدەم-باسقۇچلار مۇزاكىرە قىلىندى. مىللىي كېڭەشتە يەنە خەلقئارادا ئېلىپ بېرىلىدىغان دىپلوماتىيەلىك كۈرەش ئۇسۇللىرىمىز مۇزاكىرە قىلىندى. خەلقئارالىق شىركەتلەرگە قارىتا ئېلىپ بارىدىغان كۆرەشلىرىمىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىرى مۇلاھىزە قىلىندى. ئۆز خەلقىگە ۋە تەشكىلاتلىرىمىزغا چۈشكەن ۋەزىپىلەر مۇھاكىمە قىلىندى. تەشكىلاتلىرىمىزنى ۋە مىللىي دەۋالىرىمىزنى كۈچلەندۈرۈشىمىز ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئىقتىسادىي مەنبە يارىتىش، بۇ قېتىمقى مىللىي كېڭىشمىزنىڭ ئەڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپلىرىدىن بىرى بولدى. ئوچۇق ئاشكارا ۋە كۆڭۈل ئازادىلىقى ئىچىدە شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىقىمىزنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بارلىق چارە-تەدبىرلەر بۇ قېتىملىق مىللىي كېڭىشىمىزدە مۇزاكىرە قىلىندى. بۇنىڭغا ئاساسەن، خەلقئارالىق چوڭ تەشكىلاتلارنى، ھەر قايسىي دۆلەتلەرنى بىزنىڭ مۇستەقىللىق كۆرۈشىمىزنىڭ يېنىدا تۇرۇشىنى، قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىنى تەلەپ قىلدۇق ھەم بۇ خىتاپنامىنى ئېلان قىلدۇق. بۇ قېتىم چاقىرىلغان شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشىنى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدىكى بىر بۇرۇلۇش دەپ قاراشقا بولىدۇ.»
بۇ يىغىننىڭ كۈنتەرتىپىنى تەييارلىغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سىياسىي خىزمەتلەرگە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، كېڭەشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
شىۋېتسارىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەندىلى قاراخان ئەپەندىمۇ بۇ قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشىنىڭ مىللىي دەۋا ئۈچۈن پايدىلىق قارارلارنى ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
لاگېر شاھىدى گۈلباھار خاتىۋاجى خانىم، بۇ قېتىملىق كېڭەشتە جازا لاگېرلىرىنى تاقاش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش توغرىلىق مۇھىم تېمىنىڭ ئالاھىدە تەكىتلەنگەنلىكىدىن خوش بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
25-مايدىن 29-مايغىچە گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىككىنچى نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشىگە 20 دۆلەتتىكى 70 تەك شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتىغا ۋاكالىتەن 200 ئەتراپىدا ۋەكىل قاتناشتى.