د ئۇ ق نىڭ «دېموكراتىيە مۇكاپاتى» غا ئېرىشىشى خىتايغا بولغان بېسىمنىڭ كۈچىيىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟

0:00 / 0:00

جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى خەلقئارادا كۈنتەرتىپكە كەلگەن 2018-يىلى 8-ئايدىن باشلاپ تۈرك ۋە ئىسلام دۇنياسىدىن يېتەرلىك دەرىجىدە سادا چىقمايۋاتقانلىقىغا قارىماي ئامېرىكانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بۇ مەسىلىنى ئىزچىل تىلغا ئېلىپ كەلمەكتە. ئۇيغۇرلار ۋە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ئامېرىكادىكى س ن ن، «نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى»، «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى قاتارلىق داڭلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دائىملىق تېمىسىغا ئايلىنىۋاتقان بىر چاغدا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ۋەكىللىك ئورگىنى بولغان د ئۇ ق يەنە شۇ ئامېرىكادا «دېموكراتىيە مۇكاپاتى» نى تاپشۇرۇپ ئالدى. بۇندىن ھەپتىلەر ئىلگىرى خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختى ئامېرىكانىڭ «ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا نائىل بولغان ئىدى.

د ئۇ ق نىڭ 6-ئاينىڭ 4-كۈنى ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ 2019-يىللىق «دېموكراتىيە مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەنلىكى ئەلۋەتتە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى سۆيۈندۈرۈپلا قالماي، خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭمۇ جىددىي دىققىتىنى تارتقان. بۇ يىغىنغا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئەزالىرىنىڭ قاتنىشىشى، بولۇپمۇ پالاتا رەئىسى نەنسى پېلۇسى خانىمنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن د ئۇ ق نى تەبرىكلىشى خەلقئارانىڭ تېخىمۇ قىزىقىشىنى قوزغىغان بىر تېمىغا ئايلاندى.

ئامېرىكا، فىرانسىيە، ياپونىيە، ھەتتا خوڭكوڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى 5-6-ئىيۇن كۈنلىرى خەۋەرلەر ئېلان قىلىپ، «ئامېرىكانىڭ دېموكراتىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رەھبىرى دولقۇن ئەيسانىڭ خەلقئارادا خىتايغا قارشى بېسىمنى كۈچەيتكەنلىكى» نى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئامېرىكانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خادىملىرىنىڭ تېخىمۇ جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىغانلىقىنى بايان قىلىشتى.

د ئۇ ق نىڭ «دېموكراتىيە مۇكاپاتى» غا ئېرىشىشى راستىنىلا خىتايغا بولغان بېسىمنىڭ كۈچىيىشىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟

د ئۇ ق ۋە ئۇ ن پ ئو (ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى) نىڭ قۇرغۇچىسى ھەم سابىق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى بۇ سوئالىمىزغا جاۋاب بەرگەندە ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە تۇتقان يولىنىڭ باشقا دۆلەتلەرگىمۇ ئۈلگە بولىدىغانلىقىنى، بۇ مۇكاپاتنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادا رەسمىي تونۇلغانلىقىنىڭ بىر دەلىلى بولۇپ قالغانلىقىنى ھەم بۇنىڭ لاگېرلاردىكى مىليونلىغان خەلق ئۈچۈن بىر تەسەللى ئىكەنلىكىنى ئىپادە قىلىپ، د ئۇ ق نى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈرك ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەم جازا لاگېرلىرىغا تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەسىدىن رەنجىگەن ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى سۆزىنىڭ داۋامىدا مەزكۇر مۇكاپاتنىڭ ئۇلارنىڭ ئىنسانىي ۋىجدانىنى ئويغىتىشىغا تۈرتكە بۆلىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بولسا «دېموكراتىيە مۇكاپاتى» نىڭ د ئۇ ق غا بېرىلىشىنى «خىتاينىڭ يۈزىگە ئۇرۇلغان بىر شاپىلاق» دەپ ئاتاپ، مەزكۇر مۇكاپاتنىڭ يالغۇز خىتايغا بولغان بېسىمنىڭ كۈچىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، بەلكى د ئۇ ق نىڭ بۇندىن كېيىنكى خەلقئارالىق پائالىيەتلىرىنىڭ ئېتىبارى ۋە دائىرىسىنى يەنىمۇ يۈكسەلدۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى بەرگەن بۇ مۇكاپاتىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مۇكاپاتى ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مۇكاپاتىنى د ئۇ ق غا ھەمدە پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ 2019-يىللىق «دېموكراتىيە مۇكاپاتى» د ئۇ ق، خىتايغا ياردەم تەشكىلاتى ۋە تىبەت ھەرىكىتى ئىنستىتۇتى قاتارلىق ئۈچ ئورگانغا بېرىلگەن بولۇپ، 4-ئىيۇن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشقان ئۇيغۇرلار زور تەنتەنە قىلىشقان ۋە بۇ مۇكاپاتنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزالىرى بىلەن بەس-بەستە خاتىرە سۈرەتلەرگە چۈشۈپ تەبرىكلەشكەن.