د ئۇ ق رەھبەرلىرى نورۋېگىيە ھۆكۈمىتىدىن «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلىشنى تەلەپ قىلغان

0:00 / 0:00

د ئۇ ق رەھبەرلىرى نورۋېگىيە ھۆكۈمىتىدىن «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلىشنى ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىگە ئېلىپ كىرىشنى تەلەپ قىلغان.

5-مايدىن ئېتىبارەن نورۋېگىيە زىيارىتىنى باشلىغان د ئۇ ق رەھبەرلىرى بۈگۈن نورۋېگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خادىملىرى، نورۋېگىيە پارلامېنت ئەزالىرى ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى نورۋېگىيە تارمىقىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» قارارىنى ئېتىراپ قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇلار يەنە نورۋېگىيە ھۆكۈمىتىدىن ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىگە ئېلىپ كىرىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر نورۋېگىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خادىملىرى بىلەن مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزدى. 2022-يىلى ماي.

بۈگۈن، 6-ماي كۈنى نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلودىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، نورۋېگىيە زىيارىتىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنىڭ تېخىمۇ مول مەزمۇنلۇق ھەم نەتىجىلىك بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى. د ئۇ ق پروگرامما يېتەكچىسى زۇمرەتئاي ئۇيغۇرمۇ بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەزمۇنلار ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە د ئۇ ق فوندىنىڭ رەئىسى ئابدۇجېلىل ئەمەت ئەپەندىمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇ سۆھبەتلەر ئەسناسىدا نورۋېگىيە ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغانلىقىنى ۋە بۇ ھەقتە ۋەدىلەر بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى. د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بۇ پائالىيەتلىرىگە يېقىندىن ھەمدەمدە بولغان نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى بولسا، بۇ ئىككى كۈنلۈك پائالىيەت ھەققىدىكى قاراشلىرىنى خۇلاسە قىلىپ ئۆتتى.