يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىللىرى ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزا-مەھەللىلەردە ئۆتكۈزىلىۋاتقان يۇرت-جامائەتچىلىكنىڭ ھەر خىل پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشماقتا. يېقىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىللىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان يېزا-مەھەللىلەرنى ئارىلاپ، جامائەتچىلىك بىلەن سۆھبەتلەشتى ۋە پىكىر ئالماشتۇردى.
بىز ئالمۇتا ۋىلايىتى ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ چوڭ ئاقسۇ رايونى بويىچە جەمئىيەتلىك كېڭەشنىڭ رەئىسى مەھمۇت ئىسمايىلوف ئەپەندىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭدىن بۇ ھەقتە ئەھۋال ئىگىلىدۇق. ئۇ ئالمۇتادىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى قەھرىمان غوجامبەردى باشچىلىقىدا رابىيەم ئابدرىموۋا، شاۋكەت نەزەروف، ئەلى ئەخمەتوف قاتارلىق ۋەكىللەر گۇرۇپپاسىنىڭ ئۆز تەۋەلىكىگە قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «قەھرىمان ئاكا غوجامبەردىنى يۈزمۇ-يۈز كۆرگەن ۋاقتىم 2009-يىلى ئىدى. شۇ يىلى ۋەتەندە قىرغىنچىلىق بولغاندا، ئۇ ئۇيغۇر ناھىيەسىگە كەلگەن ئىدى. شۇ ۋاقىتتا قەھرىمان ئاكا ھەممە يېزىلارغا بېرىپ، ۋەتەندە نېمىلەر بولۇۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ خەلقىمىزنى قانچىلىك قىيناۋاتقانلىقىنى، سۆزلىگىنىدە، تالاي ئادەملەر كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ، يىغلاپ كەتكەن ئىدى. كېيىن ئالمۇتادا يەنە ئۇچرىشىشلار بولغاندا، بىز ئۇيغۇر ناھىيەسىدىن ۋەكىل بولۇپ بېرىپ، ئۇ يەرلەردىمۇ كۆرۈشتۇق، ياخشى سۆھبەت بولدى. قانداق قىلساق، ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلىرىمىزغا ياردەم بېرەلەيمىز، ياردەم قولىمىزنى يەتكۈزەلەيمىز دېگەن مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىزنىڭ ۋەتىنىمىز قازاقىستان بولسىمۇ، ئەمما قېنىمىز ئۇيغۇر بولغانلىقتىن، ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە بىز بىر چەتتە قاراپ تۇرالمايمىز، ئەلۋەتتە. چامىمىز يەتكەن دائىرىدە خەلقىمىزگە نېمە ياردەم قىلالايمىز دەپ، كېچە-كۈندۈز ئويلايمىز.»

مەھمۇت ئىسمائيىلوف قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ، شۇ جۈملىدىن ئۆز يۇرتاشلىرىنىڭ نەچچە يىللاردىن بۇيان، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى ماددىي ھەم مەنىۋىي جەھەتتىن قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇندىن كېيىن يەنىمۇ قوللاشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە چوڭ ئاقسۇدا بولغان ئۇچرىشىشتا، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئانا تىلى ۋە مىللىي مائارىپىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدىمۇ سۆز بولغانلىقىنى، بۇ سۆھبەتلەرنىڭ يېزا تۇرغۇنلىرىدا چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىلى رەھىم مەنسۇروف ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «گېرمانىيەدىكى كېڭەشتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بىز ئەركىن ئەخمەتوف، قەھرىمان ئاكا ۋەكىللەرنى قايتىدىن يىغىپ، ئەمدى بۇنىڭدىن كېيىن نېمە ئىشلارنى قىلىمىز دېگەننى مەسلىھەتلەشتۇق. قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇ ئىشلاردىن ئانچە خەۋىرى يوق ئىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بىر گۇرۇپپا ياركەنت تەۋەسىگە بېرىپ، شۇ يەردە پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزدۇق، يىگىت باشلىرىغا، مەدەنىيەت مەركەزلىرىگە ۋە خەلققە چۈشەندۈرۈش بەردۇق. بىز قازاقىستان قانۇنىغا ئىتائەت قىلىمىز. بىز خەلقىمىزنىڭ تىنچ ۋە چىرايلىق ئۇسۇللاردا ئىش ئېلىپ بېرىش توغرىلىق چۈشەندۈرش بېرىۋاتىمىز.»
رەھىم مەنسۇروف يەنە چارىن، ئاقسۇ، چونجا، چېلەك ۋە باشقىمۇ يېزىلاردا تۈرلۈك ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى، خەلقنىڭ ئاڭ-سېزىمىنىڭ كۆتۈرۈلۈپ، ۋەتەننىڭ ئازادلىقىغا، ئەركىنلىكىگە بولغان ئىشەنچنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ خەلق ئارىسىدا تەشۋىق-تەرغىبات ئىشلىرىنى بۇنىڭدىن كېيىن يەنىمۇ جانلاندۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بۇنىڭدىن بىر يېرىم ئاي ئىلگىرى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە بولۇپ ئۆتكەن ئىككىنچى نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى، يېقىندا مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 13 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇرلارغا ئائىت باشقىمۇ مەسىلىلەرگە بېغىشلانغان تۈرلۈك پائالىيەتلەرنىڭ ئۇيۇشتۇرۇلۇشى، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنى، جۈملىدىن قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنى كۈچلۈك ھاياجانغا سالدى. بۇ ھەقتە قازاقىستاننىڭ ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى خەۋەر بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ۋە جامائەتچىلىك ئارىسىدا بۇ ھەقتە قىزغىن مۇھاكىمىلەر قانات يايماقتا.