د ئۇ ق نىڭ تۈركىيە، ياپونىيە ۋە ئاۋستراليەدە ئۆتكۈزۈلگەن 7-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر سايلىمى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشقان

0:00 / 0:00

د ئۇ ق 7-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى تەييارلىق كومىتېتى 22-ئاۋغۇست كۈنى تۈركىيە، ياپونىيە ۋە ئاۋسترالىيەدىمۇ سايلام ئۆتكۈزۈپ، 11-ئايدا چاقىرىلىدىغان قۇرۇلتاينىڭ ۋەكىللىرىنى سايلاپ چىقتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 14-ئىيۇل كۈنى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، 7-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ 2021-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە چېخىيە پايتەختى پىراگادا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، 7-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ تەييارلىق خىزمىتى جىددىي تۈردە باشلانغان ئىدى. تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ تەرتىپىگە بىنائەن، 22-ئاۋغۇست كۈنى باشقا دۆلەتلەردە بولغاندەك تۈركىيە، ياپونىيە ۋە ئاۋسترالىيەدىمۇ ۋەكىللەر سايلىمى ئۆتكۈزۈلگەن. سايلام نەتىجىسىدە تۈركىيەدىن 25، ياپونىيەدىن 5، ئاۋسترالىيەدىن 17 نەپەر كىشى ۋەكىل بولۇپ سايلانغان.

د ئۇ ق 7-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش پائالىيىتىدە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى دوكتور ئابدۇلكېرىم ئابدۇرەھىم ئەپەندى بىلەت تاشلاۋاتقان كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 22-ئاۋغۇست، ئىستانبۇل.
د ئۇ ق 7-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش پائالىيىتىدە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى دوكتور ئابدۇلكېرىم ئابدۇرەھىم ئەپەندى بىلەت تاشلاۋاتقان كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 22-ئاۋغۇست، ئىستانبۇل.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئارقا-ئارقىدىن يىغىن چاقىرىپ مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، 7-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى تەييارلىق كومىتېتلىرىنى قۇرۇپ چىققان. 11-ئايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان قۇرۇلتايغا ۋەكىل بولۇشنى خالايدىغان 370 نامزات ئىلتىماس قىلغان بولۇپ، 22-ئاۋغۇست كۈنى 16 ئەتراپىدا دۆلەتتە سايلام ئۆتكۈزۈپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىن 200 كىشىنى ۋەكىل قىلىپ سايلاپ چىقىلغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە تۈركىيە، ياپونىيە ۋە ئاۋسترالىيەدىمۇ ۋەكىللەر سايلاپ چىقىلغان.

بىز 22-ئاۋغۇست كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ۋەكىللەر سايلىمى ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن، ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلخەمىت ئەپەندى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى دوكتور ئابدۇلكېرىم ئابدۇرەھىم ئەپەندى، ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جۈرئەت ئەپەندى ۋە باشقۇرۇش ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى دىلزات ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

بىشكەكتە ئۆتكۈزۈلگەن د ئۇ ق 7-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 22-ئاۋغۇست، قىرغىزىستان.
بىشكەكتە ئۆتكۈزۈلگەن د ئۇ ق 7-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 22-ئاۋغۇست، قىرغىزىستان.

ئابدۇرەشىت ئابدۇلخەمىت ئەپەندى ئىستانبۇلدا 3 رايوندا سايلام ساندۇقى قويۇپ، 7-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان 25 ۋەكىلنى سايلاپ چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، دوكتور ئابدۇكېرىم ئابدۇرەھىم ئەپەندى ياپونىيەدە 7-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى سايلاش ئىشىنىڭ مۇۋاپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى، كۆپ ساندا ئۇيغۇرنىڭ بىلەت تاشلىشى بىلەن 5 ۋەكىلنى سايلاپ چىققانلىقىنى بايان قىلدى.

ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى جۈرئەت ئەپەندى ئاۋسترالىيەدىكى 3 شەھەردە سايلام ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق 17 ۋەكىل سايلاپ چىقىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

تۈركىيەدىكى سايلام ساندۇقلىرى قويۇلغان يەرلەرگە بىتەرەپ كۆزەتكۈچىلەر مەسئۇل قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار تاشلىغان بېلەتلىرنى ئۇلار ساناپ چىققان. بىتەرەپ كۆزەتكۈچىلەردىن ئۇيغۇر ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى، دوكتور فەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى سايلامنىڭ دېموكراتىيەلىك ئۇسۇل بىلەن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دۇنيانىڭ ھەرقايسىي دۆلەتلىرىدە بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا قاتنىشىدىغان 200 نەپەر رەسمىي ۋەكىل سايلاپ چىقىلغان. قۇرۇلتاي نىزامنامىسى بويىچە، ھەر ئۈچ يىلدا بىر قېتىم ئوتكۈزۈلىدىغان ۋە ئەسلىدە 2020-يىلى 11-ئايدا ئۆتكۈزۈش قارار قىلىنغان 7-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى كورونا ۋاباسى سەۋەبىدىن كېچىكتۈرۈلگەن ئىكەن.