د ئۇ ق 8-قۇرۇلتايدىن ئىلگىرىكى خىتاينىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان ھۇجۇملىرى ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلدى

0:00 / 0:00

18-ئۆكتەبىر كۈنى د ئۇ ق ئاخبارات ئېلان قىلىپ، ئالدىمىزدىكى ھەپتە بوسنىيە-گېرتسوگوۋىنانىڭ پايتەختى سارايېۋودا ئۆتكۈزۈلىدىغان 8-قۇرۇلتايدىن ئىلگىرى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ پىلانلىق ۋە مەقسەتلىك ھالدا د ئۇ ق ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىرىگە قارىتا قوزغاۋاتقان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى.

ئاخباراتتا مۇنداق دېيىلگەن: «8-قۇرۇلتاي چاقىرىلىش ھارپىسىدا، د ئۇ ق بىر مەيدان تەشكىللىك، پىلانلىق ھۇجۇم ھەرىكىتىنىڭ نىشانىغا ئايلىنىپ قالدى، بۇ ھۇجۇم ھەرىكىتىنىڭ كۆلىمى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىگە يەتتى، بۇ د ئۇ ق ئەزالىرى، خىزمەتچى خادىملىرى ھەم ۋەكىللىرىگە قارىتىلغان ھۇجۇم ۋە ھادىسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.»

ئاخباراتتا خىتاينىڭ بۇ خىل ھۇجۇملىرىنىڭ بەزى مىساللىرى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇنىڭدا خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ 8-قۇرۇلتاينى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن بوسنىيە-گېرتسېگوۋىناغا بېسىم ئىشلىتىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ د ئۇ ق نىڭ بۇرۇنقى رەئىسى، گېرمانىيە گىراژدانى دولقۇن ئەيسانى قولغا ئېلىش، ھەتتا ماشىنا ھادىسىسىگە ئۇچرىتىش بىلەن تەھدىت سېلىۋاتقانلىقى، 8-قۇرۇلتايدا يىغىن مەيدانىدا جېدەل چىقىدىغانلىقى ھەمدە يىغىن مەيدانىنىڭ توكىنى ئۈزۈپ تاشلايدىغانلىقى قاتارلىقلارنى ئىپادە قىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئاخباراتتا يەنە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 8-قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىگە بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا تەھدىتلەر سېلىپ، بۇ قۇرۇلتايغا قاتناشماسلىققا دەۋەت قىلىۋاتقانلىقىمۇ ئەسكەرتىلگەن.

د ئۇ ق 8-قۇرۇلتايدىن ئىلگىرىكى خىتاينىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان ھۇجۇملىرى ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلدى
د ئۇ ق 8-قۇرۇلتايدىن ئىلگىرىكى خىتاينىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان ھۇجۇملىرى ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلدى

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئالدى بىلەن بۇ ئاخباراتنى جىددىي ئېلان قىلىشتىكى سەۋەبلەر توغرىسىدا توختالدى. ئۇ سۆزىدە، ئۇشبۇ ئاخباراتنى ئېلان قىلىشتىكى مەقسەتنىڭ دۇنيا جامائىتىنىڭ نەزىرىنى خىتاينىڭ بۇ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشلىرىغا تارتىش، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە قىلىۋاتقان زىيانكەشلىكلىرىدىن دۇنيانى خەۋەرلەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

بىز خىتاينىڭ سارايېۋودىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ئادرېسىغا خىتايچە خەت يېزىپ، د ئۇ ق ئاخباراتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەرگە قانداق قارايدىغانلىقىنى سورىغان بولساقمۇ، ھېچقانداق جاۋابقا ئېرىشەلمىدۇق. تېلېفون ئۇرساق ئۇلانمىدى.

8-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاينىڭ رەئىس نامزاتى تۇرغۇنجان ئالاۋىدىن ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي د ئۇ ق غا قارىتىلغان بۇ قېتىمقى پاراكەندىچىلىك ھۇجۇمىدا ۋەكىللەرگە ھەم تەھدىت سېلىپ قورقۇتۇش، ھەم ئىقتىسادىي ۋەدىلەر بىلەن ئالداش، ھەم ۋەكىللەر ياشاۋاتقان دۆلەتلەردىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ بېسىمى بىلەن ۋەكىللەرنى قۇرۇلتايدىن چېكىندۈرۈش قاتارلىق كۆپ خىل ۋاسىتىلەرنى قوللانغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 7-نۆۋەتلىك رەھبەرلىرى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 7-نۆۋەتلىك رەھبەرلىرى. (Dunya Uyghur Qurultiyi)

8-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاينىڭ مۇئاۋىن رەئىس نامزاتى زۇمرەتئاي ئەركىن بۇ ھەقتە توختالغاندا، ئۆزلىرىنىڭ يېقىنقى بىر ئىككى ھەپتە ئىچىدە قۇرۇلتاي رەھبەرلىرىنىڭ ھاياتى خەۋپكە ئۇچرايدىغانلىقى، بوسنىيەگە كىرگەن ھامان تۇتۇپ خىتايغا ئېلىپ كېتىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاينىڭ سارايېۋودىكى بۇ قۇرۇلتاينىڭ چاقىرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ناھايىتى زور كۈچ سەرپ قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

د ئۇ ق نىڭ ئاخباراتىدا، 8-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاينىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا، بەلگىلەنگەن ئورۇندا چاقىرىلىدىغانلىقى تەكىتلىگەن بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ تەھدىتلىرىگە پىسەنت قىلمايدىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.