د ئۇ ق نىڭ خەلقئارا مالىيە تېررورلۇق ساندانىنىڭ قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ قويۇلۇشى قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.04.16
DUQ-Refinitiv-Terror-Tizimlikide.jpg «ئوتتۇرا شەرق كۆزى» ناملىق تور گېزىتىنىڭ د ئۇ ق نىڭ خەلقئارا مالىيە تېررورلۇق ساندىنىنىڭ قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋىرى. 1219-يىلى 5-ئاپرېل.
Photo: RFA

خەلقئارا مالىيە مۇلازىمەت شىركىتى‏ - «رىفىنىتىف» نىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ ئاز دېگەندە 3 نەپەر پائالىيەتچىسىنى «دۇنيا نازارەت مالىيە ساندانى» نىڭ تېررورلۇق قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ قويغانلىقى مەلۇم بولدى.

مەركىزى لوندوندىكى خەلقئارا مالىيە مۇلازىمەت شىركىتى‏ - «رىفىنىتىف» دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ ئاز دېگەندە 3 نەپەر پائالىيەتچىسىنى ئۇنىڭ قارمىقىدىكى «دۇنيا نازارەت مالىيە ساندانى» نىڭ تېررورلۇق قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ قويۇپ، ئۇلارغا نۇرغۇن كاشىلا پەيدا قىلغانلىقى مەلۇم بولدى. «ئوتتۇرا شەرق كۆزى» ناملىق تور گېزىتىنىڭ 15‏-ئاپرېل ئاشكارىلىشىچە، دۇنيادىكى نۇرغۇن چوڭ بانكىلار «دۇنيا نازارەت مالىيە ساندانى» تەمىنلىگەن خەۋپسىزلىك ئانالىزى ۋە تېررورلۇق قارا تىزىملىكىنى ئىشلەتكەچكە بۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ مەسئۇللىرىنىڭ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىنى توسقۇنلۇققا ئۇچراتقان.

بۇ ۋەقەنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى 2 مىليوندەك ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىشى خەلقئارا دىققەت نۇقتىسىغا ئايلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى جازالاش ساداسى كۈچىيىۋاتقان مەزگىلدە ئاشكارىلىنىشى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا جىددىي ئەندىشە پەيدا قىلدى. مەلۇم بولۇشىچە، «دۇنيا نازارەت خەۋپسىزلىك ساندانى بۇرۇن تومسون رويتېرس، ناملىق شىركەتنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولۇپ، ئۇ 2018‏-يىلى 10‏-ئايدا بۇ ئورۇننى بلەكستون ناملىق شىركەتكە سېتىپ بەرگەن. «بلەكستون» رىفىنىتىف، ناملىق تارماق شىركىتىنى قۇرۇپ، «دۇنيا نازارەت خەۋپسىزلىك ساندانى» نى ئۇنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، «رىفىنىتىف» نىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا، ئۇنىڭ كۆچمەنلەر ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى مەمەت توختى قاتارلىق مەسئۇللىرىنى تېررورلۇق قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ قويۇشى بىلەن ئۇلارنىڭ كانادا رويال بانكىسى، ئاۋسترالىيە بانكىسى، گېرمانىيە دوچ بانكىسى غەرب ئۇيۇشمىسى، قاتارلىق پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىدا پۇل سېلىشى، پۇل ئالماشتۇرۇشى چەكلەنگەن.

بىز 16-ئاپرېل كۈنى مەركىزى لوندوندىكى «رىفىنىتىف» شىركىتىگە تېلېفون قىلىپ، د ئۇ ق ۋە ئۇنىڭ بەزى مەسئۇللىرىنى تېررورلۇق قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ قويۇشىدىكى سەۋەبلەرنى سورىدۇق. مەزكۇر شىركەتنىڭ ئالاقە ئىشلىرىغا مەسئۇل دىرېكتورى پائۇل سەندېل تېلېفونىمىزنى ئېلىپ: «بۇنىڭ ئىنتايىن مۇرەككەپ بىر تېما ئىكەنلىكى، شۇڭا، ئۆزلىرىنىڭ سوئالغا جاۋاب بېرىدىغانلىقى، بىراق سوئاللىرىمىزنى ئېلخەت ئارقىلىق ئەۋەتىشىمىز كېرەك» لىكىنى بىلدۈردى. بىز بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزنى ئېلخەت ئارقىلىق ئەۋەتكەن بولساقمۇ، لېكىن ھازىرغا قەدەر ئۇلاردىن ھېچقانداق جاۋاب كەلمىدى.

«ئوتتۇرا شەرق كۆزى» تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 2008‏-يىلى «دۇنيا نازارەت خەۋپسىزلىك مۇلازىمەت ساندانى» نىڭ تېررورلۇق قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ قويۇلغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ ئىشنى ھازىرغا قەدەر بايقىمىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەنگلىيەدىكى بىر قانۇن مۇلازىمەت ئورنى ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنىڭ تېررورلۇق قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ قويۇلغانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىنلا ئاندىن بۇ ئىش ئۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان.

دولقۇن ئەيسانىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئوخشاش ئەھۋال يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ گېرمانىيە دوچ بانكىسىدىكى ھېساب نومۇرىغا پۇل ياتقۇزۇش مەسىلىسىدە يۈز بەرگەن. ئۇ، دوچ بانكىسىنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئەۋەتكەن ئىئانە پۇلنى قايتۇرۇۋەتكەنلىكى، بانكا بىلەن سۆزلەشسە، دوچ بانكىسى «پۇلنى ئاۋسترالىيە بانكىسى قايتۇرۇۋالدى» دەپ جاۋاب بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

بىز 16‏-ئاپرېل دوچ بانكىسىغا تېلېفون قىلىپ، بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىغان بولساقمۇ، لېكىن دوچ بانكىسى پىكىر بىلدۈرۈشنى رەت قىلدى. مەزكۇر بانكىنىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق باياناتچىسى تروي گراۋىت، بۇنداق بىر پۇل ئوبوروت مۇلازىمىتىنىڭ بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، لېكىن «ئۇنىڭغا پىكىر بىلدۈرمەيدىغانلىقى» شۇنىڭدەك «پۇل ئوبوروتىنىڭ چەكلەنمىگەنلىكى» نى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئالاقىدار مەسىلىگە قارىتا بۈگۈن ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشىنى ئاخبارات بىلەن ئورتاقلاشمايدىكەن.

«ئوتتۇرا شەرق كۆزى» تورىنىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، بۇ ۋەقە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا خەلقئارا بانكا ۋە قائىدە-تۈزگۈچى ئورۇنلار خىتاينىڭ خەلقئارا سىستېمىنى سۇيىئىستېمال قىلىشىغا ۋە رەقىبلىرىنى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەپ جىمىقتۇرۇشىغا سەل قاراۋاتامدۇ؟، دېگەن ئەندىشە پەيدا قىلغان. گېرمانىيەدىكى «خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» نىڭ دىرېكتورى ئۇلرىخ دېلىئۇس 16-ئاپرېل زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ شىركەتنىڭ دۆلەتلەر، ھۆكۈمەتلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇنازىرىلىرىگە قۇلاق سالمىغانلىقىنى ئاشكارىلىشىمىز كېرەك. بىز ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنىڭغا قۇلاق يوپۇرغانلىقىنى سورىشىمىز لازىم. خىتايدا پەقەت سودىنىلا قوغلىشىپ ئىش قىلىش ھەقىقەتەن ئالجىغانلىقتۇر. بۇ شىركەتلەرنىڭ ھەممىسى مەبلەغ سالغۇچىلارغا تايىنىدۇ. بىزنىڭ مەبلەغ سالغۇچىلار بىلەن سۆزلىشىپ، ئەگەر ئۇلار ئىشەنچىنى يوقاتسا، ئۇلارنىڭ سودىسىغا تەسىر قىلىدىغانلىقى ۋە سودىسىنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشىمىز لازىم.»

دېلىئۇسنىڭ قارىشىچە، بانكىلارنىڭ بۇ قىلمىشىنى توسۇشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك يولى بۇ ۋەقەنى بۇ تاراتقۇلاردا كەڭ تارقىتىپ، خەلقنىڭ دىققىتىنى قوزغاش ئىكەن. دېلىئۇس مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ھادىسە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۈچۈن ھەقىقەتەن بىر دېلو. بىز بۇ ۋەقەنىڭ تەپسىلىي ئەھۋاللىرىنى تولۇق ئىگىلىشىمىز كېرەك. ئەگەر بىز بۇ ۋەقەنى خەلق ئاممىسىغا ئاشكارىلىساق بۇ بانكىلارنى بۇنداق قىلىشى قىيىنلىشىدۇ. بۇنى خەلق ئاممىسىغا تەشۋىق قىلىش بۇ شىركەتنى ئەرز قىلىشقا قارىغاندا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولىدۇ، دەپ قارايمەن. چۈنكى ئادۋوكات تۇتۇپ ئەرز قىلىشنىڭ ئاقىۋىتى بەك ئېغىر بولىدۇ.»

بۇ د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ تۇنجى قېتىم بىر خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشى ئەمەس. ئىلگىرى خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى-ئىنتېرپول خىتاينىڭ بېسىمىدا ئۇنىڭغا قىزىل تاشلىق ئېلان چىقارغان. لېكىن ئىنتېرپول ئۆتكەن يىلى قىزىل تاشلىق ئېلاننى بىكار قىلغان ئىدى. دولقۇن ئەيسانىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئۇلار د ئۇ ق ۋە ئۇنىڭ مەسئۇللىرىنى تېررورلۇق قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن لوندوندىكى «رىفىنىتىف» شىركىتىنى سوتقا تارتىشنى پىلانلىماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.