ئاسىيا، ياۋروپا، ئامېرىكا، ئاۋىسترالىيە قىتئەلىرىدىكى ئۇيغۇرلار تۇنجى قېتىم ئۆزىنىڭ ئەركىن ئىرادىسى بىلەن 7-نۆۋەتلىك د ئۇ ق ۋەكىللىرىنى سايلاپ چىقتى.
د ئۇ ق نىڭ تەشەببۇسى بىلەن 22-ئاۋغۇست كۈنى 4 قىتئەدىكى 30 غا يېقىن دۆلەتتە ئوخشىمىغان شەكىللەردە 7-نۆۋەتلىك د ئۇ ق نىڭ ۋەكىللىرىنى بېكىتىش سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى ھەمدە د ئۇ ق تەلەپ قىلغان 200 نەپەر ۋەكىل خەلقنىڭ ئەركىن ئىرادىسى بىلەن سايلاپ چىقىلدى.
شۇ كۈنى ياۋروپا ئەللىرىدىن گېرمانىيە، نورۋېگىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ سايلام ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. بىز گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن سايلام مەيدانىغا يېتىپ كەلگەن ۋاقتىمىزدا، زال ئىچىدىكى ئۇيغۇرلار قانداقتۇر بۈيۈك بىر مۇراسىمغا تەييارلىق قىلىۋاتقاندەك ھاياجانلىق كەيپىياتقا چۆمگەن ئىدى. يىغىن رىياسەتچىسىنىڭ «بۇ قېتىمقى سايلام ئىستىقلال مارشىمىز بىلەن باشلىنىدۇ» دېگەن ئىزاھاتى بىلەن كىشىلەر ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، قوللىرىنى كۆكسىگە قويۇپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىقلال مارشىغا جۆر بولدى.

ئىستىقلال مارشىدىن كېيىن سەھنىگە چىقىپ سۆز قىلغان د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، بۇ قېتىمقى دېموكراتىك سايلامنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىگە خەيىرلىك بولۇشىنى تىلىدى. ئاندىن سايلامغا نازارەتچىلىك ۋە رىياسەتچىلىك قىلىدىغان 4 كىشىلىك بىر ھەيئەت قول كۆتۈرۈپ ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلى بىلەن سايلاپ چىقىلدى. بۇلارنىڭ ئارىسىدا د ئۇ ق نىڭ سابىق رەئىسى ئەركىن ئالپتېكىن ئەپەندىمۇ بار ئىدى. بۇ ھەيئەت سەھنىدىن ئورۇن ئالغاندىن كېيىن، ئەركىن سايلام يېپىق ئاۋاز بېرىش شەكلىدە رەسمىي باشلاندى. كىشىلەر ئۆزى خالىغان ئادەمنى د ئۇ ق غا ۋەكىل قىلىپ سايلىدى.
7-نۆۋەتلىك د ئۇ ق سايلام كومىتېتىنىڭ رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ قېتىمقى سايلام توغرىلىق زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ كۈنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدە ئېلىپ بېرىلغان سايلام نەتىجىسىدە، 200 نەپەر ۋەكىلنىڭ بۇ يىل 11-ئايدا چېخىيە پايتەختى پاراگادا چاقىرىلىدىغان 7-نۆۋەتلىك قۇرۇلتايغا رەسمىي ۋەكىل بولۇپ تاللانغانلىقىنى بىلدۈردى.
د ئۇ ق سايلام كومىتېتى ۋەكىللەر بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، بۇ قېتىمقى سايلامنىڭ ناھايىتى ئەركىن، مەدەنىي بىر ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى. د ئۇ ق نىڭ سابىق رەئىسى ئەركىن ئالپتېكىن ئەپەندى بولسا بۇ تارىخىي سايلامنى ئۇيۇشتۇرغان د ئۇ ق رەھبەرلىرىنى ھەمدە سايلامغا قاتناشقان، سايلامدا غەلىبىگە ئېرىشكەن بارلىق ۋەتەنداشلىرىنى قىزغىن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى ئىپادە قىلدى.
22-ئاۋغۇست كۈنى نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇرلارمۇ سايلام ئېلىپ بارغان. نورۋېگىيەدە ياشايدىغان د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەمەت ئابلا ئەپەندى بۇ خۇسۇستا مەلۇمات بەرگەندە، ئوسلودا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ سايلامنىڭ ناھايىتى تەرتىپلىك، دېموكراتىك بىر رەۋىشتە داۋام قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى. مەزكۇر سايلامنى ئۇيۇشتۇرغان نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىمۇ نورۋېگىيەدىكى سايلامنىڭ نەتىجىلىك ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
بۇلاردىن باشقا، گېرمانىيەنىڭ كارلىسرۇخې ۋە ستۇتگارت شەھەرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئىلگىرى-كېيىن سايلام ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئۇلارمۇ ئەركىن سايلام ئارقىلىق ئۆزلىرى خالىغان كىشىلەرنى 7-قۇرۇلتاي ئۈچۈن ۋەكىل قىلىپ سايلاپ چىققان. گېرمانىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرى ۋە ياۋروپانىڭ باشقا دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئوخشىمىغان ئۇسۇللاردا ئۆزلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى سايلاپ چىققان. كارلىسرۇخې شەھرىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندى بۇ ھەقتە بىزنى قىسقىچە مەلۇمات بىلەن تەمىنلىدى.