قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى 7-نۆۋەتلىك د ئۇ ق ۋەكىللىرىنى سايلاپ چىقتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز فېرۇزە
2021.08.24
قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى 7-نۆۋەتلىك د ئۇ ق ۋەكىللىرىنى سايلاپ چىقتى د ئۇ ق نىڭ 7-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرنى سايلاپ چىقىش پائالىيىتىدە قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەسقەر قاسىموف نۇتۇق سۆزلىمەكتە. 2021-يىلى 22-ئاۋغۇست، بىشكەك،
RFA/Féruze

22-ئاۋغۇست كۈنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتى 7-نۆۋەتلىك دۇنىيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈدى. شۇ قاتارىدا قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىمۇ بىشكەك شەھىرىدىكى ئالامېدىن مەھەللىسىگە جەم بولۇپ، ئۆز ۋەكىللىرىنى سايلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

سايلام پائالىيىتى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى ۋە دۇنىيا ئۇيغۇر قۇرلتىىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ۋاكالاتچىسى روزىمۇھەممەت ئابدۇلباقىيېفنىڭ رەھبەرلىكىدە ئۇيۇشتۇرۇلدى. مەزكۇر پائالىيەتكە بىشكەك شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇرلاشقان يېزا-شەھەرلەرنىڭ ۋەكىللىرى، ئاياللار كومىتېتى، ئاقساقاللار كومىتېتى ۋە جامائەت ئەربابلىرى بولۇپ، ئىككى يۈزگە يېقىن كىشى قاتناشتى. مەزكۇر پائالىيەت پەلسەپە پەنلەرنىڭ كوندىدات نامزاتى، «ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ مۇھەررىرى ئەكبارجان باۋۇدۇنوفنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلدى. يىغىندا د ئۇ ق 7-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەھمىيىتى، شۇنداقلا كېيىنكى يىللاردا د ئۇ ق ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ھەمدە ئېرىشكەن مۇۋەپپەققىيەتلىرى كەڭ تونۇشتۇرۇلدى. يىغىندا داۋامىدا يەنە قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى دىلمۇرات ئەكبەروف د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئىمزالاغان تەشەككۈرنامىلەرنى تەقدىم قىلدى.

د ئۇ ق نىڭ 7-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرنى سايلاپ چىقىش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 22-ئاۋغۇست، بىشكەك، قىرغىزىستان.
د ئۇ ق نىڭ 7-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرنى سايلاپ چىقىش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 22-ئاۋغۇست، بىشكەك، قىرغىزىستان.

ئىگىلىنىشىچە، د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا مەيلى قايسىي دۆلەتتە ياشىسۇن ياكى قانداق سىياسىي كۆزقاراشقا ئىگە بولسۇن، ۋەتەن ۋە مىللىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى خالايدىغان بارلىق ئۇيغۇرلارغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىشىكىنىڭ ئوچۇق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بۇ چاقىرىغىغا ئاۋاز قوشۇپ، بۇ قېتىمكى قۇرۇلتايغا ۋەكىل بولۇش ئۈچۈن ئاكتىپلىق بىلەن ئۆز نامزاتلىرىنى كۆرسەتكەن، د ئۇ ق قىرغىزىستاندىن 10 نەپەر ۋەكىل سايلاشقا سان بەرگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرلتىيىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ۋاكالاتچىسى روزىمۇھەممەت ئابدۇلباقىيېف رادىيومىز زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، 7-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا ۋەككىللەرنى سايلاش ۋە رەسمىي تەدبىرلەرنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن مەخسۇس بىر تەپتىش قۇرۇلغانلىقى، دەسلەپتە قۇرۇلتۇيغا ۋەكىل بولۇش ئۈچۈن 27 كىشىنىڭ ئۆزىنى نامزاتلىققا كۆرسەتكەنلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

قىرغىزىستاندا ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنىدىغان بىردىنبىر گېزىت- «ئىتتىپاق» گېزىتى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مۇستەقىلىق يولىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرى توغرىسىدا نۇرغۇن مەلۇماتلارنى بەرمەكتە، شۇ جۈملىدىن د ئۇ ق نىڭ 7-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى توغرىسىدىمۇ مەزكۇر گېزىتتە تولۇق مەلۇمات بېرىلدى. سايلام پائالىيىتى داۋامىدا قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەسقەر قاسىموف نۇتۇق سۆزلەپ، «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئۈچۈن ئېلىپو بارغان پائالىيەتلىرى ۋە د ئۇ ق نىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

مەزكۇر پائالىيەتكە قاتناشقان «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى ئاقساقاللار كېڭىشىنىڭ ئەزاسى ئابدۇقېيىم روزىيېف ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، 7-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا ئالىي بىلىملىك ۋە تەجرىبىلىك ۋەكىللەر سايلانغانلىغىنى تىلغا ئالدى. ئۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ بۇ يىل نويابىردا ئېچىلىدىغان 7-نۆۋەتلىك سايلىمىدىن زور ئۈمىدلەر كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قىرغىزىستان، قازاقستاندىن قالسا ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۇيغۇرلار بىر قەدەر كۆپ ۋە زىچ ئولتۇرلاشقان بىر مەملىكەتتۇر. قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق كۈرەشلىرى يولىدا ئۆزلىرىنىڭ ئىماكانىيىتى يار بەرگەن دائىرىدە تۈرلۈك تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.