د ئۇ ق گېرمانىيەنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە ئەربابلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى
2020.07.03
د ئۇ ق رەھبەرلىرى گېرمانىيە پارلامېنتىدا 5 پارتىيەنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن بىر ھەپتە ئۇچرىشىش ئېلىپ باردى.
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا، قۇرۇلتاينىڭ پروگرامما يېتەكچىسى ئېۋا ستوكېر ۋە د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان بىر گۇرۇپپا ۋەكىللەر 6-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن باشلاپ گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا بىر ھەپتىگە سوزۇلغان پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان.
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بۈگۈن بېرلىندىن بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ ئۇچرىشىشنىڭ دائىرىسى ھازىر گېرمانىيەدە ھاكىمىيەت بېشىدا بولغان خرىستىئان دېموكراتلار پارتىيەسى، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى، يېشىللار پارتىيەسى، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى ۋە سولچىللار پارتىيەسى قاتارلىق 5 پارتىيەنىڭ پارلامېنتتىكى مۇھىم ئەربابلىرىغا قەدەر كېڭەيگەن.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ قېتىمقى بىر ھەپتىلىك سۆھبەتنىڭ مەقسىتى توغرىسىدا توختالغاندا، 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ۋە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئالغان گېرمانىيەنىڭ رولىدىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
د ئۇ ق رەھبەرلىرى گېرمانىيەدىكى ھەرقايسى پارتىيە رەھبەرلىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن بولغان بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا ئۇيغۇرلار يولۇقۇۋاتقان نۆۋەتتىكى قەبىھ ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن گېرمانىيە ھۆكۈمىتىدىن خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشتە ئەمەلىي ئۈنۈم بېرىدىغان چارە-تەدبىرلەرنى ئېلىشنى تەلەپ قىلىپ، ئامېرىكىغا ئوخشاش مەخسۇس قانۇنلارنى ماقۇللاش، ماگنىتىسكىي قانۇنىنى قوبۇل قىلىش، خىتاي بىلەن ئالاقىسى بولغان شىركەتلەرنى چەكلەش، جازالاش قاتارلىق كونكرېت مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.
بۇ قېتىمقى زىيارەتكە ھەمراھ بولغان د ئۇ ق نىڭ پروگرامما يېتەكچىسى ئېۋا ستوكېر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە پارتىيە رەھبەرلىرى بىلەن بولغان بۇ ئۇچرىشىشلاردا خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتى، مەجبۇرىي پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ۋە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان ئېغىر زۇلۇملارنى تەپسىلىي ئاڭلىتىش پۇرسىتى بولغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «گېرمانىيە پارلامېنتىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ ئۇچرىشىشلارنىڭ دائىرىسى بەك كەڭ بولدى. پارتىيە رەھبەرلىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى قىيىن ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى تۈزۈمى ۋە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەر تەپسىلىي ئاڭلىتىلىپلا قالماي، د ئۇ ق نىڭ ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ گېرمانىيە ھۆكۈمىتىدىن كۈتىدىغان تەلەپ-ئىستەكلىرىمۇ جىددىي رەۋىشتە ئوتتۇرىغا قويۇلدى».
گېرمانىيە پارلامېنتىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ بىر ھەپتىلىك پائالىيەتكە د ئۇ ق نىڭ بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، قۇرۇلتاي ياشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى غەيۇر قۇربان ئەپەندىمۇ ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، ئۇ بېرلىندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا بۇ قېتىم ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىشنىڭ د ئۇ ق ھازىرغا قەدەر گېرمانىيە پارلامېنتىدا ئېلىپ بارغان كۆلىمى ئەڭ زور بىر پائالىيەت بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.
د ئۇ ق نىڭ 29-ئىيۇن باشلانغان بۇ بىر ھەپتىلىك پائالىيىتى بۈگۈن 3-ئىيۇل ئاخىرلاشتى.