دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تۈركىيە رەھبەرلىرى، ھەرقايسى پارتىيەلەرنىڭ رەئىسلىرى ۋە تۈركىيە پارلامېنتى تاشقى ئىشلار كومىتېتى بىلەن ئەدلىيە كومىتېتى مەسئۇللىرى ھەم ئەزالىرىغا خەت ئەۋەتىپ، ئۇلارنى خىتاي بىلەن تۈركىيە ئارىسىدىكى «جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى» نى ماقۇللىماسلىققا چاقىرغان ئىدى. بۇ خەتنى 29-يانۋار كۈنى «ئىيى» يەنى «ياخشى» پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئومۇمىي يىغىندا ئوقۇپ ئۆتتى. ئۇيغۇرلار بۇنىڭ تارىخىي بىر ئىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشمەكتە.
فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى پارلامېنتتا ھەرقايسى ئەزالارغا سالام يوللاش بىلەن بىرگە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ نامى بىلەن ئۆزىگە ئەۋەتىلگەن خەتنى ئوقۇپ ئۆتتى. «مەلۇم بولغىنىدەك تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن ‹جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى› 26-دېكابىر كۈنى خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەرىپىدىن ماقۇللانغان. خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر كېلىشىمنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدىمۇ ماقۇللۇقتىن ئۆتۈشىنى كۈتمەكتە. خىتاي ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان دىكتاتورلۇق تۈزۈمى بىلەن ئىدارە قىلىنىۋاتقان بىر دۆلەتتۇر. كېلىشىمدە ‘تەلەپ قىلىنغان كىشى ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىۋاتقان دۆلەتلەرگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلمەيدۇ’ ماددىسىنىڭ يوقلۇقى بىزدە ئەندىشە پەيدا قىلماقتا. مەزكۇر كېلىشىمنىڭ تۈزۈلۈشى تۈركىيەدە ۋاقىتلىق تۇرۇش رۇخسىتى بىلەن ياشاۋاتقان، تېخى تۈرك پۇقراسى بولۇش سالاھىيىتىگە ئىگە بولالمىغان ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ ئەنسىزلىك پەيدا قىلماقتا. بۇ كېلىشىم دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىمۇ قاتتىق ئەندىشىگە سالماقتا».
فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەۋەتكەن خەتنىڭ داۋامىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «تۈركىيە بۇ كېلىشىمنى فېتو ۋە پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەزالىرىنى نىشان قىلىپ تۈزگەن بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، خىتاينىڭ مەقسىتى تېررورلۇقنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، بىگۇناھ، مەزلۇم، ئېزىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈمىدى بولغان تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بۇزۇش، دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ نەزىرىدە تۈركىيەنىڭ ئابرۇيىنى چۈشۈرۈشتىن ئىبارەت. خىتاينىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنىڭ كېيىنكى يىللاردا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئايلانغانلىقىنى نەزەردە تۇتساق، كېلىشىم تۈركىيە پارلامېنتىدا ماقۇللانسا، شەرقىي تۈركىستاندا تېخىمۇ زور ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ سادىر بولىدىغانلىقى ئېنىق».
29-يانۋار كۈنى چۈشتىن كېيىن تۈركىيە پارلامېنتىدا سۆزلىگەن نۇتقى ۋە دولقۇن ئەيسانىڭ خېتىنى ئوقۇپ بېرىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىنلا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ خېتىنىڭ چوقۇم ھۆكۈمەتكە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇ مەسىلىنى پارلامېنتتا قايتا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشىمىز چوقۇم ھۆكۈمەتكە ۋە ھۆكۈمەتنى قوللاۋاتقانلارغا تەسىر كۆرسەتتى. مەن ھۆكۈمەتنىڭ مەزكۇر كېلىشىمنى پارلامېنتتا مۇزاكىرىگە قويالمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئەگەر ماقۇللىتىشقا تەمشەلسە تۈرك خەلقىنىڭ نەزىرىدە جىنايەت سادىر قىلغان بولىدۇ».
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھازىرغىچە تۈركىيەدىكى ھەر قايسى سىياسىي پارتىيە رەھبەرلىرى ۋە تۈركىيە پارلامېنتىدىكى تاشقى ئىشلار كومىتېتى ئەزالىرى بىلەن ئەدلىيە كومىتېتى ئەزالىرىغا ھەم پارلامېنت ئەزالىرىغا كۆپلەپ خەت ئەۋەتكەن بولۇپ، فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندىنىڭ بۇ مەكتۇپنى ئومۇمىي يىغىندا ئوقۇشى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇنىڭدىن سۆيۈنگەنلىكىنى بايان قىلدى.
مەلۇم بولۇشىچە 1949-يىلى ئۇيغۇر دىيارى كوممۇنىست خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغاندىن كېيىن ئەينى زاماندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بىلەن مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئەپەندى قاتارلىقلارنىڭ كەشمىر ئارقىلىق 1954-يىلى تۈركىيەگە يېتىپ كېلىشى بىلەن تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى باشلانغان. 1955-يىلى مەككىدە ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى چاقىرىلغان. پېشقەدەم پائالىيەتچى ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خېتىنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئومۇمىي يىغىنىدا ئوقۇپ ئۆتۈلۈشىنىڭ تارىخىي بىر ۋەقە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى تۈركىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدىكى رولى ھەققىدە توختىلىپ، گەرچە تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان بەزى ئىشلارنى قىلسىمۇ تۈرك خەلقىنىڭ قوللىشىنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ خېتىنىڭ ئوقۇلۇشىنىڭ د ئۇ ق نىڭ تۈركىيەدىكى تەسىر كۈچىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى 27-دېكابىر كۈنى جىددىي يىغىن چاقىرىپ، بۇ كېلىشىمنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتۈشىنى توسۇش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، 13 ئەتراپىدا پارتىيە رەئىسى ۋە 50 ئەتراپىدا پارلامېنت ئەزاسىغا مەزكۇر كېلىشىمنى ئۆتكۈزمەسلىك ئۈچۈن چاقىرىق خېتى ئەۋەتكەنلىكىنى بۇنىڭ تەسىرىنىڭ زور بولغانلىقىنى بايان قىلدى.
تۈركىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا تۈزۈلگەن «جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى» نىڭ 2017-يىلى ئىككى دۆلەت مىنىستىرلىرى ئارىسىدا ئىمزالانغان بولۇپ، 2019-يىلى تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تايىپ ئەردوغان بۇ كېلىشىمگە قول قويغان بولسىمۇ، ئەمما تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ ماقۇللۇقىدىن تېخىغىچە ئۆتمىگەن. مۇتەخەسسىسلەر ھۆكۈمەت، ئۆكتىچى پارتىيە ۋە تۈرك خەلقىنىڭ نارازىلىق كۆرسىتىشىدىن قورققاچقا، مەزكۇر كېلىشىمنىڭ تېخىغىچە مۇزاكىرىگە سۇنمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.