تۈركىيەنىڭ قاھرامانماراش ۋىلايىتىنىڭ پازارجىق ناھىيەسىنى مەركەز قىلغان، مالاتيا، ئادانا، گازىئانتىپ، دىيارباقىر، ئۇرفا، ئوسمانىيە ۋە خاتاي قاتارلىق ئون شەھىرىدە 2-ئاينىڭ 6-كۈنى ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن ئېغىر يەر تەۋرەشتىن كېيىن، د ئۇ ق ئۇيغۇرلارنى ئىئانە قىلىشقا چاقىرىق قىلغانىدى. د ئۇ ق ئۇيغۇرلار ئىئانە قىلغان پۇللارنى تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن.
1 مىليون تۈرك لىراسى پۇلنى تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى بانكا ھېسابىغا يوللاپ بەرگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇرېشىت ئابدۇلخەمىت ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەدە زور يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن 2-ئاينىڭ 8-كۈنى د ئۇ ق جىددىي يىغىن چاقىرىپ، تارمىقىدىكى بارلىق تەشكىلاتلارغا ۋە شەخىسلەرگە ئىئانە توپلاش ھەققىدە چاقىرىق قىلغانىدى. بۇ خىزمەتنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ياردەم گۇرۇپپىسى قۇرغان ئىدۇق. بۇ گۇرۇپپا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئىئانە يىغدۇق. بۇ پائالىيەتكە تۈركىيە، قازاقىستان، بېلگىيە، گېرمانىيە، ئامېرىكا، گوللاندىيە، شىۋېتسىيە، شىۋېتسىيە، نورۋېگىيە ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ھەر قايسى تەشكىلات ۋە شەخسلەر ئاكتىپ ئاۋاز قوشتى».

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، 6-فېۋرال تۈركىيەدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ تارىختىكى ئەڭ چوڭ ئاپەتلەردىن بىرى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، بۇنداق ئېغىر ۋەزىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك خەلقىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەنلىكىنى، گەرچە پۇل كۆپ بولمىسىمۇ، ئەھمىيىتىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئابدۇرېشىت ئابدۇلخەمىت ئەپەندى مۇنداق دېدى: «مانا بۈگۈن، 3-ئاينىڭ 10-كۈنى يىغىلغان 1 مىليون تۈرك لىراسىنى تۈركىيە جۇمھۇرىيەتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا قارايدىغان›ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋال باشقۇرۇش باشقارمىسى‹ناملىق ئىدارىنىڭ رەسمىي بانكا ھېسابىغا يوللاپ بەرگەن بولدۇق. بۇ ئىئانە قىلىش پائالىيىتىگە ئاۋاز قوشقان بارلىق تەشكىلات، شەخىسلەرگە ۋە ياردەم گۇرۇپپىمىزنىڭ ئەزالىرىغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن».
ئابدۇرېشىت ئابدۇلخەمىت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، د ئۇ ق سەپەرۋەر قىلغان ئىئانە پائالىيىتىدىن سىرت قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئامېرىكىدىكى بەزى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىئانە يىغىپ ئۆز دۆلەتلىرىدە تۇرۇشلۇق تۈركىيە ئەلچىخانىسىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن.
6-فېۋرال ئەتىگەن زور يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىنلا باشلانغان قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم بېرىش ئىشلىرىغا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئاكتىپ قاتناشتى. ئوخشىمايدىغان تەشكىلاتلار 5 گۇرۇپپا ھالىدا ئاپەتكە ئۇچرىغان كىشىلەرگە ئىللىقلىق كۆرسەتتى. كۆپ ساندا ئۇيغۇردىن تەركىب تاپقان 5 ياردەم گۇرۇپپىسى تۈركىيەنىڭ خاتاي، قاھرامانماراش، ئادىيامان ۋە مالاتيا ۋىلايەتلىرىگە يېتىپ بېرىپ، ياردەم خىزمەتلىرىگە قاتنىشىپ، تۈرك خەلقىنىڭ ئالقىشلىغا ئېرىشتى.
تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسىنىڭ 10-مارت كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تۈركىيەنىڭ قاھرامانماراش ۋىلايىتىنىڭ پازارجىق ناھىيەسىنى مەركەز قىلغان، مالاتيا، ئادانا، گازىئانتىپ، دىيارباقىر، ئۇرفا، ئوسمانىيە ۋە خاتاي قاتارلىق ئون شەھىرىدە يۈز بەرگەن 2 چوڭ يەر تەۋرەشتە 46 مىڭ 104 تىن ئارتۇق كىشى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن 230 مىڭ بىنانىڭ ئاستىدا قېلىپ ھاياتىدىن ئايرىلغان. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرەققىيات قۇرۇلۇشىنىڭ (UNDP) تۈركىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل ۋەكىلى لوئۇئىسا ۋىنتون (Louisa Vinton) 6-مارتتا جەنۋەدە مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، تۈركىيەدە مەيدانغا كەلگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ 100 مىليارد دوللارلىق ماددىي زىيان ئېلىپ كەلگەنلىكىنى پەرەز قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.