جەنۋەدىكى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 41-نۆۋەتلىك دائىمىي يىغىنى بىلەن پولشانىڭ پايتەختى ۋارشاۋادا چاقىرىلغان ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
18-سېنتەبىر كۈنى چۈشتىن كېيىن ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن 41-نۆۋەتلىك دائىمىي يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ۋاكالىتەن پېتىر ئىرۋېن ئەپەندى سۆز قىلىپ ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان ئېغىر ۋەزىيەتنى ئاڭلاتقان. ئۇ نۇتقىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا سولىغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «مەن بۈگۈن ب د ت نىڭ 41-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق دائىمىي يىغىنىدا سۆزلىدىم. بۇ يەردە كۆپ ساندا ئۇيغۇرنىڭ لاگېرغا سولانغانلىقىنى، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بولسا بىز بۇلارنى تەربىيەلەۋاتىمىز دەپ يالغان سۆزلەۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارغا ئېغىر بېسىم ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاتتىم».
پېتەر ئىرۋىن ئەپەندى 18-سېنتەبىر كۈنى بۇلاردىن سىرت خىتايغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ب د ت دىكى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن ب د ت دىكى خىتايغا گەپ قىلالايدىغان فىرانسىيە، ئاۋسترالىيە ۋە شىۋېتسىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ ب د ت دىكى خادىملىرى بىلەن ئۇچراشتىم. ئۇچرىشىشتا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى ئاڭلاتتىم. بۇلاردىن باشقا خىتايدىن كەلگەن ساختا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ شىنجاڭدا ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى يوق دەپ ئاڭلىتىۋاتقان يىغىنلارغا ئىشتىراك قىلىپ، خىتايلاردىن سوئال سورىدىم».
بۈگۈن 18-سېنتەبىر كۈنى د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ پولشانىڭ پايتەختى ۋارشاۋادا چاقىرغان «خىتايدا ئاممىۋى ھەرىكەتلەرنىڭ باستۇرۇلۇشى ۋە بۇنىڭ ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولغان دۆلەتلەرگە بولغان تەسىرى» ماۋزۇلۇق يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان. ئۇ، بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.
ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى 1970-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تۈركمەنىستانغا ئوخشاش تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرمۇ ئەزا بولغان. ۋارشاۋادا چاقىرىلغان «خىتايدا ئاممىۋى ھەرىكەتلەرنىڭ باستۇرۇلۇشى ۋە بۇنىڭ ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولغان دۆلەتلەرگە بولغان تەسىرى» ماۋزۇلۇق يىغىندا سۆزلىگەن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى نۇقتىلىق ھالدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرغان جازا لاگېرلىرىغا سولانغان قازاق ۋە قىرغىزلار توغرىسىدا توختالغاندىن سىرت خىتاينىڭ ھازىر يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىگە بولغان تەسىرى توغرىسىدىمۇ توختالغان.
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يىغىن ئەسناسىدا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى روگەر كارستېنس ۋە بەزى دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتلىرى بىلەنمۇ ئۇچراشقانلىقىنى تىلغا ئالدى.
د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ ب د ت دىكى پائالىيەتلىرى بىر ھەپتە داۋام قىلىدىغان بولۇپ، بۇ بىر ھەپتە جەريانىدا ئۇلار كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ئەلچىلىرى بىلەن كۆرۈشىدىكەن ھەمدە تىبەت ۋە دېموكراتىك خىتايلار بىلەن بىرلىكتە ب د ت دا تۈرلۈك مەزمۇنلاردا يىغىنلارغا قاتنىشىدىكەن.
0:00 / 0:00