د ۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا: «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 7-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ 200 ۋەكىلى سايلام ئارقىلىق بېكىتىلىدۇ»

0:00 / 0:00

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 14-ئىيۇل كۈنى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، 7-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ 2021-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە چېخىيە پايتەختى پىراگادا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن 7-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ تەييارلىق خىزمىتى جىددىي تۈردە باشلانغان ئىدى. ئىگىلىشىمىزچە، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا د ئۇ ق نىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىمۇ دۇنيانىڭ ھەر قايسىي جايلىرىدا سايلام ئارقىلىق بېكىتىلىدىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئارقا-ئارقىدىن يىغىن چاقىرىپ مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، 7-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى تەييارلىق كومىتېتلىرىنى قۇرۇپ چىققان. ئۇلار نۇقتىلىق ھالدا قۇرۇلتايغا ۋەكىل بولىدىغان نامزاتلارنىڭ ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغان. قۇرۇلتاي ۋەكىللىكىگە 370 نامزات ئىلتىماس قىلغان بولۇپ، 22-ئاۋغۇست كۈنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا سايلام ئۆتكۈزۈپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىن 200 كىشىنى ۋەكىل قىلىپ سايلاپ چىقىدىكەن.

بىز بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن، د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ ئالدى بىلەن بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىنىڭ ۋەتەن سىرتىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مىللىي مۇستەقىللىق ئىنقىلابىنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈنمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا مەلى قايسىي دۆلەتتە ياشىسۇن ياكى قانداق سىياسىي كۆزقاراشقا ئىگە بولسۇن، ۋەتەن ۋە مىللىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى خالايدىغان بارلىق ئۇيغۇرلارغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىشىكىنىڭ ئوچۇق ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ نۆۋەتلىك قۇرۇلتايغا نىسبەتەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قىزىقىشىنىڭ ناھايىتى يۇقۇرى ئىكەنلىكىنى، 22-ئاۋغۇست كۈنى ھەرقايسىي ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردىكى ۋەكىل نامزاتلىرى ئىچىدىن رەسمىي ۋەكىللەرنى سايلاپ چىقىشقا ئاكتىپ قاتنىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

د ئۇ ق نىڭ سايلام ئىشلىرىغا مەسئۇل رەھبىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي ھەر قايسىي دۆلەتلەردىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ دېموكراتىك ئۇسۇل بىلەن سايلاپ چىققان قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى، كۆزەتكۈچىلەر ۋە تەكلىپ قىلىنغان ئالاھىدە مېھمانلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، ھازىرغىچە قۇرۇلتاينىڭ ۋەكىل نامزاتلىقىغا 370 كىشى ئىلتىماس قىلغان ئىكەن. د ئۇ ق نىڭ نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن بۇلارنىڭ ئىچىدىن 310 كىشى رەسمىي ۋەكىل نامزاتى بولۇپ تاللىنىدىكەن.

22-ئاۋغۇست كۈنىدىكى سايلام ئارقىلىق بۇلارنىڭ ئىچىدىن رەسمىي 200 نەپەر ۋەكىل سايلىنىپ چىقىدىكەن. تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.

بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا قاتنىشىدىغان رەسمىي ۋەكىللەرنىڭ سانى 200 قىلىپ بېكىتىلگەن بولۇپ، 22-ئاۋغۇست كۈنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يېپىق بىلەت تاشلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق بېكىتىلىدىكەن. قۇرۇلتاي نىزامنامىسى بويىچە، ھەر ئۈچ يىلدا بىر قېتىم ئوتكۈزىلىدىغان ۋە ئەسلىدە 2020-يىلى 11-ئايدا ئۆتكۈزۈش قارار قىلىنغان 7-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى كورونا ۋاباسى سەۋەبىدىن كېچىكتۈرۈلگەن ئىكەن.