دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 8-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى رەسمىي باشلاندى

0:00 / 0:00

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 5-ئىيۇن كۈنى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، 8-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ 2024-يىلى 10-ئاينىڭ ئاخىرقى ھەپتىسى مەلۇم بىر دۆلەتتە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

د ئۇ ق رەئىسى ۋە ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ تەۋسىيە قارارى، 1-ئىيۇن كۈنى چاقىرىلغان ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا بىردەك ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىنىپ، 8-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا تەييارلىق قىلىش كومىتېتى قۇرۇپ چىقىلدى. يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشكىلىي خىزمەتلىرىگە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممەدى ئەپەندى تەييارلىق كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاپ چىقىلدى. يىغىندا 8-نۆۋەتلىك ئومۇمى ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ رەسمىي ۋەكىللىرىنىڭ ئومۇمى سانى، 24 دۆلەتتىن 157 نەپەر قىلىپ بېكىتىلدى ۋە كاندىدات ۋەكىللىك تۈزۈمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. يىغىندا، قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا سايلام ئۆتكۈزۈپ، سايلاپ چىقىش قارار قىلىندى.

بىز بۇ توغرىلىق تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن، د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ ئالدى بىلەن بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 8-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى، خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى داۋام قىلدۇرۇۋاتقان، دۇنيا دۆلەتلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتايغا قارشى تۇرۇش ياكى قوللاش بويىچە ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنگەن، شۇنداقلا، دۇنيانىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدە زور بۇرۇلۇش يۈز بېرىۋاتقان، دۇنيانىڭ دىققىتى ئۇكرائىنا ئۇرۇشى، ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن توقۇنۇشىغا مەركەزلەشكەن، خىتاي بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، بار كۈچى بىلەن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئۈستىنى يېپىشقا تىرىشىۋاتقان پەۋقۇلئاددە بىر پەيتكە توغرا كەلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ، نۆۋەتتە خەلقئارادا مىللىي دەۋايىمىزغا ۋەكىللىك قىلىۋاتقان مەركىزىي تەشكىلات بولۇش سۈپىتى بىلەن مىللىي ھەرىكىتىمىزدىكى مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن تېخىمۇ ئېشىپ بارماقتا. شۇڭا، 8-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاينىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشى مۇھاجىرەتتىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىمىزنىڭ بۇندىن كېيىن ھەم ئىزچىل، سىستېمىلىق ۋە ئۇتۇقلۇق داۋام قىلىشىدا زور ئەھمىيەتكە ئىگىدۇر.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشكىلىي خىزمەتلەرگە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا بولىدىغان يېڭىلىقلار توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «قۇرۇلتاينىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى جىددىي ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. 10-ئاينىڭ ئاخىرىدا چاقىرىلىدىغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 8-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى، ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە جامائەتچىلىكى تەرىپىدىن دېموكراتىك ئۇسۇل بىلەن سايلاپ چىقىلغان قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى، مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەر ۋە تەكلىپ قىلىنغان ئالاھىدە مېھمانلارنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدۇ. قۇرۇلتايدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئۆتكەن 3 يىللىق خىزمەت دوكلاتى، مالىيە دوكلاتى تەقدىم قىلىنىدۇ، شۇنداقلا مىللىي دەۋايىمىزنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈشنىڭ چارە-تەدبىرلىرى ۋە ئىستراتېگىيەلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدۇ. قۇرۇلتاي ئاخىرىدا بۇ توغرىلىق قارارلار قوبۇل قىلىنىدۇ.»

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سايلامدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىك سايلىمى ۋە رەھبەرلىك سايلىمىدا يېڭى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىدۇ. يەنى، د ئۇ ق نىڭ ئىجابىي ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش بىلەن بىرگە، بۈگۈنكى دۇنيانىڭ يۈزلىنىشىگە ماس خىزمەت قىلالايدىغان قابىلىيەتلىك ۋە جەڭگىۋار يېڭى رەھبەرلىك قوشۇنى دېموكراتىك شەكىلدە سايلاپ چىقىلىدۇ. ۋەكىللەر ۋە رەھبەرلىك قاتلىمىدا ياشلار ۋە ئاياللارنىڭ نىسبىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ.»

د ئۇ ق نىڭ سايلام ئىشلىرىغا مەسئۇل رەھبىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ دېموكراتىك ئۇسۇل بىلەن سايلاپ چىققان قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى، جامائەت ئەربابلىرى، تونۇلغان زىيالىيلار، كۆزەتكۈچىلەر ۋە تەكلىپ قىلىنغان ئالاھىدە مېھمانلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، ھازىردىن باشلاپ ئالدى بىلەن قۇرۇلتاينىڭ ۋەكىل نامزاتلىقىغا ئىلتىماس قىلىشى كېرەك ئىكەن. د ئۇ ق نىڭ نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ۋە ئىجرائىيە يىغىنىدا ئېلىنغان قارارغا ئاساسەن بۇلارنىڭ ئىچىدىن 157 كىشى رەسمىي ۋەكىل بولۇپ تاللىنىدىكەن.

قۇرۇلتاي نىزامنامىسى بويىچە، ھەر ئۈچ يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ۋە ئەسلىدە 2020-يىلى 11-ئايدا ئۆتكۈزۈش قارار قىلىنغان 7-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى كورونا ۋاباسى سەۋەبىدىن بىر يىل كېچىكتۈرۈلۈپ، 2021-يىلى 11-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەنىدى.