د ئۇ ق ھەيئىتى ياۋروپا پارلامېنتىدا مۇھىم ئۇچرىشىشلاردا بولدى

0:00 / 0:00

بىرلەشكەن دۆلەتلىرى تەشكىلاتىدا ۋە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدا يىغىۋېلىش لاگېرلىرى مەسىلىسى يۇقىرى دەرىجىدە كۈنتەرتىپكە كېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە دۇق ياۋروپا پارلامېنتىدا بىر يۈرۈش ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى.

2017-يىلى 10-ئايدا ياۋروپا پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» تەسىس قىلىنغان ئىدى. مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ 19 ئەزاسى بار بولۇپ، 2019-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا پارلامېنتى سايلىمىدا بۇلارنىڭ كۆپى سايلىنالمىغان ئىدى. دۇق بۇ دوستلۇق گۇرۇپپىسىنى قايتا جانلاندۇرۇش، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى پارلامېنت ئەزالىرىغا ئاڭلىتىش، ئىلھام توختى، تاشپولات تېيىپ ۋە خالمۇرات غوپۇر قاتارلىق زىيالىيلارنىڭ مەسىلىسىنى ئۇلارغا ئاڭلىتىپ چارە ئىزدەش مەقسىتى بىلەن ياۋروپا پارلامېنتىدا بىر يۈرۈش مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارغان.

مەزكۇر ھەيئەت 23-سېنتەبىر كۈنىدىن 25-سېنتەبىر كۈنىگىچە كۆپ ساندا پارلامېنت ئەزاسى بىلەن ئايرىم ئايرىم ئۇچراشقان. دۇق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ قېتىم زىيارىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نى قايتا كۈچلەندۈرۈش ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ياۋروپا پارلامېنتى 9-ئاينىڭ بېشىدا يېڭى خىزمەت يىلىنى باشلىغان. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يېڭى سايلىنىپ كەلگەن ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەندىن سىرت بۇندىن كېيىن ياۋروپا پارلامېنتىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەتلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقىنى دېدى.

قىممەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ھازىر ياۋروپا پارلامېنتىدا 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا نامزات كۆرسىتىش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىم ئىلھام توختىنى نامزات كۆرسىتىش مەقسىتى بىلەن «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى»، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىرلىكتە ياۋروپا پارلامېنتىغا تەلەپلىرىنى يەتكۈزگەن. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتىمۇ مەلۇمات بەردى.

دۇق رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ياۋروپا پارلامېنتىدا ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلىرىدا تاشپولات تېيىپ بىلەن خالمۇرات غوپۇر مەسىلىسىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان.

دۇق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 3 كۈن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىش نەتىجىسىدە كۆپ ساندا پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قىزىپ ئاڭلىغانلىقى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى، بۇنىڭدىن كېيىن «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىغا قارىتا ئىشەنچ تۇغۇلغانلىقىنى بايان قىلدى.
ياۋروپا پارلامېنتى «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن 2018-يىلى 10-ئايدا ياۋروپا پارلامېنتىدا 700 نەپەر پارلامېنت ئەزاسىنىڭ قوللىشى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى توغرىسىدا 10 ماددىدىن تەركىب تاپقان قارار، 2019-يىلى 4-ئايدا ئىككىنچى قارار ماقۇللانغان ئىدى. دۇق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.