دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن ياۋروپا پارلامېنتىدا مۇھىم پائالىيەتلەردە بولدى.
6-مارت ب د ت دىكى پائالىيەتلىرىدىن كېيىن بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلغا يېتىپ كەلگەن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 7-مارت كۈنى تەكلىپكە بىنائەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان مەلۇمات ئېلىش يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىيىتى ۋە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى توغرىسىدا دوكلات تەقدىم قىلغان.
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا بۇ يىل 4-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق دىيالوگى ئۈچۈن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھازىرقى رېيال ۋەزىيىتى، بولۇپمۇ جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا ئەڭ يېڭى مەلۇماتلارغا ئېرىشىش مەقسىتىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ يىغىننى ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەشكىللىگەن. يىغىنغا د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ھەمدە دۇنيا خىرىستىيان ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىرىمۇ ئىشتىراك قىلىپ، ئۆزلىرى ئېرىشكەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىغا ئائىت دەلىللىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن. يىغىنغا ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستېرلىقىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى كومىتېتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشقان.
بۇ قېتىمقى يېپىق يىغىندا نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتى ۋە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىپلا قالماي، بەلكى يەنە خىتاينىڭ مۇھاجىرەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە زىيانكەشلىك قىلىش مەسىلىلىرىمۇ تىلغا ئېلىنغان.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىندا خەلقئارا بېسىمنىڭ ئارتىشىغا قارىماي خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش نىيىتىدىن ۋاز كەچمەيۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر دىياردىكى جازا لاگېرلىرى كۆلىمىنىڭ بارغانسېرى كېڭىيىۋاتقانلىقى، يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ ئورگان ئەتكەسچىلىكىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىش ئېھتىماللىقى بارلىقى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ مەسىلىگە جىددىي مۇئامىلە قىلىش لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يەنە جازا لاگېرلىرىدا بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىلىرى، ئىز-دېرەكسىز غايىب قىلىۋېتىلىش ھادىسىلىرىنىڭ جىددىي ئەندىشە قوزغاۋاتقانلىقىنىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.
ياۋروپا ئىتتىپاقى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزىدىغان خىتاي بىلەن بولغان كىشىلىك ھوقۇق دىيالوگى باشلىنىشتىن ئىلگىرى ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستېرلىقىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ھەر يىلى د ئۇ ق نى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات ئېلىپ كەلمەكتىكەن. ئۆتكەن يىلى 7-ئايدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن كىشىلىك ھوقۇق دىيالوگى يىغىنىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى رەسمىي رەۋىشتە ئوتتۇرىغا قويغان. 8-ئايدا ب د ت دا چاقىرىلغان ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ 96-نۆۋەتلىك يىغىنىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 14 دۆلەت جازا لاگېرلىرىنىڭ تاقىلىشىنى تەلەپ قىلغان. 2018-يىلى 4-ئۆكتەبىر كۈنى يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقى جازا لاگېرلىرىغا قارشى 15 ماددىلىق قارار قوبۇل قىلغان ئىدى.
7-مارت چۈشتىن كېيىن ياۋروپا پارلامېنتىدا «بېيجىڭنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىغا بولغان خىرىسى» ناملىق يىغىن ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىندا پارلامېنت ئەزالىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر دوكلاتلار تەقدىم قىلىشقان. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى تەكلىپكە بىنائەن سۆز ئېلىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسەتلىرى توغرىدا قاراشلىرىنى بايان قىلغان.
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 7-مارت كۈنى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشۈپ، 2017-يىلى 19-ئۆكتەبىر ياۋروپا پارلامېنتىدا قۇرۇلغان «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان.
0:00 / 0:00