د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، ياۋرۇپا پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى ئەنىۋەر جان باشچلىقىدىكى ھەيئەت 19 - دېكابىر كۈنى بېلگىيەنىڭ پايتەختى بريۇسسلدىكى ياۋرۇپا پارلامېنتىنىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلارنى ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا دەۋەت قىلدى.
19 - دېكابىر كۈنى ياۋرۇپا پارلامېنتى تاشقى سىياسەت باشقارمىسىنىڭ سىياسىي مەسلىھەتچىسى لاۋرانس خانىم، ئەنگىلىيە ئەركىن دېموكراتىيە پارتىيەسىنىڭ ياۋرۇپا پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى سېر ۋاتسون ئەپەندى ۋە ئىتالىيە لىبېرال پارتىيىسىگە مەنسۇپ ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى رىنالدى ئەپەندىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلاردىن ياۋرۇپا پارلامېنتى رەھبەرلىرىدىن تەركىپ تاپقان بىر ھەيئەتنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇلار شەرقىي تۈركىستاندا ئارقا - ئارقىدىن مەيدانغا كېلىۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ ئۆزلىرىنى قاتتىق ھەيران قالدۇرۇۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى توختىتىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.
بىز بۇ ئۇچرىشىشلار توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە ئەنىۋەر جان ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
0:00 / 0:00