8-يانۋار چاقىرىلغان د ئۇ ق نىڭ تور ئارقىلىق ئۆتكۈزگەن ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىدا د ئۇ ق نىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى دۇنيانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، ئالدىمىزدا ئېلىپ بېرىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ پائالىيەت پىلانى تۈزۈپ چىقتى.
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، بۇ يىغىندا قازاقىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنى بايقوت قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.
يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممەت ئەپەندى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ يىغىنغا د ئۇ ق رەھبەرلىرى ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان قېرىنداش تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرىنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى، يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ يىغىن ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەردى.
پەرھات مۇھەممەت ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلغان يىغىندا، 40 قا يېقىن تەشكىلاتنىڭ مەسئۇللىرى ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەر توغرىسىدا تەلەپ-پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كونكرېت خىزمەت پىلانىنى بېكىتىپ چىققان. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى باشقا دۆلەتلەرنىمۇ ئامېرىكا قوبۇل قىلغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا ئوخشاش قانۇن چىقىرىشقا چاقىرىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش ۋە تەشكىلاتلار ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش توغرىسىدا ھەمپىكىر بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تۇيغۇن ئابدۇۋەلى ئەپەندى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نۆۋەتتىكى دۇنيا ۋەزىيىتىدىكى ئۆزگىرىشلەر، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا بولغان ھۇجۇم كۈچىيىۋاتقان بىر مەزگىلدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان 40 ئەتراپىدا ئۇيغۇر تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرى ئىشتىراك قىلغان تور يىغىنىدا ناھايىتى مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىپ، 2022-يىلىدا ئۆزئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ تېخىمۇ كۆپ ۋە تەسىرلىك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا پىكىر بىرلىكىگە كېلىنگەنلىكىنى بايان قىلدى.
8-يانۋار كۈنى چاقىرىلغان د ئۇ ق نىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى روشەن ئابباس خانىم تەشكىلاتىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى توغرىسىدا دوكلات بەردى. ئۇ، سۆزىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بارماقچى بولغان پائالىيەتلىرى توغرىسىدىكى تەلەپ-پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. ئۇ، تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.
يىغىن ئاخىرىدا د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆز قىلىپ، يىغىننى خۇلاسىلىگەندىن كېيىن، د ئۇ ق نىڭ ھازىر خەلقئارادىكى 250 دىن ئارتۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، 40تىن ئارتۇق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىش بىرلىكى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇندىن كېيىن بۇ ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
د ئۇ ق نىڭ بۇ كېڭەيتىلگەن ئومۇمىي كېڭەش يىغىنى ئۆتكەن يىلى پىراگادا چاقىرىلغان 7-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق كېڭەيتىلگەن يىغىنى ئىكەن.