گېرمانىيەدە نەشردىن چىقىدىغان «كۈندىلىك ئەينەك» گېزىتى 13-ئاپرېل «د ئۇ ق ۋولكىسۋاگېننىڭ خىتايدىن چىقىپ كېتىشىنى تەشەببۇس قىلدى» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلدى.
ماقالىدا، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولىزدىن 13-ئاپرېل باشلىنىدىغان خىتاي زىيارىتى مەزگىلىدە، ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك تۆت تۈرلۈك تەلەپنى خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن بولغان سۆھبەتتە كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى.
ماقالىدا د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۆت تۈرلۈك تەلەپ مۇنداق بايان قىلىنغان:
بىرىنچىسى، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە دەرھال خاتىمە بېرىلىشى لازىم. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ دوكلاتى، گېرمانىيە فېدېراتسىيە پارلامېنتى تەتقىقات باشقارمىسىنىڭ دوكلاتى، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ قارارى ۋە باشقا 11 دۆلەت پارلامېنتىنىڭ قارارىدا ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويۇلغاندەك، خىتاينىڭ بۇ جىنايەتلىرىنىڭ نامى ھەقىقىي ۋە ئېنىق رەۋىشتە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىلىشى كېرەك.
ئىككىنچىسى، باش مىنىستىر ئولاف شولىز خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغان بارلىق ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلىشى لازىم. قاماقتىكى بۇ ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغدىغان، ئۆز پىكىرلىرىنى ئەركىن بايان قىلغان، دىنغا ئىشەنگەن، ئۆز ئېتىقادى ۋە مەدەنىيىتى بىلەن ياشىغانلىقى ئۈچۈن قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىنغان بىگۇناھ ئىنسانلاردۇر. ساخاروف مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ھازىر خىتاي تۈرمىسىدە ياشاۋاتقان ئىلھام توختىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.
ئۈچىنچىسى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە قارىتىلغان شەپقەتسىز ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى دەرھال توختىشى لازىم. ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت كىملىكى، تىلى، ئۆرپ-ئادىتى بىلەن ياشىشىنىڭ ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىنىشى ۋە قوغدىلىشى، بۇ خەلقلەرنىڭ ھوقۇقى ھەم ئەركىنلىكىنىڭ تۈپ كاپالىتىدۇر.
تۆتىنچىسى، ب د ت نىڭ سودا ۋە كىشىلىك ھوقۇققا دائىر پىرىنسىپلىرىنىڭ روھىغا بىنائەن، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ھەم باشقا مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە زامانىۋى قۇللۇق سىياسىتىگە دەرھال خاتىمە بېرىلىشى لازىم.
«كۈندىلىك ئەينەك» گېزىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ تۆت تۈرلۈك تەلەپنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەرنىڭ غوللۇق گەۋدىسىنى ئەكس ئەتتۈرگەنلىكىنى تەكىتلىگەن د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ تەلەپلەرنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان گېرمانىيە پارلامېنت ئەزالىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە ئىكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىگە ئىزچىل بىپەرۋا مۇئامىلىدە بولۇپ كەلمەكتە ئىكەن.
گېرمانىيە باش مىنىستىرى شولىزنىڭ خىتاي زىيارىتى 13-ئاپرېل خىتاينىڭ چوڭچىڭ شەھىرىدىن باشلانغان بولۇپ، ئۇ يەنە شاڭخەي ۋە بېيجىڭدا زىيارەتتە بولغان. 15-ئاپىرىلدىكى خەۋەرلەردە بايان قىلىنىشىچە، شولىز خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە باش مىنىستىر لى چىاڭ بىلەن 16-ئاپرېل كۆرۈشىدىكەن. ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىنى خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلاردا ئوتتۇرىغا قويۇش-قويماسلىقى گۇمانلىق بىر مەسىلە ئىكەن. بەزى خەۋەرلەردە، ئىقتىسادىي كېلىشىملەرنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان بۇ زىيارەت ئەسناسىدا، شولىزغا ھەتتا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تىلغا ئالغۇدەك بىر پۇرسەتنىڭمۇ نېسىپ بولماسلىقى ھەم مۇمكىن ئىكەن.
ھالبۇكى، شولىز خىتاي زىيارىتىنى باشلاشتىن ئىلگىرىلا كۆپلىگەن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى باياناتلار ئېلان قىلىپ، شولىزدىن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن بولغان سۆھبەتتە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشنى، ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭ، جەنۇبىي موڭغۇلىيە خەلقلىرى ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە زۇلۇملارنى بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتىنىڭ مۇھىم بىر كۈنتەرتىپى قىلىشنى تەشەببۇس قىلىشقان، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئېغىر دەرىجىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدە خىتاينى كەسكىن تەنقىدلەشنى ۋە بۇ مەسىلىنى ئەستايىدىل ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلىشقانىدى.
د ئۇ ق رەھبەرلىرىدىن تۇرغۇنجان ئالاۋىدىن ئەپەندىنىڭ ئىپادە قىلىشىچە، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولىز خىتاي زىيارىتىدە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەلەپلەرنىڭ ھەممىسىنى تىلغا ئالالمىغان تەقدىردىمۇ، بىر قىسمىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى مۇمكىن ئىكەن.
«كۈندىلىك ئەينەك» گېزىتىنىڭ مەزكۇر ماقالىسى گېرمانىيەدىكى باشقا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىمۇ كۆپلەپ تارقىتىلغان. ئۇنىڭدا 2016-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇرلار رايونىدا يۈز بېرىپ كېلىۋاتقان خىتاينىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى مىساللىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان.