ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 15-نويابىر كۈنى سان-فرانسىسكودا كۆرۈشۈپ، ھەربىي ئالاقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى مەسىلىلەردە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، بىر كۈن ئۆتۈپلا يەنى 16-نويابىر كۈنى بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكانىڭ سودا قارا تىزىملىكىگە ئېلىنغان خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى قارمىقىدىكى «ئەدلىيە پەنلىرى ئىنستىتۇتى» نى ئامېرىكانىڭ قارا تىزىملىكىگە ئېلىنغان شىركەت ۋە مۇئەسسەسەلەر تىزىملىكىدىن چىقىرىۋەتكەنلىكى مەلۇم بولدى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2020-يىلى بۇ ئىنستىتۇتنى «ئۇيغۇرلارنىڭ گېن ئۇچۇرلىرىنى خالىغانچە يىغىش ۋە ئىشلىتىش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتى يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتتە رول ئوينىدى» دەپ قاراپ، سودا قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن. ئەمما بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ شى جىنپىڭ بىلەن ئۇچرىشىپلا بۇ قارارنى بىكار قىلىشى كۆزەتكۈچىلەرنى ھەمدە كەڭ ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى. بۇ، بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بەدىلىگە ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى ئىككىنچى پىلانغا ئىتتىرىپ قويىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئەندىشىگە يول ئاچتى.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل دىرېكتورى لۇئىسا گىرىۋنىڭ رادىيومىزغا دېيىشىچە، ئەدلىيە پەنلىرى ئىنستىتۇتى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىغا تەۋە ساقچى ئورگىنى بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان قىرغىنچىلىقتا بىۋاسىتە رول ئالغان ئورۇن ئىكەن. لۇئىسا خانىم مۇنداق دېدى:
«ئامېرىكانىڭ بۈگۈنگىچە ھېچقانداق ۋەدىسىدە تۇرۇپ باقمىغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سۆزىگە ئىشىنىپ ئۆزى بەرگەن قاراردىن يېنىۋېلىشى تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغان بىر ھاكىمىيەتنىڭ ئورگىنىنى جازا تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئامېرىكانىڭ يۇقىرى تېخنىكىسىغا ئېرىشىشىگە يول ئېچىپ بەردى. »
مەلۇم بولۇشىچە، بايدىن ھۆكۈمىتى ئامېرىكادا يىلىغا 100 مىڭغا يېقىن جانغا زامىن بولۇۋاتقان سۈنئىي بىرىكمە ئەپيۈن (فېنتانېل) غا قارشى كۈرەشتە خىتاينىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن بۇ ئورگاننى تىزىملىكتىن چىقىرىۋەتكەن ئىكەن. خىتايدا ياسالغاندىن كېيىن ھەر خىل قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق ئامېرىكاغا كىرىپ كىشىلەرنى زەھەرلەۋاتقان بۇ ماددا نۆۋەتتە ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى مۇھىم ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، خەلق ھۆكۈمەتتىن بۇ جەھەتتە ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىشنى كۈتمەكتە.
بىراق، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ قارىشىچە بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ فېنتانېل مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنگەنلىكى تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئىش ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە ئامېرىكانىڭ «دۆلەت ئوبزورى» ناملىق گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېگەن:
«مەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يەنە بىر قېتىم خىتاينىڭ قۇرۇق ۋەدىلىرىگە ئىشىنىپ، ئۇنىڭ قىلتىقىغا دەسسىگەندەك ھېس قىلدىم. »
نۇرى تۈركەل ئەپەندى يەنە، ئامېرىكا بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ دەسلەپتە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا رول ئالغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى ۋە مۇئەسسەسەلىرىنى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنىنى يولغا قويۇش ۋە باشقا قاراتمىلىقى بولغان جازا تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق كىشىگە ئۈمىد بېغىشلايدىغان تەدبىرلەرنى قوللانغانلىقىنى ئېيتقان ۋە «مانا مۇشۇنداق بىر باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ئەمدىلىكتە يۇقىرى تېخنىكا ئارقىلىق خىتايدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى پىلانلاش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە كېڭەيتىشكە مەسئۇل بولغانلىقى بىلەن تونۇلغان ئورۇننى جازا تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىش كىشىنى چۆچۈتىدۇ» دېگەن.
بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرىنىڭمۇ تەنقىدىگە دۇچ كەلمەكتە.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچى ئەزاسى، ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى مايكىل مىككائۇل (Michael McCaul) 20-نويابىر كۈنى «فوكس خەۋەرلىرى» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بۇ قارارنى ئەيىبلىگەن. ئۇ «خىتاي ئەدلىيە پەنلىرى ئىنستىتۇتى» نىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ بىيولوگىيەلىك ئەۋرىشكە ئۇچۇرلىرىنى توپلىغان، شۇنداقلا ئۇلارنى مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرلىرىغا يۆتكەشكە قاتناشقان ئورۇن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ «قارىغاندا، بايدىن ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە دېگەنلەرگە ئانچە ئېرەڭشىمەيدىغان ئوخشايدۇ» دېگەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2021-يىلى 19-يانۋار كۈنى يەنى سابىق پىرېزىدېنت ترامپ مەزگىلىدە «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرگە قىلىۋاتقان زور كۆلەملىك باستۇرۇش ھەرىكىتى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەمدە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتتۇر» دەپ خۇلاسە چىقارغانىدى. مەزكۇر قارار ئېلان قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن بايدىن ھۆكۈمىتى بۇ قارارنى ئۆزگەرتمىگەنىدى. ھەتتا بايدىن ئەپەندى پىرېزىدېنتلىققا نامزات بولۇپ سايلام پائالىيىتى قىلىۋاتقان مەزگىلدىلا «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى باستۇرۇشلىرى ئىرقىي قىرغىنچىلىقتۇر» دەپ ئېيتقانىدى.
ئامېرىكادىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى مۇزېيى» نىڭ خىتاي تەتقىقاتى بۆلۈم مۇدىرى دوكتور ئادرىيان زېنزنىڭ قارىشىچە، بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان شى جىنپىڭنى كۈتۈۋېلىشى ۋە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشىمۇ ئامېرىكانىڭ خىتاينى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ» دەپ ئەيىبلىشى سەمىمىي ئەمەستەك تەسىر يارىتىدىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
«بايدىن ھۆكۈمىتى شى جىنپىڭ بىلەن دىيالوگ ئۈستىلىگە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن كۈچلۈك شەرتلەر بىلەن ئولتۇرۇشى لازىم ئىدى. ئۇلار ئەسلىدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا رول ئالغان جاۋ كېجى قاتارلىق خىتاي رەھبەرلىرىنىمۇ جازا تىزىملىكىگە ئالغان بولسا، ئۇ ھالدا بۇ ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىگە ئىنتايىن جىددىي مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرەتتى. بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ دىيالوگ ئۈستىلىگە ھېچقانداق شەرتسىز ئولتۇرۇشى ئامېرىكانىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى ئىشەنچلىكلىك دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىدۇ، دەپ قارايمەن. »
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بولسا قارارنى ئاقلىغان. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسىنىڭ «دۆلەت ئوبزورى» گېزىتىگە دېيىشىچە، «كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ھۆرمەت قىلىش يەنىلا ئامېرىكانىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ مەركىزى نىشانى» بولىدىكەن. باياناتچى سۆزىدە «شىنجاڭدا داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى ۋە باشقا زىيانكەشلىكلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بىز ھازىرغىچە خىتاينىڭ 73 شەخس ۋە ئورۇنلىرىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزدۇق. بۇلار ئىچىدىكى 30 ئورۇن بولسا جازا تىزىملىكى ئىچىدە» دېگەن.
ئامېرىكادىكى «رەند تەتقىقات مەركىزى» تەتقىقاتچىسى رايموند كونىڭ قارىشىچە، ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى ئەندىشىسىنى توغرا چۈشىنىشكە بولسىمۇ، بىراق ئۇ ئامېرىكانى سودا ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پىرىنسىپ مەسىلىلىرىدە خىتايغا داۋاملىق يول قويىدۇ، دەپ قارىمايدىكەن. رايموند كو رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دەيدۇ:
«بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا رول ئوينىغان ئورگاننى تىزىملىكتىن چىقىرىۋېتىشى كىشىگە بىر سودىدەك تەسىر بېرىدۇ. بىراق ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ھەرگىزمۇ 70-يىللاردىكىدەك بىر ئادەمگە تايانغان مۇناسىۋەتكە سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. ھازىر بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ مەسىلىسى يەككە خاراكتېرلىك ئەمەس، ئەكسىچە قۇرۇلما خاراكتېرلىك. شۇڭا بىر-ئىككى ۋەقەگە قاراپلا ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە ياخشىلىنىش بولىدۇ، دەپ قارىغىلى بولمايدۇ. »
رايموند كو يەنە، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ قۇرۇلما خاراكتېرلىك مەسىلىسىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«مەيلى ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى سودا تەڭسىزلىكى بولسۇن، مەيلى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بولسۇن ۋە مەيلى خەۋپسىزلىك مەسىلىسى بولسۇن بۇلارنىڭ ھەممىسى قۇرۇلما خاراكتېرلىك مەسىلىلەر بولۇپ، ئۇنى بىر-ئىككى قېتىملىق كۆرۈشۈش ياكى بىر ئىككى ئادەم بىلەن ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. شۇڭا مەن ۋەزىيەتنى كۈندىلىك ۋەقەلەرگە قاراپ ئەمەس، ئومۇمىي يۆنىلىشكە قاراپ باھالاش كېرەك، دەپ قارايمەن. »
بىراق نۇرى تۈركەل ۋە ئادرىيان زېنز قاتارلىق كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئاساسلىق ئەندىشىسى بولسا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكالىقلارنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن بىكار قىلغان جازاسىنى خىتاينىڭ سۇيىئىستېمال قىلىشى ئىكەن. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكانىڭ بۇ قارارىنى خىتاينىڭ سۇيىئىستېمال قىلىشى، يەنى ئامېرىكانىڭ يۇقىرى تېخنىكىسىنى داۋاملىق كىرگۈزۈپ ئۇنى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى كۈچەيتىشكە قوللىنىشى مۇمكىن ئىكەن.