دۇنيا ئېغىرلىق كۆتۈرۈش مۇسابىقىسىدە ئۇيغۇر يىگىتىمۇ چېمپىيون بولدى

0:00 / 0:00

قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ تەنھەرىكەتنىڭ ھەرخىل تۈرلىرى بويىچە دۇنيا مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ، چېمپىيون ئاتىقىغا ئىگە بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. دۇنيا ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، لىتۋا پايتەختى ۋىلنيۇس شەھىرىدە تەن-ھەرىكەتنىڭ ئاز ئۇچرايدىغان تۈرى «پاۋۇرلىفتىڭ»، يەنى «ئېغىرلىق كۆتۈرۈش» دۇنيا مۇسابىقىسى بولۇپ ئۆتكەن. 21-ئۆكتەبىردىن 31-ئۆكتەبىرگىچە بولغان ئارىلىقتا ئۆتكەن مەزكۇر مۇسابىقىگە 34 مەملىكەتتىن 750 تەنھەرىكەتچى قاتناشقان. مۇسابىقە ئۈچ يۆنىلىشتە، يەنى ئەر كىشى ۋە ئايال كىشىلەر، ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا بولغان. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مۇسابىقە خەلقئارا ئېغىرلىق كۆتۈرۈش بىرلەشمىسىنىڭ قائىدىلىرى بويىچە ئۆتكەنىكەن.

بىز ئەنە شۇ لىتۋادا بولۇپ ئۆتكەن ئېغىرلىق كۆتۈرۈش بويىچە دۇنيا مۇسابىقىسىدە 93 كىلوگرام سالماقلىقتا تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر يىگىتى ئابلىمىت ئىلياخۇنوفنى چېمپىيون بولدى.

لىتۋادا بولۇپ ئۆتكەن ئېغىرلىق كۆتۈرۈش بويىچە دۇنيا مۇسابىقىسىدە 93 كىلوگرام سالماقلىقتا ئېغىرلىق كۆتۈرۈش بويىچە چېمپىيون بولغان ئۇيغۇر يىگىتى ئابلىمىت ئىلياخۇنوف. 2021-يىلى نويابىر.

ئابلىمىت ئىلياخۇنوف رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر مۇسابىقىگە قازاقىستاننىڭ ھەر خىل شەھەر ۋە ۋىلايەتلىرىدىن بولۇپ 70 تىن ئوشۇق تەنھەرىكەتچى قاتنىشىپ، ياخشى كۆرسەتكۈچلەرگە ئىگە بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «تەييارلىق، ئەلۋەتتە، يېنىك ماڭمىدى. كۈنىگە نەچچە قېتىم مەشىقلەندۇق. ھەتتا ئائىلىلىرىمىزگە قارايدىغان ۋاقىت بولماي كەتتى. تەن جاراھەتلىرىمۇ بولدى. بەزىدە پسىخولوگىيەلىك، مەنىۋى بېسىممۇ بولدى. لېكىن شۇنىڭغا قارىماي، بىز تەييارلىقنى توختاتمىدۇق ۋە مۇسابىقىگە ئۈستۈن كەيپىياتتا كەلدۇق. لىتۋادا ئۆتكەن مۇسابىقىدىن مەن قاتتىق روھلاندىم. ئۇنىڭغا قاتنىشىپ، ياخشى كۆرسەتكۈچلەرگە ئىگە بولغان باشقا ئۇيغۇر بالىلىرىمۇ بولدى. مېنىڭ ئەمدىكى مەقسىتىم گرېك-رىمچە چېلىشىشى ۋە پائۇئېرلىفتىڭ ( ئېغىرلىق كۆتۈرۈش) بويىچە بالىلارنى كېيىنكى بولىدىغان خەلقئارا مۇسابىقىلەرگە، شۇنداقلا ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىگە تەييارلاش. 2022-يىلى ئالمۇتا شەھىرىدە ئۆتىدىغان پائۇئېرلىفتىڭ، يەنى ئېغىرلىق كۆتۈرۈش دۇنيا مۇسابىقىسىگە شاگىرتلىرىم بىلەن قاتنىشىپ، ئالدىنقى ئورۇنلارنى ئېلىپ، قازاقىستاننىڭ ۋە خەلقىمىزنىڭ ئابرۇيىنى كۆتۈرۈش ئويىمىز بار. مەن خەلقىمىز ۋەكىللىرىنىڭ شۇنداق مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ، چوڭ ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەنلىكىدىن پەخىرلىنىمەن. چۈنكى ئۇيغۇرلار ئىچىدىمۇ ئىنتايىن كۆپ تالانتلىق تەنھەرىكەتچىلەر بار».

ئابلىمىت ئىلياخۇنوفنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ 1980-يىلى ئالمۇتا شەھىرىدە دۇنياغا كېلىپ، شەھەردىكى 93-رۇس مەكتىپىنى تاماملىغانىكەن. 2001-يىلى ئەدلىيە ئاكادېمىيەسىنى پۈتتۈرۈپ، ئۆز كەسپى بويىچە خىزمەت قىلغان. ئۇ 9 يېشىدىن گرېك-رىمچە چېلىشىشى بويىچە شۇغۇللانغان. ئابلىمىت ئىلياخۇنوف 14 يېشىدا، يەنى 1995-يىلى گرېك-رىمچە چېلىشىشى بويىچە ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا قازاقىستان چېمپىيونى بولدى. ئاندىن ئۇ 14-15 ياشلىرىدىن تارتىپ شتانكا كۆتۈرۈش بويىچە شۇغۇللانغان. 2009-يىلدىن باشلاپ گرېك-رىمچە چېلىشىش ترېنېرى بولۇپ ئىشلىگەن. ئاندىن ئۇ قازاق تەنھەرىكەت ۋە ساياھەتچىلىك ئاكادېمىيەسىدە سىرتتىن ئوقۇپ، ئۇنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغان ۋە «ئوقۇتقۇچى ترېنېر» مۇتەخەسسىسلىك ئۇنۋانى ئالغان. ئابلىمىت ئىلياخۇنوف يېتىپ تۇرۇپ شتانكا كۆتۈرۈش بويىچە شەھەرلىك ۋە جۇمھۇرىيەتلىك مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ، 1-ئورۇنغا ئېرىشكەن. ھازىر ئۇ ئالمۇتا شەھىرىدە گرېك-رىمچە چېلىشىشى ۋە ئېغىرلىق كۆتۈرۈش بويىچە ئۆسمۈر ۋە ياشلارغا ئۇستازلىق قىلماقتا.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مەشىق زالىنىڭ باشلىقى، ترېنېر رۇستەم ئايسايېف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئابلىمىت ترېنېر سۈپىتىدە پەقەت جىسمانىي مەشىقلا ئەمەس، بەلكى ياشلار ئارىسىدا تەربىيە ئىشلىرىنىمۇ ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئۇ پات-پات ئۆز شاگىرتلىرىنى ھەر خىل سەپەرلەرگە، يۈرۈشلەرگە ئېلىپ ماڭىدۇ. ئەمدى بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە ئۇ ھەقىقەتەنمۇ قاتتىق تەييارلاندى. كۆپ ئېغىرچىلىقلار بولدى. ئەمما شۇنداقتىمۇ ئۆزىنىڭ خاراكتېرىنىڭ مۇستەھكەم بولۇشى سەۋەبىدىن مۇشۇنداق ئۇتۇقلارغا يەتتى. بۇ تەرىپىدىن ئۇ باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. دائىم كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتىشكە تىرىشىدۇ ھەم باشقىلارنىمۇ شۇنىڭغا ئۈندەيدۇ. ئىنسان سۈپىتىدە ئېيتسام، ئۇ ئىنتايىن مېھرىبان، دىلكەش ئادەم».

ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستانلىق تەنھەرىكەتچىلەر ئىچىدىن چىققان ئابدۇرېشىت ئابدۇراخمانوف، زاكىر توختىيېف، ھېمىت توختاخۇنوف، غوپۇر توختىيېف قاتارلىق دۇنيا چېمپىيونلىرى بولغان داڭلىق تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئىزىنى بېسىپ كېلىۋاتقان ياش-ئۆسمۈرلەرمۇ ياز ئەمەسكەن. شۇلاردىن، مەسىلەن، نارىمان قۇربانوف، دىلمۇرات مىجىتوف قاتارلىقلاردىن ئۇيغۇرلار كۆپ ئۈمىدلەرنى كۈتىدىكەن.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئەبۇ-زەبى شەھىرىدە بولۇپ ئۆتكەن برازىلىيەچە جيۇ-جىتسۇ، يەنى ئەركىن چېلىشىش ۋە مۇشتلىشىش بويىچە دۇنيا مۇسابىقىسىدە ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا 17 ياشلىق ئۇيغۇر يىگىتى بەختىيار قەھرىمان 66 كىلوگرام سالماقلىقتا چېمپىيون بولغان.