مۇتەخەسسىسلەر: ئاتالمىش «ئېكسكۇرسىيە» ۋە «ساياھەت» خىتاينىڭ تەشۋىقات ئالدامچىلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس
2024.01.10

ئۇيغۇر دىيارىدا 7 يىلدىن بۇيان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى، ب د ت، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرى ۋە خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ئەيىبلەشلىرىگە قارىماي ئۆزىنىڭ چېگرا ھالقىغان تەتۈر تەشۋىقاتىنى بازارغا سېلىپ كەلمەكتە. خىتاي دائىرىلىرى دەسلەپ بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى سۆزلىتىپ، ئۇلارنىڭ ئېغىزى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقلىرىنى ئىنكار قىلدۇرغان بولسا: كېيىنچە چەت ئەللەردىكى خىتايشۇناسلارنى، ئىسلام ئەللىرىدىكى بىر قىسىم دىنىي زاتلارنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ سۆز ۋە بايانلىرى ئارقىلىق «ئۇيغۇرلار بەختلىك ياشىماقتا» دېگەن ساختا تەشۋىقاتنى ئوتتۇرىغا چىقارماقتا. يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ھەتتا ئۇيغۇر ئېلىنى «ساياھەت» ۋە «ئېكسكۇرسىيە» ئۈچۈن كەڭرى ئېچىۋەتكەنلىكى توغرىلىق داۋراڭ سېلىپ، خەلقئارانىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇنماقتا.
5-يانۋار كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىدا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىگە ئۆتكەن بىر يىلدا ھەر قايسى دۆلەت ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردىن بولۇپ، جەمئىي 400 دىن ئارتۇق گۇرۇپپا، 4300 دىن ئارتۇق چەت ئەللىك زىيارەتچىنىڭ كەلگەنلىكى ھەمدە نۇرغۇن جايلارنى زىيارەت قىلغانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئۇ سۆزىدە «شىنجاڭنىڭ ئىشىكى ھەمىشە ئوچۇق» دېگەن ئىپادىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، چەت ئەللەردىكى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلىشقا چاقىرغان.
خىتاينىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كىشىلەرنى ئۇيغۇر رايونىغا كېلىپ «ساياھەت» ۋە «ئېكسكۇرسىيە» قىلىشقا تەكلىپ قىلىشىدەك بۇ تەشۋىقاتلار يېقىندىن بۇيان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ كەڭ تارقالماقتا. ھالبۇكى، خىتاينىڭ بۇ چاقىرىقى غەرب ئەللىرىدە خىتاينىڭ كۈتكىنىنىڭ ئەكسىچە ئىنكاس قوزغىماقتا.
7-يانۋار كۈنى ئامېرىكادىكى داڭلىق ئاممىۋى تېلېۋىزىيە قانلى بولغان CBS دە «خىتاينىڭ زىددىيەتلىك شىنجاڭ رايونىنى ساياھەت نۇقتىسى قىلىپ ئۆزگەرتىشى» ماۋزۇلۇق بىر ھۆججەتلىك فىلىمىنى ئېلان قىلدى. فىلىمدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلغان CBS مۇخبىرى ئېلىزابېت پالمېر (Elizabeth Palmer) ئۆزىنىڭ ۋە باشقا زىيارەتچىلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى بارلىق پائالىيەتلىرىنىڭ بىردەك خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىر-تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە قاتتىق نازارىتى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئاشكارا قىلىنغان. مەزكۇر فىلىمدا ئۇيغۇر رايونىدىكى ھەممە جايلارنىڭ كامېرا ۋە يۈز تونۇش ئۈسكۈنىلىرى ئارقىلىق نازارەت قىلىدىغانلىقى، شۇ سەۋەبتىن ئەتراپتىكى ھېچقانداق بىر كىشىنىڭ ئۆزلىرى بىلەن پاراڭلىشىشقا جۈرئەت قىلالمىغانلىقى ئوچۇق كۆرسىتىلگەن.
CBS مۇخبىرى قەشقەردىكى زىيارىتى جەريانىدا، بۇ يەردىكى بارلىق ۋىۋىسكا ۋە ئېلان تاختىلىرىدا قەشقەرنىڭ نامىنىڭ پەقەتلا خىتايچە «كاشى» دېگەن خەتلەر بىلەن يېزىلغانلىقىدەك ئەھۋاللارنىمۇ نەزىرىدىن قاچۇرمىغان. يەرلىك مۇسۇلمانلارغا تاقالغان ھېيتگاھ جامائەسىنىڭ ساياھەتچىلەر بېلەت ئېلىپ كۆرىدىغان ساياھەت نۇقتىسىغا ئايلانغانلىقىنى بايان قىلغان.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدىكى بۇ ساختا تەشۋىقاتلىرى ۋە «ئوبراز ياخشىلاش» ئۇرۇنۇشلىرى X نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈچلۈك تەنقىدىي ئىنكاسىنى قوزغىماقتا. «قوغدىغۇچىلار» تەشكىلاتىنىڭ دېركتورى پېتېر داخلىن (Peter Dahlin) نىڭ، LinkedIn دا قالدۇرغان ئىنكاسى ئىنتايىن زور ئالقىشقا ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇ خىتاينىڭ تەكلىپى بىلەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلغۇچىلارنى مۇنداق ئاگاھلاندۇرغان: «يېڭى فاشىزم ۋە ساقچى دۆلىتى بىزدىن يىراق ۋە مەۋھۇم نەرسە ئەمەس، بەلكى ئۇ بەزى جايلاردىكى مەۋجۇت رېئاللىقتۇر. ئۇ يەرلەردىكى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ئېگىز بىنالار سىزنى ئەخمەق قىلمىسۇن! ؟»
كىشىلىك ھوقۇق فوندى (HRF) نىڭ باياناتچىسى، قانۇن ۋە پروگرامما مەسئۇلى كلاۋدىيا بېننې (Claudia Bennett) نىڭ رادىيومىزغا بۇ ھەقتە ئەۋەتكەن يازما ئىنكاسىدا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي كومپارتىيەسى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇستەملىكىسىنى قانۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن، دىپلوماتلار، ژۇرنالىستلار ۋە دىنىي ئۆلىمالارنى ئۇيغۇر رايونىغا تەشۋىقات زىيارىتى نامىدا پىلانلىق تەشكىللىمەكتە. بۇ ساياھەتلەر خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقىنى ئاقلاش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن ئىستىراتېگىيەدۇر. خىتاي ئورۇنلاشتۇرغان زىيارەتلەرنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان ئېچىنىشلىق رېئاللىق بولسا-مەجبۇرىي دۆلەتسىز قالدۇرۇلغان مىڭلىغان مۇساپىر ئۇيغۇرلار، رەھىمسىز ھالدا بىر بىرىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىلگەن تۈمەن مىڭلىغان ئۇيغۇر ئائىلىلەر، يىغىۋېلىش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرلىرىدا خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇشقا بەرداشلىق بېرىۋاتقان مىليونلىغان ئىنسانلاردۇر. كىشىلىك ھوقۇق فوندى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئاتالمىش ‹دىپلوماتىك زىيارەت› ۋە ‹ساياھەت› ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاقلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز.»
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بۇلتۇر 8-ئاينىڭ 30-كۈنى مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى» نى يوشۇرۇشقا ياردەم بېرىدىغان بۇ خىل ساياھەتچىلىكنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ساياھىتى» دەپ ئاتىغان ئىدى.
مەزكۇر دوكلاتنى تەييارلىغان تەتقىقاتچىلاردىن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقات دىرېكتورى ھېنرىك شاجىۋىسكى (Henryk Szadziewski) رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ چەت ئەللىكلەرنى ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىشى، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قەرەللىك تەكشۈرۈشىگە دۇچ كېلىشتىن بۇرۇن يۈز بەرمەكتە. خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ھۆكۈمەت، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە ئىلىم-پەن ساھەسىدىكىلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن تەنقىد قىلىنغان ئىدى. شۇڭا خىتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە تۇتقان مۇئامىلىسى توغرىسىدىكى تەنقىدلەرنى يوشۇرۇش ۋە ئۇنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس.»
ھېنرىك شاجىۋىسكى يەنە مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋە دۆلەت تاراتقۇلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونى ساياھەتچىلىكىنى تەشۋىقات قىلىش ئىستراتېگىيەسى، ئۇلارنىڭ دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسمى. ھالبۇكى، چەت ئەللىك ساھايەتچىلەر ئۇيغۇر رايونى سەپىرى جەريانىدا قاتتىق كونترول قىلىنغان. خىتاي تەكلىپ قىلغان دىپلوماتلار ۋە ژۇرنالىستلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن زىيارەتچىلەر بولسا خىتايپەرەسلەردۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقىنى ياخشىلاشنىڭ ئورنىغا، ئەكسىچە ئۇلارغا ئېلىپ بارغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرماقتا. ئەسلىدە بىر ھۆكۈمەت ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ باھالىنىشىدىن قورقماسلىقى، بەلكى ئۇنى خەلقنىڭ ھاياتىنى ياخشىلاشنىڭ پۇرسىتى دەپ بىلىشى كېرەك.»
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى داۋاملىشىۋاتقان، ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى ۋە مەدەنىيىتى يوق قىلىنىۋاتقان بۇ ۋەزىيەتتە، شەرقىي تۈركىستانغا ساياھەتكە بېرىشنىڭ ئۆزى خىتاينىڭ جىنايىتىگە چاپان يېپىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس،» دەپ كۆرسەتتى.
«كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ۋە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدىكى تەتقىقات دوكلاتلىرى بىلەن تونۇلغان دوكتور ئادرىئان زېنىز (Adrian Zenz) ئەپەندى، سوئالىمىزغا ئېلخەت ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاينىڭ ئاتالمىش «ساياھەت» ۋە «ئېكىسكۇرسىيە» تەشۋىقاتنى «دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسمى» دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى:
«شۇنداق، تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش ۋە شىنجاڭدىكى ھاياتنى نورمال قىلىپ تەسۋىرلەش، بېيجىڭنىڭ ھازىرقى ئىستراتېگىيەسى. ئۇلارنىڭ ساياھەتچىلەرگە كۆرسىتىۋاتقانلىرى ئەركىن ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئەمەس، ئۇلارنىڭ كۆرگەنلىرىمۇ ھەقىقىي ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئەمەس. ئۇلار پەقەتلا خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتى ياساپ چىقىپ كۆرگەزمە قىلىۋاتقان، سۈنئىي قۇرۇق كۆرۈنۈشلەر، خالاس».
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ سابىق دىرېكتورى سوفى رىچاردسون (Sophie Richardson) زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى:
«خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەممە ئىشلارنى خۇددى نورمالدەك كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇشلىرىنى بىز تەكرار-تەكرار كۆرۈۋاتىمىز. خىتاينىڭ بۇ نۆۋەتتىكى بۇ خىل تەشۋىقاتى ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ب د ت دا ئومۇميۈزلۈك قاراپ چىقىلىشتىن ئىككى ھەپتە ئىلگىرى يۈز بەرمەكتە. بۇ خىتاينىڭ ئادەتتىكى ئاممىنىڭ پىكرىنى مونوپول قىلىپ، جامائەت پىكرى ھازىرلاشقا كىرىشكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. دېمەك، خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان قوللىنىپ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تاكتىكىلىرىنى ئەمدىلىكتە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن جىنايى جاۋابكارلىقتىن قېچىش ئۈچۈن تەكرار قوللىنىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ».
سوفى خانىم، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا داۋاملىشىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى توختىتىش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا قارىتا جازا تەدبىرى قوللىنىشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى تەكىتلەپ، يەنە مۇنداق دېدى:
«ئەپسۇسكى، بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت نىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىغا، شۇنداقلا ئالدىنقى نۆۋەتلىك خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە قاراپ چىقىشتا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى يورۇتۇپ بەرگەن دوكلاتلىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىر-تەكلىپلەرگە پىسەنت قىلمىغانلىقىنىڭ ئۆزىدىنلا، خىتاينىڭ ئۆز خاتالىقىنى ئۆزگەرتىش خىيالىنىڭ يوقلۇقىنى كۆرەلەيمىز. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسارلىقىنىڭ كۆزىتىش مېخانىزىمىغا ماس ھالدا جازا تەدبىرى يولغا قويۇلمىغۇچە، خىتاي جاۋابكارلىقتىن قېچىپ قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن داۋاملىق ھەرىكەت قىلىدۇ، شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ».