ئەكرەم ئىمىن: «ياۋروپانىڭ تاش ۋە ياغاچلىرىنى ئۇيغۇر گۈزەل سەنئىتى ئارقىلىق جانلاندۇردۇم!»

0:00 / 0:00

نورۋىگىيەنىڭ (Baerum) بائېروم ئۆلكىسى ساندىۋىكا(Sandvika) شەھىرىدە بىر ئۇيغۇر سەنئەتكار ياشايدۇ. بائېروم دۆلەتلىك سەنئەت مۇزېيدا ئۇنىڭ گۈزەل سەنئەت-ئىجادىيەت ئىشخانىسى بار. بۇ ئىشخانىنىڭ تاملىرى ئۇيغۇر گۈزەل سەنئىتى ئەكس ئېتىپ تۇرىدىغان سىزمىلار، بولۇپمۇ ھەر خىل شەكىلدىكى قاپاق، تاش ۋە كۆتەكلەرگە سىزىلغان رەسىملەر بىلەن تولغان. بۇ گۈزەل-سەنئەت ئەسەرلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئون ئىككى مۇقامى، قۇم-بارخانلىق مەنزىرىلىرى، ئەنئەنىۋىي بىناكارلىق كۆرۈنۈشلىرى ۋە نەقىشلىرى، ئەتلەش-لىباسلىرى، دوپپىلىرى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرلۈك ئوبرازلىرى رەڭدار سىزمىلار ئارقىلىق جانلاندۇرۇلغان.

ئۇيغۇرلارغا خاس گۈزەل-سەنئەت ئەسەرلىرى بىلەن تولغان ئەكرەم ئىمىننىڭ بۇ ئىجادىيەت ئىشخانىسى، نۆۋەتتە يەرلىك نورۋېگىيەلىكلەر، ساياھەتچىلەر، گۈزەل-سەنئەت ھەۋەسكارلىرى دائىم زىيارەت قىلىدىغان ئورۇنغا ئايلانغان، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ گۈزەل سەنئىتىنى تونۇشتۇرىدىغان كۆرگەزمە رولىنى ئوينىماقتىكەن.

نورۋېگىيەنىڭ (Baerum) بائېروم ئۆلكىسى ساندىۋىكا(Sandvika) شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر سەنئەتكار ئەكرەم ئىمىن ئەپەندىنىڭ ئىجادىيىتى. 2023-يىلى يانۋار.
نورۋېگىيەنىڭ (Baerum) بائېروم ئۆلكىسى ساندىۋىكا(Sandvika) شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر سەنئەتكار ئەكرەم ئىمىن ئەپەندىنىڭ ئىجادىيىتى. 2023-يىلى يانۋار. (Ekrem Imin teminligen)

ئەكرەم ئىمىن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدا تازا تونۇلۇپ ئىشلىرى روناق تېپىۋاتقان مەزگىللەردە، يەنى بۇنىڭدىن 8 يىل ئىلگىرى ئېغىر ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇقىغا گىرىپتار بولۇپ داۋالىنىش ئۈچۈن نورۋىگىيەگە كەلگەن. بۇ دەل 2015-يىلىنىڭ نورۇز كۈنى ئىكەن. ئەكرەم ئىمىن ئەپەندى نورۋىگىيەگە كەلگەندىن كېيىن ياخشى داۋالىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپ، سەللىمازا ساقايغان. ئۇ، شىمالىي ياۋروپادىكى بۇ ئەركىن دۆلەتنىڭ ئۆزىگە كۆرسەتكەن شەپقىتىدىن چوڭقۇر تەسىرلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆز ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزى ياشاۋاتقان بۇ دۆلەت ۋە جەمئىيەتكە ئۆز ئىجادىيەتلىرى ئارقىلىق ھەسسە قوشۇشقان باشلىغان.

«جەمئىيەتتىن ئېلىشنىلا بىلىپ، قايتۇرۇشنى بىلمەيدىغانلاردىن بولۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك» دەيدۇ ئەكرەم ئەپەندى. ئۇ، ئۆزىنىڭ نەدىلا بولمىسۇن ئۇيغۇرغا خاس ئاددىي ئەمما ئۇلۇغۋار ھايات پرىنسىپىدا ياشاپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ بۇ خىل روھنىڭ ئىلھامىدا ئۆزى ياشۋاتقان شۇ جەمىيەتكە ئۆزى ئەڭ ياخشى قىلالايدىغان ئەڭ ياخشى ھۈنىرى، يەنى رەسىم سىزىش ئارقىلىق تۆھپە قوشۇشنى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

نورۋېگىيەنىڭ (Baerum) بائېروم ئۆلكىسى ساندىۋىكا(Sandvika) شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر سەنئەتكار ئەكرەم ئىمىن ئەپەندىنىڭ ئىجادىيىتى. 2023-يىلى يانۋار.

نورۋېگىيەدىكى ھاياتىنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشكە تىرىشقان ئەكرەم ئەپەندى ئۆزىنىڭ ۋەتىنىگە بولغان سېغىنىشى ۋە مىللىتىگە بولغان سۆيگۈسىنى، ئېرىق-ئۆستەڭ بويلىرىدىكى تاشلارغا، ياغاچلارغا سىزىپ ۋە ئويۇپ قالدۇرۇشنى ئادەت قىلغان. ئۇنىڭ بۇ خىل خالىس رەسىملىرى كېيىنچە نورۋىگىيەدىكى كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتىشقا باشلىغان.

تاشلارغا سىزىلغان بۇ رەسىملەردىكى ئۆزگىچىلىكنى بايقىغان نورۋېگىيەلىك بىر بوۋاي، نورۋىگىيەدە چىقىدىغان «پوچتىچى» گېزىتىدە 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى «ساندىۋىكادىكى بۇ رەسىملەرنى سىزغان سىرلىق رەسسام كىم؟» دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئەكرەم ئەپەندىنىڭ تاشلارغا سىزغان رەسىملىرىنى قوشۇپ تونۇشتۇرغان.

ئەكرەم ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ قارامايدا تۇغۇلغان. 1982-يىلى بېيجىڭدىكى مەركىزى گۈزەل-سەنئەت ئىنىستوتوتىغا ئوقۇشقا كىرىپ، 1986-يىلى پۈتتۈرگەندىن كېيىن «شىنجاڭ رەسىملىك ژۇرنىلى» نىڭ گۈزەل-سەنئەت مۇھەرىرى بولۇپ خىزمەت قىلغان. 2000-يىللاردىن كېيىن ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئادەتتىكى مىللىي تۇرمۇش بويۇملىرى، كۆزگە ئانچە چېلىقىپ كەتمەيدىغان، ھەتتا بارغانچە ئىتېمالدىن قېلىۋاتقان قاپاقلارغا رەسىم سىزىش ئارقىلىق، ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب ياراتقان. ئۇ بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم-كېچەك، ئۆرپ-ئادەت ۋە مەدەنىيەت-سەنئەت ۋە تارىخىي ھېكايىلىرىنى قاپاققا سىزىپ، ئۇنى گۈزەل بېزەك بويۇمىغا ئايلاندۇرغان، شۇنداقلا گۈزەل سەنئەت بويۇملىرىدىكى يېڭى بىر يۈزلىنىشنى جانلاندۇرغان.

نورۋېگىيەنىڭ (Baerum) بائېروم ئۆلكىسى ساندىۋىكا(Sandvika) شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر سەنئەتكار ئەكرەم ئىمىن ئەپەندىنىڭ ئىجادىيىتى. 2023-يىلى يانۋار.

ئۇ، بۇ يېڭىلىقلىرى بىلەن 2003-يىلى ئۆكتەبىردە مالايسىيا پايتەختى كۇئالا-لومپۇردا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق گۈزەل-سەنئەت، ھۈنەرۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىپ، زور ئالقىشقا ئېرىشكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئەسەرلىرى خىتاي ئىچى سىرتىدىمۇ دىققەت قوزغاشقا باشلىغان.

ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت ساھەسى بويىچە داڭدار شەخسلەردىن بىرىگە ئايلانغان ئەكرەم ئىمىننىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ قاپاققا سىزغان ئەسەرلىرى ئۇيغۇر يەرلىك تاۋارلىرىنىڭ ئېلانلىرىغا ئىشلىتىلگەن. ئۇنىڭ بۇ ئەسەرلىرى داڭلىق رېستۇرانتلاردا، مېھمانسارايلاردا قويۇلىدىغان بولغان، ھەتتا كىشلەرنىڭ ئۆيلىرىدىكى بېزەك بويۇمىغا ئايلانغان. ئۇنىڭ قاپاققا سىزغان ئەتلەس نۇسخىلىرى ۋە رەسىملىرى، 2005-يىلىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىدە ئۇيغۇر دىيارىدا ئىشلەپچىقىرىلغان يەرلىك ماركا ۋە ماللارنىڭ ئوبرازىغا ئايلانغان. ئۇيغۇر دىيارىدىكى تاراتقۇلاردا ۋە خىتاينىڭ مەركىزى تېلىۋېزىيەسىدە ئۇ توغرۇلۇق نۇرغۇن زىيارەت فىلىملىرى كۆرسىتىلگەن. شىنجاڭ تېلېۋزىيە ئىستانسىسىنىڭ «سەنئەت گۈلزارى» دىگەن مەخسۇس پروگراممىسىدا داڭلىق رەسسام ئابدۇكېرىم نەسىردىن ئەپەندى «ئەكرەم ئىمىن گۈزەل سەنئەت ساھەسىدە ئۆزىگە خاس كەيپىيات يارىتالىدى» دەپ يۇقۇرى باھا بەرگەن.

ئەكرەم ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ قاپاق، تاش ۋە باشقا بۇيۇملارغا سىزغان رەسىملىرى، بۇ جانسىز نەرسىلەرنى سەنئەت گۈزەللىكى ئارقىلىق جانلاندۇرۇپ كۆرسەتكەن. تېخىمۇ ئوبرازلىق قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇنىڭ سىزمىلىرى ئەتلەسلەرنى ئۇسسۇلغا سالغان، جانسىز تاشلارغا جان بەرگەن، ئادەتتىكى نەرسىلەرگە سەنئەتنىڭ سېھرىي كۈچى ئارقىلىق رەڭ بەرگەن.

ئىلگىرى ۋەتەندىكى چېغىدا ئۇ قولىغا چۈشكەن قاپاقلارغا رەسىم سىزىش ئارقىلىق تونۇلغان بولسا، نورۋېگىيەگە كەلگەندىن كېيىن تاش ۋە كۆتەكلەرگە رەسىم سىزىپ «سىرلىق رەسسام» بولۇپ ئاتالغان. ئەكرەم ئەپەندى زىيارىتىمىز جەريانىدا تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن «قولۇمغا چۈشكەن تاش-ياغاچلارمۇ گۈزەللىشىدۇ» دېدى.

بىز ئۇنىڭدىن «تاشلارغا رەسىم سىزىش ئويى سىزگە قەيەردىن كەلدى؟» دەپ سورىغىنىمىزدا، ئۇ ئىنتايىن كىچىك پېئىللىق بىلەن: «مەن تاشقا رەسىم سىزىپ يېڭىلىق ياراتمىدىم، ئەمەلىيەتتە تاشقا رەسىم سىزىشنى بىزنىڭ قەدىمكى ئەجدادلىرىمىز بۇنىڭدىن 2-3 مىڭ يىللار ئىلگىرىلا باشلاپتىكەن» دېدى.

ئەكرەم ئىمىننىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ پەقەت ئاددىغىنا سۇ بوياق ۋە ئۆزگىچە تەڭشىگەن رەڭلىرى بىلەن يېقىندا «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ ئۇنتۇلماس ئوبرازىغا ئايلانغان كۆك مايكىلىق قىزنىڭ رەسىمىنى قايتا سىزىپ چىققان ئىكەن. ئۇنىڭ يېقىندا مەيدانغا كەلتۈرگەن يەنە بىر مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەسىرىدە 2022-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى ۋەقەسى ئوبرازلىق ھالدا سىزىپ چىقىلغان ئىكەن. ئۇنىڭ بۇ ئىككى ئەسىرى چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئىشلىتىدىغان فېيسىبوك، ئىنستراگرام قاتارلىقلاردا كۆپ تارقىلىپ، ئالقىشقا ئېرىشكەنلىكى مەلۇم. بىز ئەكرەم ئەپەندىم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىز جەريانىدا، ئۇنىڭدىن بۇ ئىككى پارچە ئەسەرنى قانداق بىر ئىلھام بىلەن ۋۇجۇدقا چىقارغانلىقىنى سورىدۇق. ئۇ مۇنداق دېدى:

«مەن ئۇيغۇرلارنىڭ قەھرىمانىغا ئايلانغان كۆك مايكىلىق قىز ئوبرازى ھەققىدە ئىشلىگىلى خېلى بولدى. كۆك مايكىلىق قىز مېنىڭ كۆزۈمدە ئەڭ گۈزەل ئۇيغۇر قىزىدۇر، ئۇنى سىزىش ئارقىلىق مىللىتىگە ئۆزىنى بېغىشلىغان بىر قەھرىمان قىزغا بولغان سۆيگۈمنى ئىپادىلىدىم».

ئۇ، ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان رەسىمى ھەقىقدە توختالغاندا، ئۇ بۇ رەسىمدىكى بولدۇقلاپ يىغلاۋاتقان كۆز، توزىغان گۇل بەرگىلىرى ۋە ھەتتا گۈلنىڭمۇ يىغلاۋاتقانلىقىنى سىزىش ئارقىلىق، بۇ پاجىئەلىك ۋەقەدە ۋاقىتسىز ھاياتىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇرلارغا ماتەم تۇتقانلىقىنى ئىزاھلاپ ئۆتتى.

ئەكرەم ئىمىن ئەپەندىنىڭ ئەسەرلىرى نورۋېگىيە ۋە ياۋروپانىڭ باشقا دۆلەتلىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن گۈزەل-سەنئەت ئەسەرلەر كۆرگەزمىلىرىگە كۆپ قېتىم تاللانمان. ئۇنىڭ ئۇچ پارچە تاشقا سىزغان رەسىمى ئۆتكەن يىلى نورۋىگىينىڭ گۈزەل سەنئەت كۆۈرگەزمىسىگە تاللانغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئىنتېرنېت ئارقىلىقمۇ ياۋروپا ۋە خەلقئارالىق كۆرگەزمىلەرگە قاتناشتۇرۇلماقتا ئىكەن.

ئەكرەم ئىمىننىڭ قاپاققا رەسىم سىزىشقا ھەۋەس قىلىشتىن بۈگۈنكى نورۋېگىيەدىكى تونۇلغان بىر رەسسامغا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولغان ئىلھام _ دەل ئۇنىڭ ئانا ۋەتىنىگە باغلانغان رىشتى، ئۆز مەدەنىيىتى ۋە كىملىكىگە بولغان چوڭقۇر سۆيگۈسىدۇر. خۇددى ئۇ ئۆزى ئېيتقاندەك، تاشلارغا سىزغان ئۇيغۇر مۇقامى ئاۋازغا كىرىپ مۇقام توۋلىسا، چىرايلىق ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئوبرازلىرى چۈشۈرۈلگەن قاپاقلار تولغىنىپ ئۇسسۇل ئوينايدۇ، ئۇ تاشلارغا ۋە ياغاچلارغا سىزغان كۆزلەر گاھ يىغلىسا، گاھ ئۈمىد ۋە گۈزەللىك بىلەن جەزىبە قىلىدۇ! . . .