قاشتېشى تىجارىتىنىڭ سەركىسى، تونۇلغان كارخانىچى ئەلى ئابدۇللا (خوراز) نىڭ مۇددەتسىز كېسىلگەنلىكى دەلىللەندى
2019.12.20
خوتەن خەلقىنىڭ يوقسۇللۇقتىن ئېگىلگەن بېلىنىڭ بىر مەھەل بولسىمۇ تۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولغان قاشتېشى سودىسى ساھەسىدىكى تونۇلغان سەركە، جەمئىيەتتە «ئەلى خوراز» دېگەن نام بىلەن تونۇلغان ئىقتىدارلىق كارخانىچى، «شىنجاڭ قاشتېشى ئۆي-مۈلۈك شىركىتى» نىڭ باش دىرېكتورى، خوتەن شەھەر ئىچىدىكى «كەچلىك بازار» قاتارلىق بىرقانچە ئورۇندىكى كاتتا مۇقىم مۈلۈكلەرنىڭ ساھىبى ئەلى ئابدۇللانىڭ مۇددەتسىز قاماققا كېسىۋېتىلگەنلىكى دەلىللەندى.
سودىدا بازارنى مۆلچەرلەشتىكى ئۆتكۈرلىكى، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشتىكى جاسارىتى، ھەر ساھە كىشىلىرى بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشتىكى ماھىرلىقى بىلەن جەمئىيەتكە كەڭ تونۇلغان ۋە قاشتېشى سودىسىدا پەۋقۇلئاددە ئۇتۇق قازانغان ئەلى ئابدۇللانىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى2016 -يىلنىڭ ئوتتۇرا-ئاخىرلىرى جەمئىيەت خەۋەرلىرىدە ناھايىتى تېز ۋە كەڭ تۈردە تارقالغان ئىدى. ئەمما2017 -يىلدىن كېيىنكى جىددىي ۋەزىيەت سەۋەبلىك ئەلى ئابدۇللانىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بولمىغان. بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان بىر قاتار ئېنىقلاشلىرىمىزمۇ ئاساسەن دېگۈدەك نەتىجىسىز قالغان ئىدى.
ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى 3 ئاي ئاۋۋال رادىيومىزغا بىر يازما ئۇچۇر يوللاپ، ئەلى ئابدۇللانىڭ مۇددەتسىزلىك كېسىۋېتىلىكىنى مەلۇم قىلدى ۋە ئۇچۇرنىڭ پاكىتى سۈپىتىدە ئەلى ئابدۇللا ئۈستىدىن چىقىرىلغان بىر سوت ھۆكۈمنامىسىنىڭ كوپىيەسىنى يوللاپ بەردى. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئالاقىدار خادىملار ئەلى ئابدۇللا ھەققىدە سۆز قىلىشتىن ئۆزلىرىنى تارتتى.
مەزكۇر سوت ھۆكۈمنامىسىدە ئەلى ئابدۇللانىڭ قانۇنىسز كان ئېچىش قاتارلىق 4 خىل جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ، مۇددەتسىز كېسىۋېتىلگەنلىكى قەيت قىلىنغان. خوتەن ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ بىر خادىمى ئەلى ئابدۇللا دېلوسى ھەققىدە گەپ قىلىشنى رەت قىلدى، ئەمما دېلونىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئىنكار قىلمىدى.
خىتايچە تور ئارخىپلىرىدا تونۇشتۇرۇلىشىچە، ئەلى ئابدۇللا باش دېرىكتورلىقىدىكى «شىنجاڭ قاشتېشى ئۆي-مۆلۈك شىركىتى» 2004 -يىلى2 -ئاينىڭ24 -كۈنى ئەنگە ئالدۇرۇلغان. شىركەتنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى يەنئەن يولى 10-نومۇرلۇق قورودا ئىشخانىسى بولغان. بىز مەزكۇر تونۇشتۇرۇشتا قەيت قىلىنغان تېلېفون نومۇرى بويىچە بۇ شىركەتكە تېلېفون قىلغىنىمىزدا تېلېفوننى قوبۇل قىلغۇچى تېلېفوننىڭ خاتا ئۇرۇلغانلىقىنى بايان قىلدى. ئەمما ئۆزلىرىنىڭ قايسىي ئورۇن ئىكەنلىكىنىمۇ بىلدۈرۈشنى رەت قىلدى.
خىتايچە تور ئارخىپلىرىدىكى مەزكۇر تونۇشتۇرۇشتا «شىنجياڭ قاشتېشى ئۆي-مۈلۈك شىركىتى» نىڭ2004 -يىلى قۇرۇلغاندا 8 مىليون يۈەن مەبلىغى بارلىقى تىلغا ئېلىنغان. خوتەن شەھەرلىك بازار باشقۇرۇشئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى ئەلى ئابدۇللاغا ئائىت بىر سودا بازىرى بارلىقىنى بىلىدىغانلىقى، ئەمما ئۇنىڭ تەقدىرى ھەققىدە مەلۇماتى يوقلۇقىنى ئېيتتى. بىز ئالاقىدار ئورگانلار تەمىنلىگەن ئالاقە ئۇچۇرىغا ئاساسەن خوتەن ۋىلايىتىدە سىياسىي-قانۇن ساھەسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان بىر خادىمدىن مەلۇمات سورىدۇق. ئۇ بىر قېتىملىق خىزمەت سەپىرىدە ئەلى ئابدۇللا بىلەن ئۇچراشقانلىقىنى بايان قىلىش بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭ تىكلىگەن ئىگىلىكى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بەردى. ئەلى ئابدۇللا دېلوسىنىڭ سىياسىي-قانۇن ساھەسى ئىچىدىمۇ مەخپىي تۇتۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بۇ خادىم پەقەت خىزمەتداشلىرىدىن ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن ئۇنىڭ تۇتۇلغانلىق ۋە كېسىلگەنلىك ئۇچۇرىنى دەلىللىدى.
ئاخىرىدا تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان خوتەن شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ بىر خادىمى ئەلى ئابدۇللانىڭ مۇددەتسىز كېسىلگەنلىكىنى دەلىللىدى.