مارالبېشىدىكى ساقچى خادىمى: «ئېلىجان ئىسمائىل دېلوسىغا چېتىلغانلارنى ھېلىھەم قېزىپ تۇتۇۋاتىمىز»

شىنجاڭ ساداقەت بىئو-تېخنىكا شىركىتىنىڭ ساھىبى ئېلىجان ئىسمائىل، «قانۇنسىز ساياھەت قىلىش» ۋە «قانۇنسىز خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى» سەۋەبلىك، 2017‏-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ 2018‏-يىلى تۈرمىگە تاشلانغان.
شىنجاڭ ساداقەت بىئو-تېخنىكا شىركىتىنىڭ ساھىبى ئېلىجان ئىسمائىل، «قانۇنسىز ساياھەت قىلىش» ۋە «قانۇنسىز خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى» سەۋەبلىك، 2017‏-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ 2018‏-يىلى تۈرمىگە تاشلانغان. (Photo: RFA)

0:00 / 0:00

10 مىڭدىن ئارتۇق مۇھتاجغا زاكات بەرگەنلىكى ئۈچۈن 18 يىللىق كېسىلگەن كارخانىچى ئېلىجان ئىسمائىل ھەققىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، ئۇنىڭ بىلەن ھەمكرالاشقانلارلا ئەمەس، ھەتتا ئۇنىڭ لېكسىيەلىرىنى ئاڭلىغانلاردىنمۇ بىر قىسمىنىڭ جازالانغانلىقى ئاشكارىلاندى. مارالبېشىدىكى بىر ساقچى خادىمىنىڭ دېيىشىچە، بۇ يىل 6‏-ئايدا مارالبېشى بازىرىدىن 8 كىشى ئەينى يىللاردا ئېلىجان ئىسمائىلنىڭ لېكسىيەلىرىنى ئاڭلىغان ۋە كۆرگەنلىكى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تۇتقۇندىكى كارخانىچى ئېلىجان ئىسمائىلنىڭ دادىسى 1980‏-يىللاردىن باشلاپ مارالبېشىدا ئۆي‏-مۈلۈك، بەش خىل مېتال، گىلەمچىلىك ۋە تېبابەت دورىلىرى قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەردە تىجارەت قىلغان بولۇپ، ئېلىجان لەنجۇدا دورىگەرلىكنى ئوقۇپ كەلگەندىن كېيىن ئائىلىسىنىڭ تىجارىتىنى شىركەتلەشتۈرگەن. ۋە خەلقئارالاشتۇرغان. ئۇ، 2008‏-يىلى ئۈرۈمچىدە قۇرغان شىنجاڭ ساداقەت بىئو-تېخنىكا شىركىتى پاكىستاننىڭ بىر قىسىم دورىلىرىنى ئىمپورت قىلغان، شۇنداقلا ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنى قازاقىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە ئېكسپورت قىلغان.

نورۋېگىيەدىكى پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئېلىجان ئىسمائىل ئۇيغۇر ئىلىدا تېز ئىلگىرىلىگەن كارخانىچىلاردىن بولۇپ، ئۇ 2009‏-يىللاردىن كېيىن ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەر، ئاخبارات ئورۇنلىرى تەرىپىدىن لېكسىيەلەرگە دەۋەت قىلىنغان. ئۇ لېكسىيەلىرىدە، ئاساسلىقى كارخانىلارنى كەسپىيلەشتۈرۈش، كۆلەملەشتۈرۈش ۋە خەلقئارالاشتۇرۇشنى تەۋسىيە قىلغان.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ دېيىشىچە، ئېلىجان ئىسمائىل تۈرمىگە تاشلانغاندىن كېيىن، ئۇ قاتناشقان «شېرىن چۈش»، «كۆڭۈلدىكى سۆزلەر» پىروگراممىسىدىكى «سەزگۈر» سۆزلىرى ۋە بۇ سۆزلەرگە قارىتا قىزىقىش ئىپادىسى بولغان تاماشىبىنلار بايقىلىپ ھەم چېتىلىپ، بۇ ھەقتىمۇ مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان. ھەتتا بۇ تەكشۈرۈش، ھەر يىلى توختىماي داۋام قىلغان. دېيىلىشىچە، ، ئېلىجان ئىسمائىلنىڭ لېكسىيەسىنى ئاڭلاپ تۇتۇلغانلار قەشقەر، ئاقسۇ، ئۈرۈمچى ۋە قاراماي شەھەرلىرىدىمۇ بار ئىكەن.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بەزى ئالاقىدار خادىملار، ئېلىجان ئىسمائىل بىلەن ھەمكارلاشقان ۋە ئۇنىڭ لېكسىيەسىنى ئاڭلىغانلارنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزنى جاۋابسىز قالدۇردى.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، دەسلەپكى يىللاردا، يەنى 2017‏-2018 ‏-يىللىرى ئېلىجان ئىسمائىلنى لېكسىيەگە دەۋەت قىلغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلاشقانلار سورالغان ۋە تۇتقۇن قىلىنغان بولسا؛ يېقىنقى 3 يىلدىن بۇيان ئۇنىڭ لېكسىيەسىنى قىزىقىپ ئاڭلىغانلار تۇتقۇن قىلىنغان. مارالبېشى بازىرىدىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ساقچى خادىمى، ئېلىجان ئىسمائىلنىڭ لېكسىيەسىنى ئاڭلىغانلاردىن 8 كىشىنىڭ بۇ يىل 6 ‏-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى دەلىللىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ 8 كىشى ئېلىجان ئىسمائىلنىڭ لېكسىيەسىنى توردىن چۈشۈرۈۋېلىپ دومىتىكا(SDcard) دا ساقلىغانلار ۋە كۆرگەنلەر ئىكەن.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھەرقانداق بىر لېكسىيەدىن پۇتاق چىقىرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئېلىجان ئىسمائىل لېكسىيەسىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەبىئىي ھالدا ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ھېسسىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر قىسىم سۆز-جۈملىلەرنىمۇ ئىشلەتكەن. ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئۇنىڭ لېكسىيەدىكى مۇنداق بىر جۈملىنى ئەسلەپ ئۆتىدۇ: «بىز كارخانىچىلار يالغۇز ئىگىلىك تىكلىمەيۋاتىمىز، ماھىيەتتە قەددىمىزنى تىكلەۋاتىمىز.»

ئابدۇۋەلىنىڭ دېيىشىچە، ئېلىجان ئاڭلىغۇچىلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋابەن، ئەركىنلىك بىلەن ئىقتىسادنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدىمۇ توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئەركىنلىكنى پۇلغا سېتىۋالغىنى بولمايدۇ، ئەمما ئىقتىسادقا تايىنىپ تۇرۇپ، ئەركىنلىكنىڭ ئىشىكلىرىنى ئاچقىلى بولىدۇ.»

نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىدە، خىتاينىڭ بۇ سۆزلەرنى «تېررورلۇق» قىمۇ، «بۆلگۈنچىلىك» كىمۇ ھەم «دىنىي ئەسەبىيلىك» كىمۇ باغلىيالايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئابدۇۋەلى ئايۇپ، ئەمەلىيەتتە بۇ سۆزلەرنىڭ خىتايدىن باشقا ھەرقانداق بىر دۆلەت، ھەرقانداق جەمئىيەتتە نورمال سانىلىدىغان سۆزلەر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ.

يۇقىرىدا تۇتقۇندىكى كارخانىچى ئېلىجان ئىسمائىلنىڭ لېكىسيەسىنى ئاڭلىغانلارنىڭمۇ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.