1986-يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى ئېلىي ۋىزېل (Elie Wiesel) «يەھۇدىي زور قىرغىنچىلىقى» دىن ئامان قالغۇچى سۈپىتىدە شۇ يىلى قۇرۇپ چىققان «ئېلىي ۋىزېل فوندى» يىللاردىن بۇيان دۇنيا مىقياسىدا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە قىرغىنچىلىققا قارشى كۈرەشنىڭ ئاۋانگارتى بولۇپ كەلمەكتە. 2024-يىلى 17- ۋە 18-ئاپرېل كۈنلىرى نيۇ-يورك شەھىرىدە چاقىرىلغان «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى بۇزۇش» تېمىسىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىمۇ ئەنە شۇ خىل قوللاشنىڭ بىر مىسالى سۈپىتىدە ۋۇجۇدقا چىقتى. مەزكۇر فوند جەمئىيەتنىڭ ھازىرقى رەئىسى ئېلىشا ۋىزېل (Elisha Wiesel) ئەپەندى 17-ئاپرېل كۈنى رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ساھەگە ئائىت بىر قىسىم قاراشلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.