«ئېلىشقۇ قىرغىنچىلىقى» نىڭ بەش يىللىق خاتىرىسىدە

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تارىخىدىكى زور ۋەقەلەرنىڭ بىرى قاتارىدا 2014-يىلى 28-ئىيۇل كۈنى سەھەردە يۈز بەرگەن «ئېلىشقۇ قىرغىنچىلىقى» نى تىلغا ئېلىش مۇمكىن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى» نامىدىكى باستۇرۇشى ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ھەممىلا يېرىگە كېڭىيىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئوتتۇرىغا چىققان بۇ ۋەقە توغرىسىدا ھېچقانداق خەلقئارالىق تەشكىلات شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە يەركەنگە ئادەم ئەۋەتىپ، بۇ ۋەقەنى ئۆز ئالدىغا تەكشۈرۈشكە قادىر بولالمىدى. بۇ ھەقتىكى بارچە خەۋەرلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاسىتە باشقۇرۇشىدىكى ئاخبارات قاناللىرىدىن دۇنياغا تارقالغان بولغاچقا ئۇلارنىڭ «28-ئىيۇل سەھەر سائەت بەشتە (بېيجىڭ ۋاقتى) چەتئەلدىكى تېررورلۇق گۇرۇھلىرى بىلەن زىچ ئالاقە باغلىغان بىر توپ تېررورچىلار يەكەننىڭ ئېلىشقۇ يېزىسىدىكى ساقچىخانا ۋە يېزىلىق ھۆكۈمەتكە ھۇجۇم قىلغان. يەنە يولدا ھەربىيلەرنىڭ ماشىنا ئەترىتىنى توسۇپ، بىر قىسىم ئاپتوموبىللارغا ئوت قويۇۋەتكەن. قىسىملىرىمىز بۇنىڭغا تېزلىكتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇ ۋەقەنى تېزلا جىمىقتۇردى. ۋەقە جەريانىدا 96 ئادەم ئۆلدى» دېگەن مەزمۇندىكى خەۋىرى كۆپ قېتىملاپ نەقىل ئېلىندى.

رادىيومىز مۇخبىرلىرىنىڭ شۇ ۋاقىتتىن ئىلگىرى يەركەن رايونىدىن ئىگىلىگەن كۆپ قېتىملىق خەۋەرلىرىدە پۈتكۈل ناھىيە تەۋەسىدە كۆپ قېتىملاپ تۇتقۇن ۋەقەسىنىڭ بولغانلىقى، بۇ جەرياندا نەچچە ئونلىغان «گۇمانلىق» كىشىلەرنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. بەزى ئانالىزچىلار مۇشۇ ئەھۋالغا قاراپ «28-ئىيۇل ئېلىشقۇ قىرغىنچىلىقى» تاسادىپىي ئوتتۇرىغا چىقىپ قالغان ھادىسە ئەمەس، دەپ قارايدۇ. ئامېرىكىدىكى سىياسىي ئانالىزچى، «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ سابىق باش تەھرىرى خۇ پىڭ ئەنە شۇلارنىڭ بىرى.

خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بۇ ۋەقەدىكى ئەڭ چوڭ گۇمانلىق نۇقتىلارنىڭ بىرى مەزكۇر ۋەقەنىڭ «چەتئەلدىكى تېررورلۇق گۇرۇھى بىلەن زىچ ئالاقىسى بولغان بىر قېتىملىق تېررورلۇق ھۇجۇم» دەپ چۈشەندۈرۈلۈشى ئىكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، قولىدا پالتا، گۈرجەك ۋە كەكە دېگەنگە ئوخشاش ئىپتىدائىي قوراللاردىن باشقا ھېچنەرسە يوق بىر توپ ئۇيغۇر دېھقاننىڭ ھېچنېمىدىن ھېچنېمە يوقلا زامانىۋى قوراللار بىلەن تولۇق قوراللانغان ساقچىلارغا ۋە ھەربىي قىسىملارغا ھۇجۇم قىلىشى مەنتىقىگە چۈشمەيدىغان بىر ئىزاھات ئىكەن. چۈنكى نورمال ئەھۋالدا ماددىي جەھەتتىكى قۇدرىتى ئاجىز بولغان بىر قوۋم ھېچقاچان ئۆزىدىن ئون ياكى يۈز ھەسسىلەپ قۇدرەتلىك بولغان بىر كۈچكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇم قىلمايدۇ. قاچانىكى ئاجىز بولغان تەرەپ كۈچلۈك بولغانلارنىڭ بوزەك قىلىشىغا دۇچ كېلىپ سەۋرى قاچىسى يېرىلغاندا قولىغا نېمە چىقسا شۇنى ئېلىپ ئۆزىنى قوغداشقا ئاتلىنىدۇ. يەنە كېلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىل سىغماس نازارەت سىستېمىسى مەۋجۇت بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، ئىككى يۈز مىڭدىن ئارتۇق كادىر ھەرقايسى جايلاردىكى يېزىلارغا «تۆۋەنگە چۈشۈپ» مۇقىملىق ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقاندا بۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ چەتئەلدىكى تېررورچىلار بىلەن ئۇزۇن مۇددەت ئالاقە باغلاپ، ئۇلارنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى قوبۇل قىلىپ، پالتا-پىچاق بىلەن ساقچىخانىغا ۋە ھەربىيلەرگە ھۇجۇم قىلىشى مەنتىقىگە تېخىمۇ ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بىر ھال ئىكەن.

شۇ قېتىملىق ۋەقەدىن بىر يىلغا ۋاقىت ئۆتكەندە فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 2015-يىلى ئاپرېل ئېيىنىڭ ئاخىرى ئېلىشقۇ يېزىسىدىكى زىيارىتى جەريانىدا خۇ پىڭ ئەپەندى ئېيتقان بەزى ئەھۋاللارنىڭ راستلىقى دەلىللىنىدۇ. شۇ ۋاقىتتا يەرلىك ئاھالىلەردىن بىرنەچچىسى ئەينى ۋاقىتتا بەش يۈزدىن ئارتۇقراق دېھقاننىڭ كەتمەن-گۈرجەكلىرىنى كۆتۈرگىنىچە ھۆكۈمەتنىڭ دىنىي ئېتىقاد چەكلىمىسىگە قارشى يېزا بازىرىدا نامايىش قىلغانلىقىنى، ھەربىي ۋە ساقچىلارنىڭ نامايىشچى دېھقانلارنىڭ ئالدىنى توسۇپ ئۇلارنى تارقىلىپ كېتىشكە بۇيرۇغانلىقىنى، ئارقىدىنلا تاراسلاپ ئوق ئېتىلىشقا باشلىغانچە كوچىدا ئۇچرىغانلىكى ئۇيغۇرنىڭ ئوققا يەم بولغانلىقىنى، شۇنىڭدىن كېيىنمۇ نەچچە يۈز كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن. شۇ ۋاقىتلاردا رادىيومىز مۇخبىرلىرى ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردا ئېلىشقۇ بازىرىدىكى خىتاي دۇكاندارلاردىن بىرى «ئاز دېگەندىمۇ بىرەر مىڭ ئادەم ئۆلدىغۇ، دەيمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى.

خۇ پىڭ ئەپەندى بۇ قېتىملىق ۋەقە توغرىسىدا ئۆزىنىڭ ئىزچىل گۇمان قىلىپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ يەنە بىرى بۇ ۋەقەنىڭ نېمە ئۈچۈن 28-ئىيۇل كۈنى يۈز بېرىشى ئىكەن. ئۇ يەركەندىكى ھەرقايسى يېزىلاردا بۇنىڭدىن ئاۋۋالمۇ ئۇيغۇر دېھقانلارنى دىنىي ئەسەبىيلىككە باغلاپ تۇتقۇن قىلىش ۋەقەلىرىنىڭ كۆپ قېتىملاپ يۈز بەرگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەش بىلەن بىرگە 28-ئىيۇلنىڭ شۇ يىلقى روزى ھېيت كۈنى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئادەتتە روزى ھېيتنىڭ ھارپا كۈنى تەبىئىي رەۋىشتە توپلىشىپ دىنىي پائالىيەتكە جەم بولىدىغانلىقىنى، جۈملىدىن تاراۋىھ خەتمىسى، ھېيت نامىزى دېگەندەك مۇھىم دىنىي پائالىيەتلەرگە ئىشتىراك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ «مېنىڭچە ھۆكۈمەت نېمىدىندۇر ئەنسىرەپ مۇشۇ خىلدىكى ئادەم توپلىشىدىغان پائالىيەتلەرنى چەكلىگەن بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭ بىلەن دىنىي ئېتىقاد تۇيغۇسى كۈچلۈك بولغان دېھقانلار بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرگەن بولسا ھۆكۈمەت بۇنى دەرھاللا ‹بىزگە قارشى چىققانلىق› دەپ قوراللىق باستۇرغان بولۇشى مۇمكىن» دەپ كۆرسىتىدۇ. ئۇ مۇشۇ ئەھۋاللارغا قاراپ «ئېلىشقۇدىكى ئۇيغۇرلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۆتتى، دېيىشنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق» دەپ خۇلاسە چىقىرىدۇ.

خۇ پىڭ ئەپەندى تا ھازىرغا قەدەر ئويلىنىپ كېلىۋاتقان يەنە بىر مەسىلە شۇ ۋاقىتتىكى ئاتالمىش «دېھقان تېررورچىلار» نىڭ خىتاي پۇقرالىرىغا ئەمەس، بەلكى ساقچىخانا ۋە ھەربىي قىسىملارغا ھۇجۇم قىلىشى بولغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، تېررورچىلار ئادەتتە خەلق ئاممىسىغا ۋەھىمە سالىدۇ، ئەكسىچە ساقچى ۋە ھەربىيلەردىن يىراق تۇرىدۇ. ئەمما «ئېلىشقۇ قىرغىنچىلىقى» دىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ھەربىي ۋە ساقچىلارنىڭ خەلق ئاممىسىنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈپ «تېررورچىلارنى يوقىتىشقا ئاتلانغانلىقى» نى كۆپلەپ تەشۋىق قىلغان. ئەمما بۇ «يوقىتىش ئۇرۇشى» دا بىرمۇ ئامما زەخىملەنمىگەن. بۇنىڭ ئۆزى ئاشۇ قورشاۋدىكى «تېررورچىلار» نىڭ قولىدا كەتمەن-پالتىدىن باشقا ھېچقانداق زامانىۋى قورالنىڭ يوقلۇقىنى بىۋاسىتە ئىسپاتلايدۇ. ئەمما شۇ ۋاقىتلاردا بىر قىسىم ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ «دۈشمەن كۈچلەرنىڭ ئوقى تېگىپ ۋاپات بولغانلىقى» ھەققىدە تەشۋىقاتلار ئوتتۇرىغا چىققان. بۇ خىلدىكى يالغانلارنىڭ ئۆزىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدە دۇنيادىن يوشۇرماقچى بولغان نەرسىلىرىنىڭ بەكمۇ كۆپلۈكىنى ۋاسىتىلىك ھالدا ئىپادىلەيدىكەن.

«ئېلىشقۇ قىرغىنچىلىقى» ھەققىدە سۆز بولغاندا ئۇيغۇر تارىخشۇناسلاردىن دوكتور قاھار بارات ئەپەندى بۇ ۋەقەنىڭ تاسادىپىي ئوتتۇرىغا چىقىپ قالغان ھادىسە ئەمەسلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ تارىخىي ئىزچىللىقتىكى ئورنىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىملىقىنى بىلدۈردى.

دوكتور قاھار باراتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ئېلىشقۇ قىرغىنچىلىقى» غا ئوخشاش ۋەقەلەرنىڭ ئۇيغۇر مىللىي روھىغا مەلھەم بولۇشى ئۈچۈن بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىش ۋە ياد ئېتىش پائالىيەتلىرى بەكمۇ مۇھىم ھېسابلىنىدۇ.

ئۇ بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا مۇنداق دېدى: مەلۇم بولۇشىچە، ئەينى ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇرغا بولغان قاتتىق كونتروللۇقى ھەمدە مەلۇم مۇددەتتە ئىنتېرنېتنى كېسىپ تاشلىشى سەۋەبلىك «ئېلىشقۇ قىرغىنچىلىقى» دۇنيا جامائىتىگە «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» دەك كەڭ بىلىنمەي قالغان. ئەمما مەزكۇر ۋەقەنىڭ شاھىتلىرىنىڭ بايانلىرى بولسا بۇ ھەقتىكى بارغانسېرى كۆپ تەپسىلاتلارنى ئاشكارا قىلىپ، ھەقىقىي ئەھۋالنىڭ كىشىلەر تەسەۋۋۇر قىلغاندىن نەچچە ئون ھەسسە ئېغىرلىقىنى كۆرسىتىۋاتقانلىقى مەلۇم.