ئەلجەزىرەنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىشلىگەن پروگراممىسى مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلجەزىرە ئاخبارات شىركىتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان لاگېر سىياسىتى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىشلىگەن ئۇچۇر-گرافىك پروگراممىسى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئاخبارات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

«نامەلۇملىق ئىلىكىدە ياشاش» ناملىق پروگراممىنى ئەلجەزىرەنىڭ رەقەملىك يېڭىلىق يارىتىش ستۇدىيەسى- «AJ Contrast» ستۇدىيەسى ئىشلىگەن بولۇپ، پروگرامما خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ «رەقەملىك مېدىيانى ئەڭ ياخشى ئىشلىتىش» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

بۇ پروگراممىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زىيانكەشلىكلىرىدىن قېچىپ، ھازىر تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇلدا ھاياتىنى قايتا قۇرۇۋاتقان تۆت ئۇيغۇر ئايالنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى سۈرەتلەنگەن.

ئەلجەزىرە بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بۇ تۆت ئۇيغۇر ئايال مەجبۇرلانغان مۇساپىرلىقىنىڭ ئادەتتىكى مۇساپىرلىق ئەمەسلىكىنى، چۈنكى «ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بىلەن بولغان ھەرقانداق ئالاقىسى ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرىنى خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۆلكىسىدىكى جازا لاگېرلىرىغا مۇپتىلا قىلىشى مۇمكىنلىكىنى، ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ كەم دېگەندە بىر مىليون ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگېرلىرىغا تاشلانغان دەپ قارايدىغانلىقى» نى بايان قىلغان.

AJ Contrast ستۇدىيەسى نىڭ مەسئۇلى زەھرا رۇسۇل ئەلجەزىرەگە بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «ئۇشبۇ شەرەپكە كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇشتا ئەرزىيەت چېكىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ئېرىشكەنلىكىمىز بىزنى كەمتەر بولۇشقا ئۈندەيدۇ. گۇرۇپپىمىز داۋاملىق ئىجادىي تېخنىكا ۋە فورماتلارنى ئىشلىتىپ، توقۇنۇش ۋە باراۋەرسىزلىكنىڭ ئەڭ قاتتىق زەربىسىگە ئۇچرىغانلارنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەشنى داۋام قىلىدۇ. ئۇيغۇر ئائىلىلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن ۋاقتىمىز ئۇلارنىڭ ھېسسىيات جەھەتتىكى بېسىمى ۋە ياتلىشىش تۇيغۇلىرىنى تېخىمۇ تولۇق چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بەردى.»

«AJ Contrast» چارشەنبە كۈنى لوندوندا ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا «مۇھاپىزەت گېزىتى» ۋە ئەلجەزىرەنىڭ ھەل قىلغۇچ تاللاشقا لايىق كۆرۈلگەن باشقا ئىككى پروگراممىسى ئۈستىدىن غالىپ كېلىپ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.