لاگېر ئايرىغان ئانا-بالىنىڭ «ئەللەي ناخشىسى» ياپونىيەدە ياڭرىدى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2022.05.11
لاگېر ئايرىغان ئانا-بالىنىڭ «ئەللەي ناخشىسى» ياپونىيەدە ياڭرىدى رېژىسسور نوبۇشى شىيو ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىسىدىكى ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنتنىڭ ئېچىنىشلىق سەرگۈزەشتلىرى ئىپادىلەنگەن ناخشا تېكىستنى سازلاشتۇرۇپ ئۈنگە ئېلىش جەريانىدا. 2022-يىلى ماي، ياپونىيە.
Social Media

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقى، ياپونىيە مەتبۇئاتلىرى ۋە جەمئىيىتىدىمۇ بەلگىلىك تەسىر قوزغىماقتا.

ئۇيغۇر لاگېر شاھىتلىرىنىڭ ۋە ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىدە لاگېرلارغا قامالغان ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇرۇق تۇغقانلىرى ھەققىدىكى گۇۋاھلىقلىرى، يىللاردىن بۇيان ياپونىيە جەمئىيەت مەسىلىلىرى، ۋەتەنپەرۋەرلىك، ئادالەت توغرىسىدىكى تېمىلاردا كىنو، ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەپ جەمئىيەتتە بەلگىلىك ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان رېژىسسور نوبۇشى شىيو ئەپەندىنى تەسىرلەندۈرگەن.

ئۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئۇچراۋاتقان يوقىتىشلىرىغا چەكسىز ھېسداشلىقىنى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىگۇناھ ئىنسانلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ رەھىمسىز جىنايەتلىرىگە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەيدىغان بىر ئەسەر يارىتىش ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بىر ئىنسانى بۇرچىنى ئادا قىلىش ئۈستىدە باش قاتۇرۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، نوبۇشى ئەپەندى ئەمەلىي بىر ئىش قىلىشنى نىيەت قىلغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، پەرزەنتىدىن ئايرىلغان بىر ئۇيغۇر ئانىنىڭ بالىسى ئۈچۈن ئېيتقان يۈرەك سۆزلىرىنى، شۇنداقلا پەرزەنتنىڭمۇ ئۆلتۈرۈلگەن دادىسى، يىراقتىكى مېھرىبان ئانىسىغا بولغان سېغىنىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ، بىر ناخشا تېكىستنى يېزىپ چىققان.

نوبۇشى شىيو ئەپەندىم خانىمى بىلەن بۇ تېكىستنى قانداق قىلىپ تېخىمۇ تەسىرچان بىر ئەسەر قىلىپ چىقىش ھەققىدە ئويلىرىنى ئورتاقلاشقاندىن كېيىن، تېكىستنىڭ تۇنجى ئوقۇرمىنى نوبوشىنىڭ خانىمى ئۇنى بىر يېقىملىق ئاھاڭغا سېلىپ كۆرگەن. نەتىجىدە، چىن ئىنسانىي مېھىر-مۇھەببەتتىن پۈتكەن، يېقىملىق ئەسەر ۋۇجۇدقا كەلگەن.

رېژىسسور نوبۇشى شىيو ئەپەندىم ۋە ئۇنىڭ مېھرىبان خانىمى ئىجاد قىلغان «ئەللەي ناخشىسى» ناملىق بۇ گۈزەل مۇزىكىلىق ئەسەردىكى ئانىنىڭ رولىنى ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن كۆزگە كۆرۈنگەن ياپونىيەلىك ياش ناخشىچى سايا خانقىز يېقىملىق ۋە مېھرىبان ئاۋازى بىلەن ئالغان، 10 ياشلىق ئۇيغۇر قىزى تۈركەنئاي ئەخمەت چەتئەلدە ئۆسكەن بولسىمۇ ئۇيغۇرلۇقى بىلىنىپ تۇرىدىغان بالىلارچە سەبىي ئاۋازى بىلەن پەرزەنتنىڭ رولىنى ئوينىغان.

بۇلارنىڭ ھەممىسى قوشۇلۇپ ناھايىتىمۇ ئاددىي، ئەمما يۈرەكنى ئەزگۈدەك ساپ ۋە گۈزەل مېلودىيە پۈتۈپ چىققان.

بىز ئەسەرنىڭ ئاپتورى رېژىسسور نوبۇشى شىيو ئەپەندىنى ئۇيغۇرلارغا بېغىشلانغان «ئەللەي ناخشىسى» ھەققىدە مەخسۇس زىيارەت قىلدۇق:

مۇخبىر: ئۇيغۇرلار تېما قىلىنغان بىر ئەسەر ئىشلىشىڭىزگە نېمە سەۋەب بولدى؟

جاۋاب: مەن رېژىسسور نوبۇشى شىيو.

ئۆتكەن يىلى، شىمالىي كورېيە تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ياپونلار توغرىسدا ئىشلىگەن كىنورىمىز ئېلان قىلىنغاندا، ياپونىيەدىكى خالمەت روزى ئەپەندىم ئۇيغۇرلار توغرىلىق فىلىم ئىشلىشىمنى تەلەپ قىلدى.

كىنو، فىلىم ئىشلەش ۋاقىت ۋە شارائىت تەلەپ قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئالدى بىلەن بىر ناخشا ئىشلەپ بېقىشنى قارار قىلدىم.

چۈنكى تارىختىمۇ ئامېرىكا ۋە ۋىيېتنام ئۇرۇشلىرىدىكى ئېچىنىشلىق پاجىئەلەرنى دۇنياغا ئاڭلاتقان ناخشىلارنىڭمۇ دۇنيادا زور تەسىر كۈچى بولغانىدى.

مۇخبىر: «ئەللەي ناخشىسى» نىڭ ئالاھىدىلىكى ھەققىدە توختىلىپ باقسىڭىز؟

جاۋاب: ناخشىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنىغا كەلسەك، ھازىرقى ۋەزىيەت تۈپەيلى ئايرىلىپ تۇرۇۋاتقان بىر ئانا بىلەن پەرزەنتنىڭ ئاي ۋە يۇلتۇزغا قاراپ تۇرۇپ سېغىنىش، ئېچىنىش، قايغۇرۇشتەك قايناق ھېسسىياتى ناخشا تىلى ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن. شۇنداقلا ئۇيغۇرنىڭ ھازىرقى ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنىڭ كارتىنىسى سۆزلەنگەن.

ناخشا ياپون تىلى نۇسخىسى ۋە ئىنگلىزچە نۇسخىسى شۇنداقلا كىچىك قىزچاقنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا ئېيتقان نۇسخىسى ھەم كارائوكې نۇسخىسى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، پلاستىنكا شەكلىدىمۇ تارقىتىلماقچى.

مېنىڭچە بۇ ناخشا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كەڭ ئالقىشقا ئېرىشسە كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇرغا بولغان ھېسداشلىقى، قوللىشى يەنىمۇ كۈچىيىدۇ دەپ ئويلايمەن.

مۇخبىر: بۇ ئەسەرنى يەنىمۇ كەڭ تونۇشتۇرۇش پىلانلىرىڭىز بارمۇ؟

جاۋاب: 5-ئاينىڭ ئاخىرىدا بۇ ئەسەرنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلىدۇ شۇنداقلا ئەسەر ئېلان قىلىنىدۇ.

بۇندىن كېيىن دۆلەت ئىچىدىكى رادىئو ئىستانسىلىرى، ھەرخىل پائالىيەتلەر ۋە يۇتۇپ قاناللىرىدا كەڭ كۆلەمدە تارقىتىشنى پىلانلاۋاتىمىز. شۇنداقلا بىر قىسىم چوڭ تىپتىكى پائالىيەتلەرنىڭ باشلىنىش قىسمىدا نەق مەيداندا ئورۇنلاش پىلانىمىزمۇ بار.

ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلاردىن يۇقىرىقى ئەسەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقىشىغا خالىس ياردەم قىلغۇچى، ئەمما نام شەرىپىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن مەلۇماتلار بەرگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ئەللەي ناخشىسى» نىڭ مۇزىكىسىنىڭ ئىشلىنىشى ئاۋازغا ئېلىشى ۋە سۈرەتكە ئېلىنىپ جەريانىدا 20 دىن ئارتۇق كەسپىي مۇزىكا رېژىسسورى ۋە خادىملار، سەنئەتكار ۋە پىدائىيلار ئايلارچە خىزمەت كۆرسەتكەن بولۇپ، ياپونىيەدىكى ياش تالانت ئىگىلىرىدىن باشقا قازاقىستاندىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر چالغۇچىلارمۇ ھەمكارلاشقانىكەن.

بۇ ئەسەر سىياسىي مەزمۇنلاردىن مۇستەسنا بولغان تارقىتىش ۋاسىتىلىرىنىڭمۇ بىمالال تارقىتالايدىغان تەلىپىنى ھازىرلىغىنى ئۈچۈن، مەزكۇر ئەسەرنى ئىشلىگەن ھەمكارلىق گۇرۇپپسىدىكلەر ياپونىيەدە ياڭرىغان بۇ «ئەللەي ناخشىسى» نىڭ، تىل، دىن، زامان ۋە ماكان چەكلىمىلىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ ھەر قانداق كىشىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سېلىپ، ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا قوللاش نىسبىتىنى ئاشۇرۇشتا بەلگىلىك رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلماقتىكەن. شۇنداقلا يېقىن كەلگۈسىدە، بۇ ئەسەرنىڭ پىلاستىنكا نۇسخىسى، سۈرەتلىك نۇسخىسى قاتارلىقلار بازارغا سېلىنىپ، بارلىق كىرىم ئۇيغۇر داۋاسىغا ئىئانە قىلىنىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.