لاگېر ئايرىغان ئانا-بالىلارنىڭ «ئەللەي ناخشىسى» ياپونىيەدە 3 تىلدا يورۇق كۆردى

0:00 / 0:00

رېژىسسور نوبۇشى شىيو ئەپەندى ئۇيغۇرلارغا بېغىشلاپ ئىجات قىلغان «ئەللەي ناخشىسى» 6-ئاينىڭ 17-كۈنى ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى تەرىپىدىن پىلاستىنكا شەكلىدە تارقىتىلغان. ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئەخمەت لېتىپ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ پىلاستىنكىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا 3 تىلدا نەشىر قىلىنغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر 17-ئىيۇن كۈنىلا ئەللىكتىن ئارتۇق چوڭ-كىچىك تاراتقۇلاردا خەۋەر قىلىنغان.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ پىلاستىنكا ياپونىيەدە نورمال پىلاستىنكا شەكلىدە تارقىتىلغاندىن سىرت، توردا مەخسۇس مۇزىكا تارقىتىش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ‹ئامازون مۇزىكا›، ‹ئالما› ۋە ‹يۇتۇب› قاتارلىق ئەللىكتىن ئارتۇق تور سۇپىسىغىمۇ قويۇلۇپ تارقىتىلدى.»

ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى مەزكۇر پىلاستىنكىنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ، مۇنداق دېدى: «ئەمدى بۇ پىلاستىنكىنىڭ مەزمۇنىغا كەلسەك، بۈگۈنكى كۈندە مىليونلىغان ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلىرى پەرزەنتلىرىدىن، ئۇيغۇر بالىلىرى ئاتا-ئانىلىرىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىلىپ، ئېغىر جۇدالىقنىڭ ئازابىنى تارتىۋاتىدۇ. جۈملىدىن چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان بىز ئۇيغۇرلارمۇ بۇنىڭ دەردىنى تارتىۋاتىمىز. بۇ ناخشا دەل ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان كۈلپەتلەر ئىچىدىكى ئەڭ ئېغىرى بولغان پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا-ئانىلاردىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىلىشىنى ئاساسلىق تېما قىلغان. بىر ئانىنىڭ بالىسىنى سېغىنىپ ئېيتقان يۈرەك مۇڭلىرى، شۇنداقلا بالىنىڭمۇ ئاتا-ئانىسىنى سېغىنىشى بۇ ناخشىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى قىلىنغان.»

ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ پىلاستىنكىنىڭ 5 خىل شەكىلدىكى نۇسخىسى نەشىر قىلىندى. يەنى ئۇيغۇرچە، ياپونچە، ئىنگىلىزچە 3 تىلدىكى نۇسخىسى، ناخشا قوشۇلمىغان خاس مۇزىكىلىق نۇسخىسى ۋە كارا OK ئۈچۈن تەييارلانغان نۇسخىسى بولۇپ، بۇلار بىر پىلاستىنكا سۈپىتىدە نەشىر قىلىندى.»

ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى بۇ پىلاستىنكىنىڭ يۇقۇرى سەۋىيەدە پۈتۈپ چىققانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ ناخشا مەيلى مەزمۇن جەھەتتىن بولسۇن، مۇزىكىسىنىڭ چېلىنىشى ۋە كىرىشتۈرۈلۈشى جەھەتتە بولسۇن، مەيلى ئاۋازغا ئېلىنىش تېخنىكىسى ياكى پىلاستىنكىنىڭ تاشقىي كۆرۈنۈشىنىڭ لايىھەلىنىشى جەھەتتە بولسۇن، ئىش قىلىپ كەسپىي سۈپىتى ناھايىتى يوقۇرى، ئاڭلىغان ئادەمنىڭ يۈرىكىنى تىترەتكىدەك، كۆرگەن ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتقىدەك يۇقۇرى سەۋىيەدە پۈتۈپ چىقتى، دەپ قارايمەن.»

ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى، ياپونىيەدە بۇنداق بىر پىلاستىنكىنىڭ ئىشلىنىپ تارقىتىلىشىدىكى مەقسەت ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇنداق بىر پىلاستىنكىنى ئىشلىشىمىزدىكى سەۋەب شۇكى، بىز ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ياپونىيەدە ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. جەمئىيەتتە سىياسىي تېمىلارغا قىزىقمايدىغان، تاشقىي دۇنيادا بولۇۋاتقان ئىشلارغا ئانچە كۆڭۈل بۆلمەيدىغان، كىشىلەرگە ئارىلىشىشنى بەكمۇ خالىمايدىغان كىشىلەرمۇ كۆپ، بولۇپمۇ ياشلارنىڭ ۋە سەنئەتكارلارنىڭ ئارىسىدا شۇنداق. مۇزىكا بىلەن سەنئەتنىڭ چېگرىسى بولمايدۇ، شۇڭا نامايىشقا، گۇۋاھلىق بېرىشكە ۋە دوكلات بېرىش يىغىنلىرىغا كېلەلمەيدىغان كىشىلەرگىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش ۋە ئۇلارنى بۇ مەسىلىنىڭ ئىچىگە سۆرەپ كىرىش ئۈچۈن، دۆلەت ۋە مىللەت چېگرىسى بولمىغان ناخشا-مۇزىكىنى سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەپ باقتۇق.»

بىز ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئىشلەنگەن بۇ پىلاستىنكا ھەققىدە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى سەيدۇللاھ ئونئۇيغۇر ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ بۇ ناخشىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يۈز مىڭلىغان كىشىنىڭ ئاڭلىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى، بولۇپمۇ ئاتا-ئانىسىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىلگەن ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ تىراگېدىيەسىنى دۇنياغا چۈشەندۈرۈشتە بۇ پىلاستىنكىنىڭ زور رول ئوينايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

رېژىسسور نوبۇشى شىيو ئەپەندىم بىلەن ئۇنىڭ مېھرىبان خانىمى ئىجاد قىلغان «ئەللەي ناخشىسى» ناملىق بۇ گۈزەل مۇزىكىلىق ئەسەردە، ئانىنىڭ ئاۋازىدىكى ناخشىنى كۆزگە كۆرۈنگەن ياپونىيەلىك ياش ناخشىچى سايا خانقىز ئۆزىنىڭ يېقىملىق ئاۋازى بىلەن ئورۇندىغان. ياپونىيەدىكى 10 ياشلىق ئۇيغۇر قىزى تۈركەنئاي ئەخمەت ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلۇقى بىلىنىپ تۇرىدىغان ھەم بالىلارچە سەبىي ئاۋازى بىلەن پەرزەنتنىڭ ئاۋازىدىكى ناخشىنى ئورۇندىغان.