ئانالىزچىلار: «ئەمەلدار يېڭىلاش-شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر رايونىنى خىتايلاشتۇرۇش ۋە كونتروللۇقنى كۈچەيتىش سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى»
2021.10.20
خىتاي دائىرىلىرى 30-سېنتەبىر كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ ئىستېپانامىسى قوبۇل قىلىنىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئەركىن تۇنىيازنى مۇۋەققەت رەئىس قىلىپ تەيىنلىگەنكىكىنى ئېلان قىلغانىدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا، 18-19-ئۆكتەبىر كۈنلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارىلىقىغا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن خې جوڭيو، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھەيتئەتلىكىگە تەيىنلىگەن يۈسۈپجان مەمەت بىلەن ئىلزات ئەخمەتجانلارنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى. 19-ئۆكتەبىر كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى «ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسى» نىڭ پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ جۈنجېڭنىڭ تىبەت ئاپتونوم رايونىغا پارتكوم سېكرېتارى قىلىپ يۆتكەلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. 20-ئۆكتەبىر كۈنىدىكى ئەڭ يېڭى خەۋەردە بولسا، ئىلگىرى يۈننەن ۋە گۇيلىن ئۆلكىلىرىدە مۇھىم ۋەزىپە ئۆتىگەن لى يىفېينىڭ ۋاڭ جۈنجېڭنىڭ ئورنىغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى «ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسى» نىڭ پارتكوم سېكرېتارى قىلىپ تەيىنلەنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
قىسقىغىنە 20 كۈن ئىچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسى رەھبەرلىك قاتلىمىدا يۈز بەرگەن بۇ يېڭىلاش، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ھەر ساھەنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ئوبزورچى خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، پۈتۈن خىتاي دۆلىتى ۋەزىيىتىدىن قارىغاندا بۇ شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەشتە سادىق ئەمەلدارلارنى ۋەزىپىگە قويۇشى ھېسابلىنىدىكەن. ئەمما ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋەزىيىتىدىن قارىغاندا، بۇ شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا خىتايلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە رايوندىكى كونتروللۇقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان دېيىشكە بولىدىكەن.
خۇ پىڭ مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە بۇ ئۇنىڭ 20-قۇرۇلتاي ئۈچۈن ئاسسا يارىتىش. يەنى 20-قۇرۇلتايدىن ئىلگىرى شى جىڭپىڭ ئۆزى ئىشەنچلىك دەپ قارىغانلارنى مۇھىم ئورۇنلارغا خىزمەتكە قويۇشى ھېسابلىنىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ شىزاڭ ۋە شىنجاڭدا ۋەزىپىگە تەيىنلىشىدىن ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن قارىغىنىمىزدا، شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىللاردا يۈرگۈزگەن قاتتىق قول سىياسىتى يەنى قاتتىق قوللۇق بىلەن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ».
خۇ پىڭ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، بۇ خىل ئەمەلدار ئالماشتۇرۇشنىڭ يەنە ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن سىياسەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «مانا بۇ مەسىلىلەر ئىلگىرى تاراتقۇلار ئاشكارىلىغاندەك ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان ئاشۇ خىل سىياسەتلەرنىڭ شى جىڭ يەنى خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى قاتلىمى تەرىپىدىن يولغا قويۇلغانلىقىنى ھەرگىزمۇ تۆۋەندىكىلەرنىڭ قىلمىشى ئەمەسلىكىنى بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بەلگىلەنگەن سىياسىتى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ، مانا بۇمۇ ئىنتايىن ئېنىق بىر سىگنال».
خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن ئوبزورچى چېن پوكۇڭ ئەپەندىمۇ، 20-ئۆكتەبىر كۈنى يۇتۇپ تورىدا ئېلان قىلغان ئانالىزىدا شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەت قاتارلىقنىڭ رايونلىرىدا، بۇ مىللەتلەرنى مەجبۇرىي خىتايلاشتۇرۇش ئېلىپ بارىدىغان ۋە بۇ رايونلاردىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىجرا قىلىدىغان ئەمەلدارلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
چېن پوكۇڭ سۆزىدە، بۇ رايونلاردىكى ئەمەلدار يېڭىلاشنىڭ خىتاينىڭ خەلقئارادا قاتتىق ئەيىبلەشكە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قاراتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» سىياسىتىنىڭ يەنىمۇ كۈچىيىدىغانلىقى، ھەتتا تىبەتلەرگە كېڭىيىشىنىڭ نۆۋەتتە ئەندىشە قوزغاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن.
«شىزاڭغا پارتكوم سېكرېتارى قىلىپ تەيىنلەنگىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ۋە ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسى پارتكومىنىڭ سېكرېتارى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن ۋاڭ جۈنجېڭ بولۇپ، ئۇنىڭ شىزاڭغا يۆتكىلىشى خەلقئارادا ئەندىشە قوزغىدى. چۈنكى ئۇ ئەشەددىي سولچىلاردىن بولۇپ، ئۇنىڭ قاتتىق قوللۇقتا داڭقى چىققان. ئۇ شىنجاڭدا لاگېرلارنى قۇرۇش ئىشىغا قاتناشقان. ئۇيغۇرلارنى ۋە قازاقلارنى باستۇرۇشتا ئۇنىڭ سېسىق نامى پۇر كەتكەن. ئۇ ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ جازالىشىغا ئۇچرىغان. كېيىن ياۋروپا بىرلىكىنىڭمۇ جازالىشىغا ئۇچرىدى. ۋاڭ جۈنجېڭ لاگېرلار مەسىلىسىدىكى نۇقتىلىق شەخس. ئۇ دەسلەپ شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسىدە پارتكوم سېكرېتارى بولدى. كېيىن سىياسىي-قانۇن سىستېمىسىدىكى پادىشاھقا ئايلاندى. شى جىڭپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ مانا مۇشۇنداق بىر شەخسنى تىبەتكە پارتكوم سېكرېتارى قىلىپ تەيىنلىشى، شى جىڭپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتلىكلەرنى باستۇرۇشىدىن دېرەك بەرمەكتە. چۈنكى شى جىنپىڭ ئىلگىرى تىبەتلىكلەرنى باستۇرۇشتا نەتىجىگە ئېرىشكەن شىزاڭنىڭ پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگونىمۇ ئۇيغۇر رايونىغا يۆتكەپ كېلىپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئېلىپ بارغان ئىدى».
خۇ پىڭ ئەپەندى يەنە ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسىگە تەيىنلەنگەن يېڭى پارتكوم سېكرېتارى لى يىفېي ھەققىدە توختالدى.
خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە ئۇنىڭ يۆتكەپ كېلىنىشى، ئەمەلىيەتتە بىڭتۈەن ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نۆۋەتتە ئۇچراۋاتقان ئېغىر ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى مەزگىلىدە رايوننىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش ئېھتىياجىدىن بولغان.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خىتاي ئىشلىرى مۇدىرى، بۇرۇن بىڭتۈەن تەۋەسىدىكى شىخەنزىدە خىزمەت قىلىپ، بىڭتۈەن ھەققىدە مول چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولغان ئېلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆز قاراشلىرىنى ئورتاقلاشتى.
ئېلشات ئەپەندى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە تىبەتتىكى ئەمەلدار ئالماشتۇرۇشىنىڭ خىتاينىڭ بۇ رايونلاردىكى يەرلىك مىللەتلەرنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىش ۋە بۇ رايونلارنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئېھتىياجىدىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئېلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىشغالىيەت ئارمىيەسى ھېسابلىنىدىغان «بىڭتۈەن» نىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى كونتروللۇقىنى ساقلاشتىكى رولى ۋە ئۇنىڭغا بەلگىلەنگەن ئەمەلدارلارنىڭ ۋەزىپىسى ھەققىدە توختالدى.
ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە «ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسى» دەپ ئاتالغان، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى ئاساسىي ۋەزىپە قىلغان بۇ گەۋدە نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئۇچرىغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» سەۋەبىدىن ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئېمبارگوسىغا دۇچ كەلگەن.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىل ئېغىر ۋەزىيەتتە بىڭتۇەننىڭ ئىقتىسادى زىيىنىنى ئازايتىش ۋە مۇقىم ۋەزىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئەندىشىسى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن نۆۋەتتىكى يەنە بىر باش ئاغرىقى ھېسابلىنىدىكەن.
ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىغا مەيلى قانداق ئەمەلدارلارنى تەيىنلىسۇن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى باستۇرۇش ۋە ئىشغالىيەت سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولمايدىكەن، پەقەت ئۇسۇل جەھەتتە مەلۇم ئالدامچىلىق ۋاسىتىلىرى يولغا قويۇلۇشى مۇمكىن ئىكەن.