خىتاي ئۇيغۇر ئېلىغا بولغان نازارەت كۈچەيگەن بىر ۋاقىتتا ئىككى مۇھىم خەلقئارالىق ئەمگەك ئەھدىنامىسىنى رەسمىي تەستىقلىدى

0:00 / 0:00

خىتاي 20-ئاپرېل چارشەنبە كۈنى، ئۇيغۇر ئېلىغا بولغان خەلقئارالىق نازارەت كۈچەيگەن، ئامېرىكانىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» رەسمىي ئىجرا قىلىنىپ، ئۇيغۇر ئېلىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشى چەكلىنىش ئالدىدا تۇرغان بىر ۋاقىتتا، ئىككى مۇھىم خەلقئارالىق ئەمگەك ئەھدىنامىسىنى تەستىقلىغان. خىتاينىڭ ئۇزۇندىن بېرى تەستىقلاشنى ئارقىغا سۈرۈپ كەلگەن بۇ ئىككى خەلقئارالىق ئەھدىنامىنى ھازىرقىدەك ھالقىلىق بىر پەيتتە دەرھال تەستىقلىشى، كۆزەتكۈچىلەردە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى ۋە ئۇيغۇر ئەمگىكى تۈپەيلى قاتتىق زەربىگە ئۇچرىغان خەلقئارا ئوبرازىنى قايتا تىكلەپ، ئ‍ۆزىنى خەلقئارا ئەمگەك سىستېمىسىنىڭ بىر پارچىسى قىلىپ كۆرسىتىش ئۇرۇنۇشىدەك تەسىرات پەيدا قىلغانلىقى مەلۇم.

خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تورىدا ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى 20-ئاپرېل خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ 1930-يىلى ماقۇللانغان مەجبۇرىي ئەمگەك ئەھدىنامىسى بىلەن 1957-يىلى ماقۇللانغان مەجبۇرىي ئەمگەكنى بىكار قىلىش ئەھدىنامىسىنى رەسمىي تەستىقلىغان. خوڭكوڭدا چىقىدىغان «جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتى ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ بۇ ھەپتە يۇقىرىقى ئىككى ئەھدىنامىنى تەستىقلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 20-ئاپرېل خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، خىتاينىڭ ھەرىكىتىگە قانداق باھا بېرىدىغانلىقىنى سورىدۇق. خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ ئاخبارات ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى روسىلىن يارد مۇخبىرىمىزغا ئەۋەتكەن يازما باياناتىدا، خىتاينىڭ بۇ قارارىنى قارشى ئالىدىغانلىقى، ئۇنىڭ يۇقىرىقى ئىككى ئەھدىنامىنى تەستىقلىشى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ھەر خىل شەكىللىرىنى بىكار قىلىش، خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ نېگىزلىك پرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىش توغرىسىدىكى ۋەدىلىرىنى كۈچەيتىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. باياناتتا: «خىتاي بۇ ئىككى ئەھدىنامىنى تەستىقلاش ئارقىلىق ئۆز ھوقۇق دائىرىسىدىكى مەجبۇرى ئەمگەكنىڭ ھەر خىل شەكىللىرىنى بىكار قىلىش، بىر مىليارد 400 مىليون خەلقىنىڭ ئەركىن ئىشلەش ۋە خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ ئەمگەك ساھەسىدىكى نېگىزلىك پرىنسىپى ۋە ھەق-ھوقۇقلىرىغا ئەمەل قىلىش توغرىسىدىكى ۋەدىسىنى كۈچەيتىدۇ» دېيىلگەن. باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، يۇقىرىقى ئىككى ئەھدىنامە بىلەن خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ خىتاي رەسمىي تەستىقلىغان ئەھدىنامىلىرىنىڭ سانى 28 گە يەتكەن.

خىتاينىڭ يۇقىرىقى ئىككى ئەھدىنامىنى تەستىقلىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى كارخانىلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقان لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ياكى «نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش» نامىدىكى مىليونلىغان ئۇيغۇر ئىشلەمچىلىرىنىڭ ئەھۋالى قانداق بولىدۇ، دېگەن سوئالغا مەركەزلەشتۈرگەن. لېكىن چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي بۇ ئىككى ئەھدىنامىنى تەستىقلىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ ئۇيغۇر ئىشلەمچىلىرىنى كارخانىلاردا تۇتۇپ تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىكەن.

ئامېرىكادىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى، ئاتاقلىق ئۇيغۇرشۇناس ئادرىيان زېنز مۇنداق دەيدۇ: «ئەلۋەتتە، خىتاي ئۈچۈن ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىش ئورۇنلىرىنى تەسىسى قىلىش ئاسان. چۈنكى، ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش ياكى تۇتۇپ تۇرۇش، لاگېرلىرىدىكىلەرنى ئەمگەككە ئورۇنلاشتۇرۇشنى يوشۇرۇش ھازىر تېخىمۇ ئاسانلاشتى. چۈنكى، خىتاينىڭ بۇنىڭ بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقىنىغا بىر قانچە يىل بولۇپ قالدى. ئۇلارنى كارخانىلاردا داۋاملىق ئىشلەشكە تۇتۇپ تۇرۇش ئاسانلاشقان بولۇپ، بېيجىڭ چوڭ ئۆزگىرىش قىلىشقا ئېھتىياجلىق ئەمەس. چۈنكى، ئىشلەمچىلەر زاۋۇتلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ بولۇنغان. شۇڭا، خىتاي ‹بۇلار بۇ يەردە بۇرۇندىن ئ‍ۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئىشلەۋاتقانلار›دېيىشى مۇمكىن.»

خىتاي ئۆتكەن بىر قانچە يىل مابەينىدە ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى ۋە مەجبۇرى ئەمگەك تۈپەيلى غەرب ئەللىرىنىڭ جازالىشىغا ئۇچراپ، ئېكسپورت بازىرى تارىيىشقا باشلىغانىدى. كانادا ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى مەمەتتوختى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بۇ ئامىل ئۇنىڭ يۇقىرىقى ئىككى ئەھدىنامىنى تەستىقلاشقا مەجبۇر بولۇشىدىكى مۇھىم سەۋەب ئىكەن. لېكىن مەمەت توختى ئەپەندى 20-ئاپرېل بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا يەنە خىتاينىڭ ئ‍وخشاشلا بۇ ئەھدىنامىلەرنىڭ روھىغا ئەمەل قىلمايدىغانلىقى، مەجبۇرىي ئەمگەكنى تەكشۈرىمىز دېسە، ئۇنىڭغا خۇددى ھازىرقى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ھەر خىل توسۇقلارنى قويغاندەك توسۇق قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

لېكىن دوكتور ئادرىيان زېنزنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي بۇ ئىككى ئەھدىنامىنى تەستىقلىغاندىن كېيىن ھېچبولمىغاندا قەغەز يۈزىدە بولسىمۇ، ئەمگەك شارائىتىنى ياخشىلاشقا ۋە قانۇنى رامكا تەسىس قىلىشقا تىرىشىدىكەن. بىراق ئۇ، كىشىلەر ئىشلەشكە مەجبۇرلىنىدىغان مەجبۇرىي ئەمگەك مۇھىتىدا ئەمگەك ئۆلچىمىنىڭ قانداق ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەسلىكىنى كۆرسەتتى.

ئادرىيان زېنز مۇنداق دەيدۇ: «ئەلۋەتتە، شىنجاڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە قاتنىشىشى ھۆكۈمەتنىڭ مەجبۇرلىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بولدى. خىتاي شىركەتلىرى ئۇيغۇرلارنى ئىشلىتىش ئۈچۈن شىنجاڭغا جەلپ قىلىندى. شۇڭا، خىتاي ھېچبولمىغاندا قەغەز يۈزىدە بولسىمۇ، ئەمگەك شارائىتىنى ياخشىلاش ۋە قانۇنى رامكا تۇرغۇزۇشقا تىرىشىدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئۇيغۇرلارنى ئىشتا تۇتۇپ تۇرۇشتۇر. ئەلۋەتتە، بۇ تېخىمۇ قىممەتكە چۈشىدۇ. بۇ شىنجاڭدىكى مەجبۇرلاش سىستېمىسى بولۇپ، ئەمگەك ئېكسپىلاتاتسىيەسى تەھدىتى ۋە خەۋپى يەنىلا ئېغىر. كىشىلەر مەجبۇرىي ئىشلەيدىغان ياكى مەلۇم شەكىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىنىدىغان بىر مۇھىتتا ئەمگەك ‍ئۆلچىمىنىڭ قانداق ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس.»

خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى يۇقىرىقى ئىككى خەلقئارالىق ئەھدىنامىنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچىلېت كېلەر ئايدا ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىدىغان شۇنداقلا ئامېرىكا پرېزىدېنتى بايدېننىڭ ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئىمزالىغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلايدىغان بىر ۋاقىتتا تەستىقلىغان. بۇ يىل 6-ئايدا رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلايدىغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» شىركەتلەردىن ئامېرىكاغا ئىمپورت قىلىدىغان مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكتە ئىشلەپچىقىرىلمىغانلىقىنى ئىسپاتلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئامېرىكا «بلومبېرگ خەۋەرلىرى» ئاگېنتلىقىنىڭ 20-ئاپرېل بەرگەن بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ پرېزىدېنتى يورگ ۋۇتكې، «خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى سىياسىتى ھەقىقىي رەۋىشتە ئ‍ۆزگەرمەي تۇرۇپ»، بۇ ئىككى ئەھدىنامىنى تەستىقلاش بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئ‍ۆزگەرمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.