ئەنەس كەنتەر: «شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك تىلەيمەن!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021-11-01
Share

ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئەيىبلەش چۇقانلىرىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ پۇقراۋى تەشكىلاتلارنىڭ بۇ مەسىلىنى تېخىمۇ ياخشى تونۇتۇش تىرىشچانلىقلىرى يېقىندىن بۇيان كۆپلىگەن خۇشاللىنارلىق ئۇتۇقلارغا ئېرىشمەكتە. 30-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئالدىدىكى ئاممىۋى مەيداندا ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە يىغىلىشنى ئەنە شۇ خىل ئۇتۇقلارنىڭ بىرى دېيىشكە بولىدۇ.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلار ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى شۇ كۈنى بىر مەيدان زور كۆلەملىك بىرلەشمە يىغىلىش ۋە نۇتۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. پائالىيەتنىڭ مەركىزىي تېمىسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدە مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇن لايىھىسى» نى ماقۇللاش خىزمىتىنى تېزلىتىش بولۇپ، بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئارقىلىق مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئاددىيلا «زامانىۋى قۇللار ئەمگىكى» بولماستىن پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق ۋىجدانىغا ۋە مەسئۇلىيىتىگە چېتىشلىق زور مەسىلە ئىكەنلىكى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەندى. پائالىيەت مەيدانى ئېلان قىلىنغان ۋاقىتتىن بالدۇرلا ئاي-يۇلتۇزلۇق «شەرقىي تۈركىستان بايرىقى»، شۇنىڭدەك تىبەت ۋە خوڭكوڭلۇقلارنىڭ بايراقلىرىنى كۆتۈرگەن نەچچە يۈز كىشى بىلەن كۆتۈرەڭگۈ روھقا تولغان ئىدى. يەنە كېلىپ پائالىيەت ئورنىنىڭ يىل بويى توپ-توپ ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئالدىدا بولۇشى ئاشۇ يوچۇن كىشىلەرگىمۇ بۇ جايدىكى پائالىيەتتىن ئۇچۇر بەرمەكتە ئىدى.

پائالىيەتكە ئۆتكەن بىرنەچچە ھەپتىدىن بۇيان ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى چوڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۆزىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى ئەيىبلەش بىلەن ھەرقايسى ساھەنىڭ دىققەت مەركىزىگە ئايلىنىپ قالغان داڭلىق ۋاسكېتبول چولپىنى ئەنەس كەنتەرنىڭمۇ قاتناشقانلىقى بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ كەيپىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقاردى.

بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن سەل ئۆتكەندە ئەنەس كەنتەر ھەمراھلىرى بىلەن مەيدانغا كىرىپ كەلگەندە يىغىلىش ئەھلى گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ۋە قىيقاس-چۇقانلار بىلەن ئۇنى قىزغىن قارشى ئالدى.

پائالىيەت كۈنتەرتىپى بويىچە ئەنەس كەنتەر ئالدى بىلەن سۆز ئالدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەردوغان ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەش بىلەن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىدەك رېئاللىقتىن گەپ باشلاپ نۆۋەتتە ئادالەت ۋە ھەققانىيەت ئۈچۈن سۆز قىلغۇچىلارنىڭ ھەرقاچان تەقىبكە ۋە رەزىللەرچە ئېلىنىدىغان «قىساس» قا گىرىپتار بولۇۋاتقانلىقىنى، نۆۋەتتە سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ دەل مۇشۇنداق قىسمەتكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى شۇ قەدەر ئېغىر زۇلۇملارنى ئىجرا قىلىۋاتقاندا دۇنيادىكى شۇنچە كۆپ ساھەنىڭ بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقىنى، دەل مۇشۇ ئاچچىق رېئاللىق ئۇنى ھەقىقەت ئۈستىدە سۆز قىلىشقا ئۈندىگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئەنەس كەنتەر سۆزىنىڭ ئاخىرىدا مىكروفون ئارقىلىق ئۆزىنىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا يوللىغان چاقىرىقىدا يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇرلارنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ بۇ ئۇچۇرلىرىدىكى مۇنۇ جۈملىلەر يەنە بىر قېتىم يىغىن ئەھلىنىڭ يۈرەك تارىنى چەكتى.

ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىم، ھەدە-سىڭىللىرىم! ئۇيغۇرلارغا ھۆرلۈك تىلەيمەن. بەردەم بولۇش بىلەن بىرگە خىتاي كومپارتىيەسىدىن ئاتا-ئاناڭلارنىڭ ھەمدە قوۋم- قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ قەيەردىلىكىنى سوراشتىن قەتئىي توختاپ قالماڭلار. خىتاي ھازىر قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتىدۇ. ئەركىنلىكىڭلارنى قولغا ئالغۇچە ھەرگىز توختىماڭلار! شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك!»

ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا تارىخنىڭ ھەرقاچان ئىككى خىل شەكىلدە يېزىلىدىغانلىقىنى، بىرى كىشىلەر ھېچ ئىش قىلماي ئولتۇرۇۋەرسە تارىخنى باشقىلارنىڭ قانداق يازىدىغانلىقىغا قاراپ ئولتۇرۇشتىن باشقا ئاقىۋەت ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى، يەنە بىرى كىشىلەر ئورنىدىن دەست تۇرۇپ تارىخ يازغۇدەك بىر ئىش قىلغاندا تارىخنىڭ باشقىچە يېزىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «مۇسا پەيغەمبەر، ئەيسا پەيغەمبەر، ساكيا مۇنى (بۇددا)، ئىبراھىم پەيغەمبەر ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىن تارتىپ ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەر زىيانكەشلىككە ئۇچراپ كەلگەن. ئەمما بۇ كىشىلەر ھەرقاچان زالىملارغا، دىكتاتورلارغا ۋە پىرئەۋنگە قارشى كۈرەش قىلىشنى تاللىغان بەردەم كىشىلەر بولغان. ئۇلار كۆككە تەلمۈرۈپ كىم بىزگە ياردەم قىلىدۇ؟ ياردەم قەيەردە؟ دەپ سوئال قويغان. شۇنداق بولغانىكەن سىلەر قانداق قىلماقچى؟ بىز جەزمەن ئۆزىمىزنىڭ قارارىنى ئۆزىمىز چىقىرىشىمىز كېرەك. سىلەر ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا تەييارمۇ؟!» دەپ سوئال قويدى.

بۇ قېتىمقى يىغىلىش پائالىيىتىگە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى بىر قىسىم خادىملار، جۈملىدىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ يازما باياناتلىرىنى ئەۋەتكەن ئىدى.

شۇلار قاتارىدا يىللاردىن بۇيان ئامېرىكا ھۆكۈمەت دائىرىسىدە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇن لايىھىسى» نىڭ ماقۇللىنىشى ئۈچۈن ھارماي-تالماي خىزمەت قىلىۋاتقان ماركو رۇبيو، توم سۋازى قاتارلىقلارنىڭ باياناتى ئوقۇپ ئۆتۈلگەندە مەيداندا يەنە بىر قېتىم ئالقىش ياڭرىدى.

بولۇپمۇ توم سۋازى ئەپەندىنىڭ مۇنۇ سۆزلىرى يىغىلىش ئەھلىگە ئالاھىدە تەسىر قىلدى: «ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا بىز خىتاي ھۆكۈمىتى سادىر قىلىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر ھەققىدە سۆز قىلىۋاتىمىز. خىتاي كومپارتىيەسى بۇنىڭ ھېسابىنى بېرىشى كېرەك. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بولسا ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشىنى ھىمايە قىلىشى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىگە شېرىك بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىشى لازىم. بۇنىڭدىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك چارە كەلتۈرۈپ تۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاجىز يېرىگە تازا بىرنى قويۇش كېرەك. دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن مەن بۇ قانۇن لايىھىسىنى ماقۇللىتىشقا پۈتۈن زېھنىمنى سەرپ قىلىۋاتىمەن. چۈنكى بىزنىڭ خىتايدىن ئىمپورت قىلىۋاتقان ئەرزان مەھسۇلاتلىرىمىز ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن پۈتۈپ چىقىۋاتىدۇ. بۇ ئىشلار ھەممىمىزنىڭ ۋىجدانىنى ئويغىتىشى لازىم.»

يىغىلىشقا كەلگەن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ خادىمى جەۋھەر ئىلھاممۇ نۆۋەتتىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى ھەققىدە سۆز قىلدى. ئۇ ئۆزىگە ئوخشاش سانسىزلىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن جۇدا بولغان ھالدا خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ پاختا بازىسى بولغان ئۇيغۇر دىيارىدا «زامانىۋى قۇللار» غا ئايلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ بۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەك ھەمدە ئۇنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىگە قارشى تۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتتى.

يىغىلىشقا تىبەتلەر ۋە خوڭكوڭ دېموكراتچىلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشقان بولۇپ بۇلارمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى ھەمدە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى» نى ماقۇللاشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

شۇلاردىن «ئەركىن تىبەت ئوقۇغۇچىلىرى» تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى لوبساڭ سېتېن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختىلىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى ھەرقاچان ئۆزلىرىنىڭ ئەمگەك ھالقىلىرىدا قانۇنىي تەرتىپنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېيتىپ كېلىۋاتىدۇ. ئەمما بىز شەرقىي تۈركىستاندىكى رېئاللىقتىن بۇنىڭ پۈتۈنلەي يالغانچىلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتتۇق. شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىق بۇنى تېخىمۇ ئاشكارا نامايان قىلماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە ھەققانىيەتنى ياقلىغان ئەنەس كەنتەرگە ئالاھىدە تەشەككۈر ئېيتىمىز. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىمۇ بۇ قانۇن لايىھىسىنى تېزدىن ماقۇللاشقا چاقىرىمىز» دېدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى قۇززات ئالتايمۇ يىغىلىشتا ئالاھىدە سۆز قىلدى. ئۇ ئەنەس كەنتەرنىڭ شىجائىتى ۋە ئادالەتنى ياقلىشىغا يۈكسەك ئاپىرىن ئوقۇش بىلەن بىرگە يىللاردىن بۇيان دىكتاتورلۇقنى ئەيىبلەپ كەلگەن شۇنچە كۆپ مەشھۇر «زات» لارنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كەلگەندە زۇۋانى ئىچىگە چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى، يەنە كېلىپ خىتايدىن كېلىدىغان ئىقتىسادىي مەنپەئەتنىڭ ئۇلارنى خىتاي ھەققىدە زۇۋان سۈرمەس قىلىپ قويغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ «قۇللار ئەمگىكى» بەدىلىگە پۈتۈپ چىقىۋاتقان مەھسۇلاتلارنى سېتىشتىن باي بولۇۋاتقان نىكە شىركىتىنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇن لايىھىسى» كە قارشى پائالىيەتتە بولۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ «بۇ ئاشكارا ھالدا ‹بىز قۇللار ئەمگىكىنى قوللايمىز› دېگەنلىككە باراۋەر» دېدى.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ قايسى دەرىجىدىكى قورقۇنچلۇق سەۋىيەگە بېرىپ يەتكەنلىكى لاگېر شاھىتلىرىدىن زۇمرەت داۋۇت، تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن، گۈلزىرە ئاۋۇلقان قاتارلىقلارنىڭ بايانلىرىدا يەنە بىر قېتىم ئەكس ئەتتى. بولۇپمۇ تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇننىڭ «ئەمەلىيەت شۇنداق بولغانىكەن، بىزنىڭ جان چىقىپ كېتىدىغان ئىش بولسىمۇ ‹خىتايدا ئىشلەنگەن› دېگەن ماركا بېسىلغان ھەرقانداق توۋارنى سېتىۋالماسلىقىمىز بۇنىڭدىكى بىرىنچى قەدەم. بىز بۇنى ئۆزىمىزدىن باشلىشىمىز كېرەك» دېگەن سۆزى قىزغىن ئالقىشلاندى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى قۇززات ئالتاي مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار لاگېرلاردىن قويۇپ بېرىلگەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئاياپ بۇ خىلدىكى پائالىيەت سورۇنلىرىدىن چەتنەشكە باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىق ئۇيغۇر بولمىغان تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى بۇ سەپكە جەم قىلماقتا ئىكەن. شۇڭا بۇنداق ئەھۋالدا زامانىۋى قۇللۇق ئەمگىكىگە قارشى بولغان بۇ قانۇن لايىھىسىنى ماقۇللاشقا كۈچ چىقىرىش تېخىمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

بۇ قېتىمقى يىغىلىش پائالىيىتى ھەر ساھە كىشىلىرىگە ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى ھەققىدە بىر مەيدان جانلىق دەرس مۇنبىرى بولۇپ قالدى. شۇ سەۋەبتىنمۇ يىغىلىش بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن خېلىلا كېيىن ئاخىرلاشقان بولسىمۇ ھېچكىمنىڭ چىرايىدا قىلىچىلىكمۇ ئاغرىنىش ياكى ھارغىنلىق كۆرۈنمەيتتى.

يىغىلىش تۈگەپ ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ماركو رۇبىيو ئۆزىنىڭ تۋىتتېر بېتىدە بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئالاھىدە ھەمبەھىرلەپ «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقلىرىغا خاتىمە بېرىشنى ھەمدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇن لايىھىسى› نى تېزدىن ماقۇللىشىنى تەلەپ قىلىمەن» دېدى.

مەلۇم بولۇشىچە، 30-ئۆكتەبىر كۈنى كەچقۇرۇن ئەنەس كەنتەر توپ ئويناۋاتقان «بوستون سېلتىك» كوماندىسى بىلەن «ۋاشىنگتون ۋىزارد» كوماندىسى بۇ نۆۋەتلىك نبا يىللىق مۇسابىقىسىنىڭ تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت