ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دومىنىك رائاب 6-ئىيۇل ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ ئاۋام پالاتاسىدا گۇۋاھلىق بېرىپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يەرشارى كىشىلىك ھوقۇق ئېمبارگو مېخانىزمىنى ئىشلىتىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان ئەمەلدارلارغا نىشانلىق ئېمبارگو يۈرگۈزىدىغانلىقى، دەسلەپكى قەدەمدە بىرما، سەئۇدى-ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى 49 ئەمەلدارنى تىزىملىككە كىرگۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
بۇنىڭ بىلەن ئەنگلىيە ئامېرىكادىن كېيىن ئۆزىنىڭ ماگنىتىسكىي قانۇنىنى ئىشلىتىپ، كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلغان چەتئەل ئەمەلدارلىرىنى جازالاشقا كىرىشكەن 2-دۆلەت بولۇپ قالدى. لېكىن تىزىملىكنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنى خورلاۋاتقان، خوڭكوڭدا ئەركىنلىكنى باستۇرۇش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ بولماسلىقى ئەنگلىيە پارلامېنتىدا مۇنازىرە قوزغىغان.
ئەنگلىيە پارلامېنتى ئەزالىرىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئېمبارگو تىزىملىكىگە ئۇيغۇرلارنى خورلاۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلار ۋە خوڭكوڭ ۋالىسى كەرىي لىم كىرگۈزۈلۈشى كېرەك ئىكەن. ئەنگلىيە ئاۋام پالاتا ئەزاسى تام توگېنخات ئاۋام پالاتاسىنىڭ يىغىنىدا دومىنىك رائابنىڭ سۆزىگە ئىنكاس بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ «خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە كۆرۈنەرلىك سۈكۈت قىلغانلىقى» نى تەنقىدلىگەن.
تام توگەنخات مۇنداق دەيدۇ: «خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارىتا كۆرۈنەرلىك سۈكۈت قىلىش بار. بۇ يەردە مەيلى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلغان ياكى خورلىغان مەيلى خوڭكوڭ دېموكراتىيە پائالىيەتچىلىرىنى باستۇرغان كىشىلەرگە قارىتا ئېمبارگو ئېلان قىلىنىپ باقمىدى. مەن بۇ يەردىكى ھاۋا رايىغا ھەيرانمەن. بۇ بەلكىم ئېمبارگونىڭ 1-باسقۇچى بولغانلىقى ئۈچۈن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سىياسەتتىكى بۇ ئۆزگىرىش بىلەن ئەھۋالنى تولۇق ھېس قىلالمىغانلىقى ياكى ھاۋا رايىنى ئاڭقىرالمىغان بولۇشى مۇمكىن».
يىغىندا ئاۋام پالاتا ئەزاسى ھامىد خان ئىمران، يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر، باشقا مۇسۇلمانلار ۋە خرىستىئانلار خىتاي لاگېرلىرىغا قامىلىپ، ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق پرىنسىپلىرىغا خىلاپلىق قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭدا جاۋابكارلىقى بار ئەمەلدارلارنىڭ تىزىملىككە كىرگۈزۈلمىگەنلىكىنى تەنقىدلىگەن.
ئۇ «سىزگىمۇ مەلۇم بولغاندەك يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر، باشقا مۇسۇلمانلار ۋە خرىستىئانلار خىتاي لاگېرلىرىدا داۋاملىق قامىلىپ ياتماقتا. ئىنسان قېلىپىدىن چىققان بۇ لاگېرلار ئۇنىۋېرسال ھوقۇققا خىلاپلىق قىلىپ، ئەركىنلىكنى سۆيىدىغان كىشىلەر تەرىپىدىن مۇقەددەس، دەپ قارالغان ياشاش ۋە ئىبادەت ئەركىنلىكىگە دەخلى-تەرۇز قىلماقتا» دېگەن.
ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىقى قارارى ئەنگلىيەلىك ئادۋوكاتلار ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى رەھىمە ماھمۇت ۋە ئەنۋەر توختىغا ۋاكالىتەن ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاينىڭ خۇئاۋېي شىركىتىنى ب د ت غا شىكايەت قىلىپ ئارقىدىنلا ئېلان قىلىندى. ئادۋوكاتلار، خۇئاۋېي شىركىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ھەمكارلىشىپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا ياردەم قىلغانلىقى، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خۇئاۋېينى ئۈنۈملۈك چەكلىمىگەنلىكىنى ئەيىبلىگەنىدى.
ئەنگلىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، «خەلقئارا پارلامېنتلار بىرلىكى» نىڭ كوردىناتورى لۇك دې پۇلفورتنىڭ قارىشىچە، ئەنگلىيە خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا سادىر قىلىۋاتقان قەبىھ جىنايىتىنى جاۋابكارلىققا تارتىشى كېرەك ئىكەن. ئۇ خىتاينىڭ جىنايىتىگە ئالاقىدار ئىشەنچلىك دەلىللەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.
لۇك دە پۇلفورت مۇنداق دەيدۇ: «بىز ھازىر (ئۇيغۇرلارغا قارىتا) ھەقىقەتەن ئىنتايىن يامان بىر ۋەھشىيلىكنىڭ سادىر قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. بەلكىم ئىرقىي قىرغىنچىلىق سادىر قىلىنىۋاتىدۇ. بىز بۇنىڭ يۈز بېرىشىگە قاراپ تۇرساق بولمايدۇ. ئەنگلىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسىگە ئىمزا قويغان دۆلەت بولۇش سۈپىتىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئوخشاش قەبىھ قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاش مەجبۇرىيىتى بار. نۆۋەتتە، خىتاينىڭ غەربىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە نېمە بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە ئىشەنچلىك دەلىللەر بار. بۇنىڭغا چوقۇم خاتىمە بېرىلىشى، ئەنگلىيە چوقۇم بۇنىڭغا قارشى تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئېلىشى كېرەك».
ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دومىنىك رائاب ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، داۋاملىق ب د ت كۈنتەرتىپىگە قويىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. لېكىن لۇك دې پولفۇرت خىتاي قاتارلىق يامان غەرەزلىك دۆلەتنىڭ ب د ت دىكى ھالقىلىق ئورگانلارنى كونترول قىلىۋالغانلىقى، ئەگەر ب د ت ھەرىكەتكە كېلىپ، ئۇيغۇرلارنى قوغدىمىسا ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا سوئال قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دې پولفۇرت مۇنداق دەيدۇ: «ب د ت چوقۇم ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى، ب د ت ئومۇمى قۇرۇلتىيى ۋە خەۋپسىزلىك كومىتېتىدەك ھەر خىل ئورگانلىرىنى ئىشقا سېلىپ، خىتاينىڭ غەربىدىكى مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قوغداشنىڭ بىر يولىنى تېپىشى كېرەك. ئەگەر ئۇنداق قىلمىسا پۈتكۈل ب د ت نىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش سەۋەبى سوئال پەيدا قىلىدۇ. بىز بۇنى ھەل قىلىشنىڭ بىر چارىسىنى تېپىشىمىز كېرەك».
لېكىن دومىنىك رائاب ئەنگلىيە ئاۋام پالاتاسىدىكى گۇۋاھلىقىدا، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ھەقتىكى تەكلىپ پىكىرلەرنى ئەستايىدىل ئويلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دومىنىك رائاب مۇنداق دەيدۇ: «بىز بۇنىڭدىن كېيىنكى تەكلىپ پىكىرلەرگە ئەستايىدىل قارايمىز. لېكىن مەن كېيىنكى قەدەمدە يولغا قويۇلىدىغان قارار ھەققىدە ئالدىنالا پەرەز ياكى قىياسلاردا بولمايمەن. ئەمما بىز كېيىنكى قەدەمنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكىگە باش قاتۇرۇۋاتىمىز».
ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، شىكايەتتىكى يېتەرلىك دەلىل بولغان شەخسلەرگە نىشانلىق ئېمبارگو يۈرگۈزۈلۈپ، ئۇلارغا ۋىزا چەكلىمىسى قويۇلىدىكەن ۋە مال-مۈلكى توڭلىتىلىدىكەن. ئۇ «بىزنىڭ ھازىر بۇنى ئىجرا قىلىدىغان بىر مېخانىزمىمىز بار» دېگەن. ئەنگلىيە ئۆزىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە ئىزچىل دېلىغۇل بولۇپ كەلگەن.
لېكىن خىتاينىڭ يېقىندا خوڭكوڭ بىخەتەرلىك قانۇنى ماقۇللاپ، خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىگە سىياسىي ئۆكتىچىلىرىنى باستۇرۇش ھوقۇقى بېرىشى، ئەنگلىيەنىڭ خىتايغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى كەسكىنلەشتۈرگەن. ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى خۇئاۋېينى تامامەن چەكلەشنى ئويلاشماقتىكەن.
دومىنىك رائاب ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ھۆكۈمەتنىڭ خۇئاۋېينى ئامېرىكانىڭ سودا ئېمبارگوسى دائىرىسىدە تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭ ئالدىدا خىتاينىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ليۇ شاۋمىن ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئەنگلىيەنى ئاگاھلاندۇرغان. ئۇ «بىز سىزنىڭ دوستىڭىز بولۇشنى خالايمىز. لېكىن سىز خىتاينى دۈشمەن دۆلەتكە ئايلاندۇرماقچى بولسىڭىز، بۇنىڭ ئاقىۋىتىگە ئۆزىڭىز جاۋابكار بولۇشىڭىز كېرەك» دېگەنىدى.
0:00 / 0:00