دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن سۇنغان ئەرزى كۆرۈلۈشكە باشلىدى

0:00 / 0:00

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 2020-يىلى 23-ئاپرېلدا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق پاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەنگلىيەگە ئىمپورت قىلىنىشىنى چەكلىمىگەنلىكى سەۋەبىدىن ئەنگلىيە ئالىي سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلغانىدى. 2021-يىلى ئەنگلىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى مەزكۇر ئەرزنى قوبۇل قىلغانلىقىنى جاكارلىغان ۋە نەتىجىدە سوتنىڭ 2022-يىلى 25-ئۆكتەبىردە ئېچىلىدىغانلىقى بېكىتىلگەنىدى.

بۈگۈن، يەنى 25-ئۆكتەبىر كۈنى مانا بۇ داۋا ئەنگلىيە ئالىي سوت مەھكىمىسىدە كۆرۈلگەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ۋە ئۇنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىلىكىنى ئۈستىگە ئالغان «يەرشارى قانۇن ھەرىكەت تورى» ناملىق قانۇنچىلىق مەركىزى (GLAN) نىڭ ۋەكىللىرى ئەنگلىيە ئالىي سوتىغا يېتىپ كېلىپ سوتقا قاتناشقان. سوت مەيدانىغا يەنە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 3 ئورگىنى يەنى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، كىرىم ۋە تاموژنا ئىدارىسى ۋە دۆلەتلىك جىنايى ئىشلار ئىدارىسىدىن كەلگەن ۋەكىللەرمۇ يېتىپ كەلگەن.

25-ئۆكتەبىر سەيشەنبە كۈنىدىكى سوتنىڭ بىرىنچى بۆلىكىدە سوتچىلار ئەرز قىلغۇچى ئورۇن بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇر ۇلتىيىنىڭ قانۇنىي ۋەكىللىرىنىڭ ئەرزنامىسىنى ئاڭلاپ ئۆتكەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ لوندوندىكى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سوتتا «يەرشارى قانۇن ھەرىكىتى تورى» ئادوۋكاتلىرى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلغان مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىمەسلىك ئارقىلىق، ئەنگىلىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇنلىرىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى دەلىل-ئىسپاتلىرى بىلەن چۈشەندۈرگەن.

ئەنگلىيە ئالىي سوت مەھكىمىسىدە ئېچىلغان بۈگۈنكى سوتنىڭ ئىككىنچى بۆلىكىدە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 3 ئورگىنىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان قانۇنىي ۋەكىللەر ئۆزلىرىنى ئاقلىغان. يەرشارى قانۇن ھەرىكەت تورىنىڭ دېرىكتورى، ئادۋوكات گىرويد ئوكۇن(Gearoid O'Cunn) نىڭ رادىيومىزغا ئېيتىشىچە، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنىي ۋەكىللىرى سوتتا ئەنگىلىيەگە ئىمپورت قىلىنىۋاتقان پاختا مەھسۇلاتلىرىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بارلىقىغا ئائىت دەلىللەر يېتەرسىز، دەپ تۇرۇپ ئۆزىنى ئاقلىغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

«ئۇلار سوتتا بىر مالنىڭ كىرىشىنى چەكلەش ئۈچۈن چوقۇم ئۇ مالنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىقلىقىنى ئىسپاتلايدىغان يېتەرلىك دەلىل بولۇشى كېرەك، شۇندىلا بىز ئۇنى چەكلەيمىز، دېگەننى ئىلگىرى سۈردى. بىز بولساق، بىزنىڭ ئۇنى ئىسپاتلايدىغان يېتەرلىك دەلىلىمىز بار، بۇ دەلىللەر ھۆكۈمەتنىڭ كىرگەن ماللارنى تەكشۈرۈشى ۋە ئۇنى چەكلىشى ئۈچۈن ئاللىبۇرۇن يېـتەرلىك، دېدۇق. بىلگىنىڭىزدەك بىز سوت مەھكىمىسىگە مىڭ بەتتىن ئوشۇق پاكىت ماتىرىياللىرىنى ئەۋەتكەن، بۇ دەلىل ئىسپاتلاردا مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋەزىيىتى ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىرىلمىغان بولۇشى مۇمكىن ئەمەس».

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىملىق سوتقا تاپشۇرۇلغان ھۆججەتلەر ناھايىتى ئەتراپلىق تەييارلانغان بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئادوۋكاتلار ئەنگلىيە سوت مەھكىمىسىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە مۇناسىۋەتلىك دوكلاتلار، ھۆججەتلەر ۋە سۈنئىي ھەمراھ رەسىملىرى قاتارلىق نۇرغۇن ئىسپاتلار بلەن تەمىنلىگەن.

ئادوۋكات گىرويد ئوكۇن ئۆزلىرىنىڭ بۇ داۋادىن ئۈمىدى چوڭلۇقىنى، چۈنكى پاكىتلىرىنىڭ كۈچلۈكلىكىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«بىز داۋادا ئۆزىمىزنى كۈچلۈك ئورۇندا دەپ قارايمىز. چۈنكى، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئۆزى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە ئۇچراۋاتىدۇ، دەپ بەلگىلىگەن. ئەنگىلىيەنىڭ مەۋجۇت قانۇنلىرى ئاساسىدا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشى تەلەپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھازىرقىدەك ھەرىكەتسىز تۇرۇشىنىڭ ئۆزى قانۇنسىزلىقتۇر. بىزنىڭ بۇ داۋادا ئۆزىمىزگە بولغان ئىشەنچىمىز ئىنتايىن يۇقىرى. چۈنكى پاكىتلار ھەقىقەتنى سۆزلەيدۇ».

ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسى سەۋەبىدىن ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سوتقا تارتىلىشى ئەنگىلىيەدىكى ئاخباراتلاردىمۇ كەڭ ئورۇن ئالدى. ئەنگىلىيەدىكى ب ب س خەۋەر تورى، مۇھاپىزەتچى گېزىتى قاتارلىق نۇرغۇن مۇھىم ئاخباراتلار بۇ ۋەقەنى خەۋەر قىلدى. رەھىمە خانىممۇ سۆزىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىدە بىر تۇنجى بولۇپ ھېسابلىنىدىغان بۇ سوتنىڭ ناھايىتى ھاياجان ئىلكىدە باشلىغانلىقىنى ئېيتتى.

مەزكۇر سوت ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنىڭ تۇنجى قېتىم بىر چەتئەل سوتىدا كۆرۈلۈشى بولۇپلا قالماي، بەلكى تۇنجى قېتىم بىر چەتئەل ھۆكۈمىتىنىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي رەئىسى دولقۇن ئەيسا رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە مەزكۇر سوتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى بەدىلىگە كېلىۋاتقان تاۋارلار بىلەن چەك-چىگراسىنى ئايرىماسلىقنىڭ قانۇنسىزلىق ئىكەنلىكىنى ھەرقايسى دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سەمىگە سېلىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ شۇنداقلا بۇنىڭ باشقا دۆلەتلەردىمۇ مۇشۇنداق قانۇنىي تەرتىپ باشلاش ئۈچۈن ئۈلگە ياراتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئادوۋكات گىرويد ئوكۇن (Gearoid O'Cunn) مۇ سۆزىدە ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «مەجبۇرىي ئەمگەك ئاساسىدا ئىشلەپچقىرىلغان ماللارنىڭ ئەنگلىيە بازىرىغا ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ بازىرىغا بىخارامان كىرىشىگە يول قويۇش پەقەت ئەخلاقىي جەھەتتىن خاتا بولۇپ قالماي، بەلكى ئۇ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىق. بىز ئۇيغۇرلارنىڭ كۆرۈۋاتقان كۈنىگە ئىچ ئاغرىتىپ قويۇش بىلەنلا بولدى قىلماسلىقىمىز كېرەك، بەلكى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشىمىز ۋە چەك-چىگرىنى ئايرىشىمىز كېرەك».

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ سوت ئىككى كۈن داۋام قىلىدىغان بولۇپ، سوتنىڭ ئىككىنچى كۈنى يەنى 26-ئۆكتەبىر چارشەنبە كۈنىدىمۇ داۋاملىق ھەر ئىككى تەەپتىن دەلىل-ئىسپاتلار ئاڭلىنىدىكەن. ئاندىن بىر قانچە ھەپتىدىن بىر قانچە ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا سوت ھۆكۈمى ئېلان قىلىنىدىكەن.